شى جىنپىڭ كىرودىيە زۇڭتۇڭى مىلانوۋىچ بىلەن جۇڭگو - كىرودىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年05月15日
来源:天山网
【字体:

​لى كېچياڭ كىرودىيە زۇڭلىسى پىلېنكوۋىچ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كىرودىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مىلانوۋىچ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كىرودىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلدى، باراۋەر مۇئامىلىدە بولدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - كىرودىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خىرىسى ئالدىدا، جۇڭگو - كىرودىيە قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى داستانىنى پۈتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - كىرودىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مىلانوۋىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - كىرودىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق يېتەكلەپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مىلانوۋىچ مۇنداق بىلدۈردى: كىرودىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كىرودىيە زۇڭلىسى پىلېنكوۋىچ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - كىرودىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، پېليېشاتس چوڭ كۆۋرۈكى، سېن شامال ئېلېكتىرى قاتارلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش تۈرلىرى جۇڭگو - كىرودىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىدا ئۈلگە تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ كىرودىيە تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. پىلېنكوۋىچ مۇنداق بىلدۈردى: 30 يىلدىن بۇيان، كىرودىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى. كىرودىيە تەرەپ ئاكتىپ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كىرودىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدۇ.