يېڭى دەۋر ياشلىق ناخشىسىنى ياڭرىتايلى

日期:2022年05月06日
来源:天山网
【字体:

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلارغا ۋە ياشلار خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، دۇڭ بوتىڭ، جاڭ يەن

ياشلىق − كىشىلىك ھاياتتىكى ئالتۇن دەۋر، باھارغا ئوخشاش ھاياتىي كۈچكە تولغان، گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلغان مەزگىل.

«ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىز باسار بولۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلار خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىنى پىلانلاپ، كەڭ ياشلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر ئېقىنىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

سەمىمىي ئۈمىد، سەمىمىي مۇھىم تاپشۇرۇق −

باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يولباشچى بولدى

«ياشلىق باھارىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز» «گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈۋرۈكى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمىز»... 2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈنگە جايلاشقان جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ مەكتەپ قوروسىدا، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاراڭلىق قەسىمى ياڭرىدى.

4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان بۇ تۇنجى يېڭىچە مۇنتىزىم داشۆگە كېلىپ، كەڭ ياشلارغا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ياشلىق باھارىڭلارغا يۈز كېلىپ، دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارى مۇسابىقە يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ زامانىمىز ياشلىرىغا مۇناسىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار!»

100 يىل ياشلىق باھار ئۇرغۇغان مەزگىل، ياشىسۇن ياشلىق. «ياشلىقتىكى غايە، ياشلىقتىكى ھاياتىي كۈچ، ياشلىقتىكى كۈرەش جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى».

1919 - يىلى، ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان 4 - ماي ھەرىكىتى قاتتىق ئۇيقۇغا پاتقان زېمىننى ئويغىتىپ، بىر ئۇلۇغ ئويغانغان دەۋرنى باشلىدى؛

1921 - يىلى، ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولغان بىر توپ ياش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ پارلاق يولىنى ئاچتى، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان غايەت زور دولقۇننى قوزغىدى؛

1922 - يىلى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملىدى، پارتىيەنىڭ قەدىمىگە زىچ ئەگىشىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدەندى؛

...

تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرى ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان تولۇپ تاشقان سادىق قەلبى بىلەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتتى.

ياشلىق باھار − پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن 100 يىلدىن بۇيان ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن روشەن گېن.

«پارتىيەمىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى مۇجەسسەملەنگەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىش، كەڭ ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، كەڭ ياشلارغا تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

ياشلار قەدىمىي مىللەتنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىشىدىكى جۇشقۇن كۈچ.

2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى 4 - ماي ياشلار بايرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

«دۆلىتىمىز ياشلىرىنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىدىغان گۈزەل ئارزۇسى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش تارىخىي مۇساپىسى بىلەن زىچ باغلانغان.» چېھرىدىن ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان ھەربىر چىرايغا قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسىنى مۇنداق چوڭقۇر ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «جۇڭگو ئارزۇسى بىزنىڭ، تېخىمۇ مۇھىمى سىلەر ياش بىر ئەۋلادنىڭ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى كەڭ ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا ھامان رېئاللىققا ئايلىنىدۇ».

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ، بىر دەۋر ياشلىرىنىڭ شۇ دەۋر ياشلىرىغا خاس بۇرچى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش ئوقۇغۇچىلاردىن زور ئۈمىد كۈتتى. ئۇ ياش دوستلارغا مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى 20 ياش ئەتراپىدا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان چاغدا، نۇرغۇن كىشى تېخى 60 ياشقىمۇ كىرمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا سىلەر ۋە مىليونلىغان ياشلار پۈتۈن مۇساپىگە قاتنىشىسىلەر.

ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىك كەلگۈسىگە ئېرىشكەنلىكتۇر.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر مەۋقەنى «پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت چوڭقۇر ۋە ئۇزاق كەلگۈسى ئويلىنىشقا قويۇپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ياشلار خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى»؛

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ياشلار ۋە ياشلار خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس توختالدى؛

4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا «ياشلىق باھارىڭلارنى ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش داۋامىدا تېخىمۇ يارقىن جۇلالاندۇرۇڭلار» دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقاردى؛

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، «كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا» دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن رىغبەتلەندۈردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق مۇھىم سورۇنلاردا قايتا - قايتا تەكىتلەپ، دائىم ياد ئېتىپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىرلىكتە ياشلارغا يېقىنلىشىش، ياشلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا يېتەكلەپ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلدى، ياشلارغا كۆيۈندى، ياشلارنى تەربىيەلىدى، ياشلارنى يېتەكلىدى.

