مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «دۆلەتنىڭ مەزگىلىدىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2022年04月29日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «دۆلەتنىڭ <14 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي خاراكتېرلىك يىرىك پىلان تۈزدى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇش، چەت ئەللەردىن ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى قېزىپ، زامانىمىزنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەتكە غەمخورلۇق قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىشنى باش تېما قىلىپ، ئىلمىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تىرەك قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەر، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار، مۇھىم سۇپىلارنى يېتەكچى قىلىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پەن ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەلا، ئىلىم ئاساسى پۇختا، پەن تەتقىقات سەۋىيەسى يۇقىرى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، خەلقئارا تەسىرى زور بولغان جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيە مەدىتى ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىدە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ «ئەدەبىيات - سەنئەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» يۆنىلىشى، «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەتقىقات يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك؛ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرى، ئىجادىي خاراكتېرىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىدىغان، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەكىتلەندى: ماركسىزمنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرگە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش، ئىزاھلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئىلمىي تىرەك سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، ساھەلەرنى كېڭەيتىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، ئاساسىي پەنلەرنىڭ تاكامۇللىشىشى، پۇختىلىنىشى، نۇقتىلىق پەنلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ گەۋدىلىنىشى، يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەر ۋە گىرەلەشمە پەنلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى، سوغۇق پەنلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە پەن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسى، ئىلمىي تەتقىقات تەشكىلىي سىستېمىسى، ئىلمىي سۇپا تىرەك سىستېمىسى، ئىلمىي باھالاش، تەكشۈرۈش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرى، ئىجادىي خاراكتېرى، يەرلىكلىشىشى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ جۇڭگو ئەنئەنىسى، جۇڭگو ئەمەلىيىتى، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرنى ئىلىم سۆزى بەرپا قىلىشتىكى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بەلگە خاراكتېرلىك ئىلمىي ئۇقۇمنى تاۋلاپ چىقىپ، جۇڭگو ئىلمىنىڭ سىرتقا چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا جۇڭگو ئىلمىنىڭ كەڭ نەزەر دائىرىسى، چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش تەسىر كۈچى، جەمئىيەت تەسىر كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشكە تۈرتكە بولۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى دەۋردىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەركەز قىلغان پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئومۇمىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تۈرلىرى تولۇق، قاتلىمى جىپسىلاشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، كەسىپلىرى گەۋدىلىك بولغان پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىختىساسلىقلار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.