​«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2022年05月05日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ كەڭ ئالەم قاتنىشى ياشلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ ئىلھام بەردى

​«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

جاۋاب خەت

جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ياشلار كوللېكتىپىدىكى يولداشلار:

ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى ئوقۇپ، مەن توققۇز يىل ئىلگىرى سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ياش پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىدىم. توققۇز يىلدىن بۇيان، تيەنگۇڭ، بېيدوۋ، چاڭئېدىن تيەنخې، تيەنۋېن، شىخېغىچە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخ ياراتتى، زور بىر تۈركۈم ئالەم قاتنىشى ياشلىرى ئېغىر مەسئۇلىيەت، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشىغا تايىنىش كېرەك. كەڭ ئالەم قاتنىشى ياشلىرىنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەن سىلەرنىڭ ھەم ئالەم قاتنىشى سېپىدىكى بارلىق ياش يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

شى جىنپىڭ

2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ياشلار كوللېكتىپىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى سېپىدىكى بارلىق ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن خېتىڭلارنى ئوقۇپ، توققۇز يىل ئىلگىرى سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ياش پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىدىم. توققۇز يىلدىن بۇيان، تيەنگۇڭ، بېيدوۋ، چاڭئېدىن تيەنخې، تيەنۋېن، شىخېغىچە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخ ياراتتى، زور بىر تۈركۈم ئالەم قاتنىشى ياشلىرى ئېغىر مەسئۇلىيەت، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشىغا تايىنىش كېرەك. كەڭ ئالەم قاتنىشى ياشلىرىنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتىغا بېرىپ، «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياشلىق باھارىدا باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش» باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ياشلار كوللېكتىپى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بۇ گۇرۇھتىكى 80 مىڭ ياشقا ۋاكالىتەن، توققۇز يىلدىن بۇيان باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.