شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى

日期:2022年05月21日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلەشمە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق، خەۋپسىزلىك ئامىللىرى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. لېكىن، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرگىنى يوق، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ئۆزگەرگىنى يوق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچىمۇ ئۆزگەرگىنى يوق. خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئىجابىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوران - چاپقۇنغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەتكە مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغلىشىش پەقەت يېڭى زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيانىڭ تىنچلىقتىمۇ، خەۋپ - خەتەردىمۇ بىللە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەن يېقىندا يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە گۇرۇھلار قارشىلىشىشىنى توسۇپ، ئىنسانىيەت خەۋپسىزلىكى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھازىرقى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم. بەش دۆلەت تېخىمۇ كۆپ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق رىشتىنى چىڭىتىپ، مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق تورتىنى بارغانسېرى چوڭايتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى بارغانسېرى توپلاپ، بارغانسېرى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش گۈزەل ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.