«يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى»

日期:2022年10月26日
来源:天山网
【字体:

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى چۈشەندۈردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ يەن، دۇڭ بوتىڭ

10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تونۇشتۇردى، چۈشەندۈردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى چېن يىشىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جىنچۈەن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ فاڭيۈ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۈن يېلى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى چۈشەندۈردى ھەم مۇخبىرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقى، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى

مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جىنچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان دوكلاتتا خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە خۇلاسىلەندى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر بايان قىلىندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى ۋە ئەمەلىيەت يولى تۈزۈپ چىقىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلار تۈزۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ دوكلات جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، بىر پارچە ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

جياڭ جىنچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ جەۋھىرى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدە ئىككى نۆۋەت بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالدى، پىكىر ئېلىنغانلار 4700دىن ئاشتى ھەم تور ئارقىلىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر قوبۇل قىلدى، تاپشۇرۇۋېلىنغان پىكىر 8 مىليون 500 مىڭ پارچىدىن كۆپرەككە يەتتى، بۇ دوكلات يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرگەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەن، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، مۇقەررەركى پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىغا قارىتا مۇھىم، زور شۇنداقلا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنە مۇقەررەركى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ چۈشىنىشىگە پايدىلىق.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا 10 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر 16 جەھەتتىن خۇلاسىلەندى، يىغىنچاقلاندى، جياڭ جىنچۈەن ئەڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى ئالتە جەھەتتە دەپ قارىدى: بىرىنچى، «ئىككىنى تىكلەش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، ئۈچىنچى، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تۆتىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بەشىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئالتىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولدى.

«بۇ ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقى، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئېلىشىش، تىرىشىپ ئىشلەش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن، مۇقەررەركى تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ، مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ» دېدى جياڭ جىنچۈەن.

مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جياڭ جىنچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ھەر تەرەپلىمە، نېگىزلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك، تەسىرى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك بولغاچقا، «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالغان. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە: مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىنى تاۋلاپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشتى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

«ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ 2 - بۆلىكىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش مەخسۇس بايان قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۈن يېلى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ ئىدىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز شەرت.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»، يەنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش يېشىپ بايان قىلىندى. سۈن يېلى مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى.

«بىرىنچى بىرلەشتۈرۈش جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، پارتىيەمىز ئىزچىل تەكىتلەپ ۋە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبە، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئەڭگۈشتەر.» سۈن يېلى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتتا «ماركسىزمنى ئۆزگەرمەس دوگما قىلىۋالساق بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى، يەنە «بىز جەزمەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. مانا بۇ پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى مۇشۇ ئىدىيەۋى لۇشيەنگە ئەمەل قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن، شۇنداقلا مۇقەررەركى ئىدىيەۋى لۇشيەنگە ئەمەل قىلىپ داۋاملىق بېيىيدۇ، راۋاجلىنىدۇ.

«ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش جەزمەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنە چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بايان قىلىندى. بۇ، پارتىيە نەزەرىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىدا يېڭى ئەندىزە ياراتتى.» سۈن يېلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، تارىخنى چوڭقۇر يەكۈنلىگەنلىك، قانۇنىيەتنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەنلىك، شۇنداقلا كەلگۈسى نەزەرىيە تەرەققىياتىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلغانلىق بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى ئاڭ، يېڭى تونۇش يۈكسەكلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەمىز ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە، يەنى «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» چۈشەندۈرۈپ بايان قىلىندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش. «بۇ، بۇ ئىلمىي ئىدىيەنىڭ نەزەرىيەۋى پەزىلىتى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، بىز بۇ ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە بۇ ئاساسىي نۇقتىلارنى پۇختا ئىگىلىشىمىز، بۇ ئاساسىي نۇقتىلاردا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت» دېدى سۈن يېلى.

مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، سۈن يېلى مۇنداق بىلدۈردى: بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى جۇڭگوغا مەجبۇرىي تېڭىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، شۇنداقلا جۇڭگو ئەندىزىسىنى قەتئىي «سىرتقا چىقارمايمىز»، باشقا دۆلەتلەردىن جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى «كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش»ىنى تەلەپ قىلمايمىز. ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش تىرىشچانلىقىنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسى ئەھمىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دەپ كۆرسىتىلدى ھەم: بۇ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، دەپ تەكىتلەندى.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، تەرەققىيات داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تەرەققىيات سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندى.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش − زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، نوقۇل ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىگە قاراپلا باھا بېرىشكە بولمايدۇ، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە، يېشىل بولۇش ئومۇمىي ھالەتكە، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا، ھەمبەھرە تۈپ مەقسەتكە ئايلانغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» مۇ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شۇڭا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

«20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتلىك ۋە ئۇزاق كەلگۈسى ئەھمىيىتى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.» مۇ خۇڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قارىتا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى تونۇشتۇردى: بىرىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىش، ئۈچىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھاتتىن ھاياتىي كۈچ ئېلىش، تۆتىنچى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، بەشىنچى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش، ئالتىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش.

قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى مەخسۇس باب قىلىپ بايان قىلىنىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى نامايان قىلىندى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى چېن يىشىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تۇنجى قېتىم ئايرىم مەخسۇس باب قىلىپ بايان قىلىندى، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

چېن يىشىن مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنىمۇ رەسمىي ۋە تەنتەنىلىك رەۋىشتە ئېلان قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، قۇرۇلۇش قىلىشقا ماھىر بولغان، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قانۇنچىللىققا ئېتىقاد قىلىدىغان، قانۇنچىللىقتا چىڭ تۇرىدىغان، قانۇنچىللىق بەرپا قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى. نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قانۇنچىللىق مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە كېڭەيتتى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

«قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى، رولى، ئومۇمىي تەلىپى ۋە نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈپ بايان قىلىندى.» چېن يىشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بىرىنچى، قانۇنچىللىقنىڭ «پىروگرامما»سىغا ئەمەل قىلىش تەكىتلەندى، بۇ «پىروگرامما» دەل دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىدىن ئىبارەت. ئىككىنچى، قانۇنچىللىقنىڭ «قائىدە»سىنى ياخشى تۇرغۇزۇش تەكىتلەندى، بۇ «قائىدە» دەل دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۈچىنچى، قانۇنچىللىقنىڭ «مۇھىم نۇقتا»سىنى چىڭ كۆزلەش تەكىتلەندى، بۇ «مۇھىم نۇقتا» دەل دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. تۆتىنچى، قانۇنچىللىقنىڭ «تەلەپ»ىنى گەۋدىلەندۈرۈش تەكىتلەندى، بۇ «تەلەپ» دەل دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت. بەشىنچى، قانۇنچىللىقنىڭ «ئۇل»ىنى پۇختىلاش تەكىتلەندى، بۇ «ئۇل» دەل دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ فاڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا، جەزمەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئايرىم بىر بۆلەك قىلىنىپ، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش»قا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، تاڭ فاڭيۈ بۇ بۆلەكتىكى مەزمۇننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى «تۆت گەۋدىلەندۈرۈش» دەپ تونۇشتۇردى: پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

«تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى پارتىيە نىزامنامىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى تولۇق نامايان قىلىندى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەر تولۇق نامايان قىلىندى، پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.» تاڭ فاڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قارىتا دوكلات بىلەن پارتىيە نىزامنامىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، تاڭ فاڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش. پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە ۋە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى ۋە تارىخىي بۇرچى، پارتىيە قوشۇنىنىڭ غايەت زور كۆلىمى ۋە كەڭ تارقىلىشى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە كەسكىن خىرىسنىڭ ھەممىسى پەقەت قىسمەن دائىرىلىك ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن، پارچە - پۇرات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق، قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزاققا سوزۇلغان، ئادەتتىكىچە ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مەزمۇنى ئىلمىي، مۇھىم ئامىللىرى تولۇق، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس بولغان قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاش شەرت دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملىشى، جەزمەن چوڭ پارتىيەگىلا خاس بولغان قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى شەرت».

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پۈتۈن پارتىيەدىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاش تەلەپ قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا دائىر تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق بولغان ئاساسىي رىتىم ئارقىلىق ئىستىل توغرىلاش - ئىنتىزام چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ۋاڭ جيەنشىن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مۇساپىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، چىرىكلىك بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىش بىر مەيدان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىش بولۇپ، ئىلگىرىلەشكىلا بولىدۇكى، چېكىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، يېڭىشكىلا بولىدۇكى، يېڭىلىپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. جەزمەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇتلەق ئۈستۈن كۈچنى دائىم ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىققا تەڭ كۈچەپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، ئۇنىۋېرسال كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)