شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

日期:2022年05月11日
来源:天山网
【字体:

5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە سىجىل مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك، تەرەققىياتتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ، داۋالغۇپ ئۆزگىرىۋاتقان دەۋرگە تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇش جىددىي زۆرۈر بولماقتا. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇھىم تەسىر كۈچگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاشقا، جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئىجابىي، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك يۈرۈشۈشنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا ماسلىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقتا، بۇ قىممەتلىك تەجرىبە ۋە مۇھىم پىرىنسىپتا باشتىن ـ ئاخىر بىردەك چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى دەسلەپكى مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش سەمىمىي ئارزۇسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك چوڭ ئىشلارنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىشەنچى ئۆزگەرمەيدۇ. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېشىل مۇھىت قوغداش، مۇلازىمەت سودىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق ئورنىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا بىر ـ بىرى ئۈچۈن پۇرسەت، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىختىلاپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەدە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتى 3 ـ تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، 3 ـ تەرەپكە بېقىنمايدۇ، 3 ـ تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بۇ، ئىككى تەرەپ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش. ئىككى تەرەپ دىيالېكتىك، يىراق كەلگۈسى نەزەردە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا تونۇشنى چىڭ ساقلاپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇغراپىيەلىك سىياسىي كىرىزىسكە قارىتا، سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؛ يۇقۇمدىن كېيىنكى قايتا جانلىنىشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىگە قارىتا، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ يەرشارىۋى خىرىسقا قارىتا، دىققەتنى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا سۆھبىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى ئارقىلىق يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا پائال تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شولىز مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېرمانىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى بولدى، ئىككى تەرەپ ياخشى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسى، بېرىش ـ كېلىشىنى ساقلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گېرمانىيە ـ جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ماسلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۇھىم قارالمىلار توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، سودا سېلىنمىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، سەھىيە ـ داۋالاش، مائارىپ ـ مەدەنىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ، گېرمانىيە تەرەپكە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ پائال تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇپ، ئىشنىڭ ھەق ياكى ناھەق، يوللۇق ياكى يولسىز ئىكەنلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئىزچىل تۈردە ئۆزىگە خاس شەكىل ئارقىلىق ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى ياۋروپا خەۋپسىزلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى، كېڭىيىپ كېتىشى، يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلىنىش كېرەك. ياۋروپا تەرەپ تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ياۋروپانىڭ كەلگۈسى تىنچ ـ ئامانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىنى ياۋروپالىقلار ئۆز قولىدا ئىگىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.