​ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىڭلار، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە تىرىشىپ ئۈلگە بولۇڭلار

日期:2022年05月21日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، نەنجىڭ داشۆدىكى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ياش ئالىملارنى ئىلھاملاندۇردى​

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىڭلار، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە تىرىشىپ ئۈلگە بولۇڭلار

جاۋاب خەت

نەنجىڭ داشۆدىكى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ياش ئالىملار:

ياخشىمۇسىلەر! سىلەرنىڭ لى سىگۇاڭ، چېڭ كەيجيا قاتارلىق پېشقەدەم ئالىملارنى ئۈلگە قىلىپ، چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ پەن - مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلاردا تىرىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى سۆيۈندۈم. نەنجىڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىغا 120 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، سىلەرنى ھەم پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

سىلەر خېتىڭلاردا ئۇلۇغ دەۋرگە توغرا كەلگەنلىكنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بەخت ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ياشلارنىڭ «دۆلەت ئىشى»غا رىشتە باغلاپ، «دۆلەت مەسئۇلىيىتى»نى زىممىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپسىلەر، بۇ سۆزلەر ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان. يولداشلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاڭلىق ئىستەك قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە تىرىشىپ ئۈلگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچىڭلارنى پائال تەقدىم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

شى جىنپىڭ

2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى نەنجىڭ داشۆدىكى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ياش ئالىملارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ لى سىگۇاڭ، چېڭ كەيجيا قاتارلىق پېشقەدەم ئالىملارنى ئۈلگە قىلىپ، چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ پەن - مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلاردا تىرىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى سۆيۈندۈم. نەنجىڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىغا 120 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، سىلەرنى ھەم پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەر خېتىڭلاردا ئۇلۇغ دەۋرگە توغرا كەلگەنلىكنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بەخت ئىكەنلىكىنى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ياشلارنىڭ «دۆلەت ئىشى»غا رىشتە باغلاپ، «دۆلەت مەسئۇلىيىتى»نى زىممىگە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپسىلەر، بۇ سۆزلەر ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان. يولداشلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاڭلىق ئىستەك قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە تىرىشىپ ئۈلگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچىڭلارنى پائال تەقدىم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

نەنجىڭ داشۆنىڭ ئاساسى 1902 - يىلى قۇرۇلغان سەنجياڭ سىفەن شۆتاڭى بولۇپ، 1950 - يىلى رەسمىي نەنجىڭ داشۆ دەپ ئاتالغان. مەكتەپ قۇرۇلغان 120 يىلدىن بۇيان، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم خادىملار نەنجىڭ داشۆدە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت كۈرەش قىلىش ئىزىنى قالدۇردى، لى سىگۇاڭ، چېڭ كەيجيا قاتارلىقلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەردۇر. يېقىندا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ نەنجىڭ داشۆدە خىزمەت قىلغان 120 نەپەر ياش ئالىملار ۋەكىلى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.