«شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە نۇتۇقلىرى توپلىمى» ناملىق كىتابنىڭ 1 -، 2 - تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە نۇتۇقلىرى توپلىمى» ناملىق كىتابنىڭ 1 -، 2 - تومى يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ ئىككى توم دىپلوماتىيە نۇتۇقلىرى توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 3 - ئايدىن 2021 - يىلى 11 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدە خەلقئارا سورۇنلاردا سۆزلىگەن نۇتقى، سۆزى، تەبرىك سۆزى، بايانلىرى قاتارلىقلاردىن 136 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىسلىسىز تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسى دۇنياۋى زور ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۇنياۋى مالىمانچىلىق داۋامىدا خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ يەرشارىۋى نەزەر دائىرىسى ۋە بۇرچ - مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى ئارقىلىق، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار خەلقئارالىق سورۇنلاردا نۇتۇق سۆزلەش ۋە سۆز قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە باي بولغان، دەۋر روھىنى نامايان قىلىدىغان، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق توغرىسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراش، يېڭى تەشەببۇسلار شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق بولغان دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولغان خەلقئارا مۇھىت يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.