يامغۇردىكى بۇ كۆرۈنۈش سانسىزلىغان ياشلارغا ئىللىقلىق بەخش ئەتتى.

2016 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسىگە كەلدى. تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىش ئالدىدا، كۇتۇپخانىدىن چىقىۋاتقاندا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي ئۇزاتقىلى چىققان ساۋاقداشلار ئارىسىغا كېلىپ، بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. بۇ ھالەت ئون نەچچە مىنۇت داۋاملاشتى، يامغۇر باش شۇجىنىڭ كىيىمى ۋە ئايىغىنى ھۆل قىلىۋەتتى...

نەق مەيداندىكى ياش ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ قولى مېھىرلىك، كۈچلۈك ئىكەن، كىشىگە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلايدىكەن».

«ھەر يىلى 4 - ماينىڭ ئالدى - كەينىدىكى مۇشۇ ۋاقىتنى مەن ياشلارغا قالدۇرۇپ قويغان» − بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈچۈن بېكىتكەن بىر پىرىنسىپ.

نامەلۇم كۆل بويىدا ياشلىق باھارىغا ئائىت شېئىر دېكلاماتسىيەلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشتىن چىڭخۇايۈەندە تېخنىكا تەجرىبىسىنى كۆرۈشكىچە، ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسىدىكى ياشلىق باھارى توغرىسىدىكى سۆھبەتتىن چاۋخۇ كۆلى ساھىلىدىكى ياشلار سۆھبىتىگىچە... ھەر قېتىم ياشلار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە، مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە ياشلار ئارىسىغا كېلىپ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ياشلىق تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلىدۇ.

ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئارزۇ ئەترىتى»نى بەرپا قىلىدىغان ئارزۇنى روياپقا چىقارغۇچىلارغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ ياش ئەمگەكچىلەرنى «ماھارەت يېتىلدۈرۈپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىش»قا رىغبەتلەندۈردى؛ ياش پىدائىيلارنى «ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى يېزىش»قا ئىلھاملاندۇردى؛ ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى «تىرىشىپ مەشىق ئەلاچىلىرى، تېخنىكا ماھىرلىرى، ماھارەت كۆرسىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش»قا ئۈندىدى...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى، سەمىمىي تاپشۇرۇقلىرى يېڭى دەۋردىكى ياشلارنى دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي، داۋاملىق قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى.

چىن قەلبىدىن كۆيۈنۈش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش −

باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر قېتىملىق جانلىق «ئوچۇق دەرس» ئاۋمېن داشۆسىنىڭ خېڭچىن مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىگە 15 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى بۇ يەرگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە زامانىمىز ياشلىرى» باش تېمىسىدىكى سالونغا قاتناشتى.

«مەنمۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قىزغىن ھىمايە قىلغۇچىسى، سادىق ئۆگەنگۈچىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش كەچۈرمىشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى: ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرىمدىن باشلاپ ھازىرغىچە، بوش ۋاقتىم بولسىلا بىرەر كىتابنى ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرەتتىم، ھەر قېتىم كىتاب كۆرۈشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا، «سۇ بويىدا» ۋە «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى ئوقۇغانىدىم. كېيىن يەتتە يىل دېھقان بولغاندىمۇ ئىزچىل ئۆگەندىم، بىلىم توپلىدىم. ھازىرغىچە، بوش ۋاقتىم بولسىلا جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىمەن، يەنىلا «كىتاب قولۇمغا چىقسىلا، چەكسىز خۇشاللىق ھېس قىلىمەن».

ئۆزى ئۈلگە بولۇپ تەربىيە بېرىش سۆز بىلەن تەربىيە بەرگەندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن، ھەقىقىي ھېس قىلغان سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمىشە ياشلارنى چوڭقۇر ئىلھامغا ئىگە قىلدى.

2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشۆگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. دوكتور ئاسپىرانت چىن چۇڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاندىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىش، ياساش بىلەن شۇغۇللانماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش شۇجى ئۆزىنىڭمۇ ياش ۋاقتىدا چەت ئەلگە چىقىش بىلەن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، لېكىن ئاخىرىدا «ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىش» دېگەن ئوي بىلەن دۆلەت ئىچىدە قېلىش، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىشنى تاللىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئېتىقاد، ئارزۇ، كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشقا تولغان كىشىلىك ھايات ئاندىن ئەھمىيەتلىك كىشىلىك ھايات ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەردىن چىن چۇڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. كېيىن ئۇ جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىگە قايتىپ ئۆسمىگە قارشى دورىلارنى تەتقىق قىلىش، ياساش بىلەن شۇغۇللاندى.

«ھازىر، ياشلىق باھارىمىزدا كۈرەش قىلىمىز؛ كەلگۈسىدە، ياشلىق باھارىمىزنى ئەسلەيمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ياش دوستلارغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، ياشلارنى كۈرەش قىلىپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ كەلدى.

ئۆزىنى تەربىيەلەش توغرىسىدا توختىلىپ، باش شۇجى «كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈگمىسىنى باشتىلا ياخشى ئېتىش كېرەك» دېگەن جانلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ياشلارنى توغرا قىممەت يۆنىلىشىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.

ئۆگىنىش ئۈستىدە توختىلىپ، باش شۇجى تاغلارغا چىقىپ قوي باققان، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇغان زىيالىي ياش چاغلىرىنى ئەسلەپ، ياشلارنىڭ ئۆگىنىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئارزۇسىنى ئۆگىنىشتىن باشلاش، كەسىپتە ئىقتىدارغا تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ساغلاملىقنى تىلغا ئېلىپ، باش شۇجى ئۆزىنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان قىزىقىشىنى تونۇشتۇرۇپ، ياشلارنى ھەم ياخشى ئۆگىنىش، ھەم ساغلام بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

دۇنياغا نەزەر سېلىپ، باش شۇجى ھەرقايسى دۆلەت ياشلىرىنىڭ زوق ئېلىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئورتاق بەھىر ئېلىش قارىشى بىلەن دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئىناق بىللە ياشاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى...

ئېتىقادنى چىڭىتىشتىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقىچە، ئۆزىنى تەربىيەلەشتىن بىلىم ئېلىش، كەسىپ تاللاشقىچە، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقتىن يېڭىلىق يارىتىش، كۈرەش قىلىشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ياشلار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئاڭلاپ قوبۇل قىلالايدىغان سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەربىر قەدىمىنى ياخشى بېسىشقا يېتەكلىدى.

2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى مەخسۇس ياشلار توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگو ياشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوبيېكتىپ نامايان قىلىندى.

2018 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى.

بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى يېپىلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، سايلانغان ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەردىن ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتىدۇ. سىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەلەپچان بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، قائىدىگە رىئايە قىلىپ، يېڭى دەۋر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

ياشلار يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچىلەر؛ ياشلار خىزمىتىمۇ جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى شەرت.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلار خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ياشلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

«ياشلار خىزمىتىدە چىڭ تۇتۇلىدىغىنى ھازىر، ۋارىسلىق قىلىنىدىغىنى يىلتىز - تومۇر، يۈزلىنىلىدىغىنى كەلگۈسى»؛

«ياشلار قەيەردە بولسا، ئىتتىپاق تەشكىلاتى شۇ يەردە قۇرۇلىدۇ؛ ياشلارنىڭ قانداق ئېھتىياجى بولسا، ئىتتىپاق تەشكىلاتى قاراتمىلىقى بولغان خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك»؛

«ئىتتىپاق خىزمىتىنى ئىشلىگەندە <ئەزەلدىن قەھرىمانلار ئۆسمۈرلۈكتىن يېتىلىدۇ> دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك»؛

«كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى، باشتىن - ئاخىر ئىلغارلىقنى ساقلىشى كېرەك»؛

«ياشلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلارغا بولغان ھېسسىياتنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ياشلار بىلەن دوستلىشىش، ياشلارنىڭ <ئەمەلدار>ى بولماسلىق»؛

...

ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندىن نىشان - ۋەزىپىگىچە، مەسئۇلىيەت - بۇرچتىن يول - ئۇسۇلغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ قانداق ياشلارنى تەربىيەلەش، ياشلارنى قانداق تەربىيەلەش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ياش ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

2015 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىدىكى 1 - قېتىملىق مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» «ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» «مەركىزىي كومىتېت ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ تارقىتىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

2017 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ تۈزگەن يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ياشلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە ياشلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەلەش قاتلىمىدىن ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ بەردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلار خىزمىتىگە كۆرسىتىپ بەرگەن يولنى بويلاپ، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى، سىياسىي ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ غېمىنى تەڭ يېيىش ئاڭلىقلىقى سىجىل كۈچەيدى. ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياشلارنىڭ غەم - ئەندىشىسى تۈگىتىلدى، قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى، ياشلار يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەندى ۋە سەپەرۋەر قىلىندى.

نۆۋەتتە، مەركەزدىن يەرلىككىچە ياشلار خىزمىتى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ياشلار تەرەققىيات سىياسەت سىسىتېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

ئارزۇ چاقىرىقى، بوشاشماي كۈرەش قىلىش −

كەڭ ياشلار يېڭى مۇساپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى

2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراقلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ياشلىق باھارى ھىدى بىلەن تولغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە تەقدىرلەنگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان شەخسلەر ۋە جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

دۆلەتلىك قىسقا يولدا تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ۋۇ داجىڭنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز سەككىز يىل ئىلگىرىكى 2014 - يىللىق سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن».

«شۇنداق باش شۇجى، سىزنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ۋە مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت» دەپ جاۋاب بەردى ۋۇ داجىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

«كىشىلىك ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ كەلمەيدۇ، پۇرسەت كەلگەندە جان تىكىپ ئېلىشىشقا ئەرزىيدۇ. سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقنى باشتىن كەچۈرمىگەندە، مېيخۇا گۈلىنىڭ خۇش ھىدىدىن قانداقمۇ ھۇزۇر ئالغىلى بولسۇن» − باش شۇجى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا، ۋۇ داجىڭ ۋە ئۇنىڭ كوماندا ئەزالىرىنى شۇنداق رىغبەتلەندۈردى.

كىچىك مۇز توپ تەنھەرىكەتچىسى بىلەن مۈرە سوقۇشتۇرۇش، ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ زەپەر قۇچۇپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش، قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇش... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدا، جۇڭگو ياشلىرى تەنتەربىيە ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانلىرىدا جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مۇسابىقە مەيدانلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ياشلىق باھار دېڭىز ۋە ئالەم بوشلۇقىدا ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىگە كىرىپ، شېنجوۋ 12 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي تېلېفونلاشتى. شۇ چاغدا، بۇ مەيدان «ئاسمان - زېمىن سۆزلىشىش»ىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى «80 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» بولۇپ، كىشىلەرگە ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ جۇشقۇن كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ بەردى. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى بۇ تەپسىلاتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كۆپ قىسمى 30 - 40 ياشقا كىرگەن ياشلار ئىكەن، لېكىن ھەممىسى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلاردۇر».

«موزى» «تيەنۋېن» «چاڭئې»، مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسى يۈكلەنگەن بۇ ئىشلاردا، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ سىيماسىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ − بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ كوللېكتىپىدىكى يادرولۇق خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 36 ياش، كىۋانت ئىلمى كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 35 ياش، جۇڭگو تيەنيەن FAST تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى پەقەتلا 30 ياش...

«بىز ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىجاد قىلىشىغا زوقلىنىش ۋە قوللاش نەزەرى بىلەن قارىشىمىز، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتا كۆزگە كۆرۈنۈشىنى پائال قوللىشىمىز، ياشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلىشىمىز، ئالقىش ياڭرىتىشىمىز كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈپ، بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چېنىقىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان يارقىن مەنزىرىسىگە ئايلاندى.

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ لىنجى شەھىرى گالا كەنتىگە كەلدى.

كەنتتىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىدە، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان»، داشۆنى پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى خۇاڭ خەيفېن باش شۇجىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن يۈرىكىنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ كەتتى. چاۋشەنلىك بۇ قىز گۇاڭدۇڭدا داشۆدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاق ياقىلىقلار خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قارلىق ئېگىزلىككە ئاتلاندى.

«كەلگۈسىدە بۇ يەردە قالامسىز؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

«قالىمەن! ماكانلىشىپ بولدۇم، ئېرىم قوشنا كەنتتە، ئۇمۇ مەن بىلەن شىزاڭغا بىللە كەلگەن» دېدى خۇاڭ خەيفېن تارتىنغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ.

«دېڭىز بويىدىن ئېگىزلىككە كېلىپسىز، بۇ جاي ئادەمگە ئېھتىياجلىق، سىز بۇ يەردە ياخشى ئىشلەڭ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ.

سەمىمىي سۆزلەر خۇددى باھار شامىلىدەك قەلبنى ئىللىتتى. خۇاڭ خەيفېن توختىماي بېشىنى لىڭشىتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بەخت ياشلىرى ئەگىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغىچە، سانسىزلىغان ياشلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش «كىچىك نىشان»ىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ «ئۇلۇغۋار پىلانى»غا سىڭدۈرۈپ، تەرلىرىنى ۋەتەن زېمىنىغا ئاققۇزۇپ، ئىسمى - جىسمىغا مۇناسىپ دەۋر ئاۋانگارتلىرىغا ئايلاندى.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا كۆز يەتكۈسىز قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى سوزۇلۇپ ياتىدۇ.

ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ياڭ شىڭ نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونىغا دەل ۋاقتىدا كېلىدۇ. ئۇ خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ، ئۈسكۈنىلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ خاتىرىلەيدۇ، «كاچالكا» رىتىملىق ھالدا يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلىنىدۇ، «غىچىر - غىچىر» قىلغان ئاۋاز خۇددى ياشلىق ناخشىسىدىكى قاپىيەگە ئوخشايدۇ.

پەقەت قاقاس قۇملۇقلا بار، مەنىسىز ھايات يوق.

2020 - يىلى، ياڭ شىڭ ۋە جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن 110 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچى قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى تاللىشىنى قوللىدى ھەم ئۇلارنى «ئۆزلىرىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش»قا رىغبەتلەندۈردى.

سۆز ئىخچام، چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئىخچام يېزىلغان خەتتە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت نامايان بولۇپ تۇراتتى. جۇڭگو ئارزۇغا ئىگە، ياشلىقتا ئۆكۈنمەسلىك كېرەك.

«ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىپ، مېھرىبان قەلب ۋە تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» «ئاساسىي قاتلام ۋە خەلق ئارىسىغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن». بېيجىڭ داشۆ شوۋگاڭ دوختۇرخانىسىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان شىزاڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىدىكى غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باش شۇجىنىڭ مۇشۇنداق دەپ تاپىلىغان سەمىمىي جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

كەڭ ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايون ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئەڭ ياخشى دەرسخانا قىلىپ، چېنىقىش جەريانىدا بوران - چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بېلىنى رۇسلاپ، دەۋرگە يۈز كېلەلىگۈدەك، تارىخقا يۈز كېلەلىگۈدەك ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

«كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» − 2019 - يىلى ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يوللاپ، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يېڭى ياردەم بىلەن تەمىنلىشى، يېڭى ئۈمىد ئۇرۇقى سېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پارتىيە بايرىقى قايسى تەرەپنى كۆرسەتسە، ئىتتىپاق بايرىقىنى شۇ تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش؛ پارتىيە چاقىرغان ھامان، ياشلار ئىتتىپاقى ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك.

«كەڭ ياشلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتنىڭ كىرىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالىنى باھالاش، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياشلارنى نامزاتلىققا تاللاپ كۆرسىتىش پائالىيىتى... سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى چۆرىدەپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ تىپلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تاللاپ، تىكلەپ، ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ياشلارنى جاسارەت بىلەن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى؛ «گۈللىنىش لوڭقىسى» مەملىكەتلىك ياشلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، «ياشلىق دەۋرىدە ئىگىلىك تىكلەش» جۇڭگو ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى... يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى چۆرىدەپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سەھنە ھازىرلاپ ياردەم بېرىشى بىلەن، كەڭ ياشلار دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ياشلىق خىسلىتىنى نامايان قىلدى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە ياش زەربىدارلار ئەترىتىنى تەشكىللىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى... كەڭ ياشلار يېڭى دەۋرنىڭ بىپايان زېمىنىغا ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى.

«ياشلىقتا كۈرەش قىلىمەن! ياشلىق باھارىمنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن! پارتىيە، خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار!»

2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ياشلىق باھار ئۇرغۇپ تۇراتتى.

100 يىلنى قايتا ئەسلىسەك، نەنخۇ كۆلى بويى، كۆل سۈيى بوران - چاپقۇندا مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، بىر توپ جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش قىزىل كېمىدە جۇڭگوغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەسىر يىراق سەپىرىنى باشلىدى.

100 يىل دەل پارتىيەمىزنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مەزگىل.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە يەر قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلغان شانلىق داغدام يولغا ئايلاندى، «ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوت»قا ئوخشاش قىلىپ بېزەلگەن تيەنئەنمېن مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى −

«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتىنى كۈچەيتىپ، دەۋرگە يۈزكېلەلىشى، ياشلىق باھارىغا يۈزكېلەلىشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)