پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

日期:2022年04月25日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

تەبرىك خېتى

تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇشۇ پەيتتە، مەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

كىتاب ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىلنى ئۇرغۇتۇپ ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، كىشىلەرنى ئىدىيەۋى ئىلھامغا ئېرىشىش، ئالىيجاناب غايە تىكلەش، ئۇلۇغۋار جاسارەت يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش، سەمىمىي ـ دۇرۇس بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش خىسلىتىنى ياراتتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە ئىرادە باغلاپ، ئىقتىدار ـ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال ـ خۇرام كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2022 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇش ئىنسانلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىلنى ئۇرغۇتۇپ ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، كىشىلەرنى ئىدىيەۋى ئىلھامغا ئېرىشىش، ئالىيجاناب غايە تىكلەش، ئۇلۇغۋار جاسارەت يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشىش، سەمىمىي ـ دۇرۇس بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش خىسلىتىنى ياراتتى.

شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە ئىرادە باغلاپ، ئىقتىدار ـ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى؛ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال ـ خۇرام كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش قويۇق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش، كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىغان كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بېغىشلاش كېرەك.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى(دۆلەت ئاخبارات ـ نەشرىيات مەھكىمىسى)، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەشرىيات ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، باش تېمىسى «يېڭى دەۋردە كىتاب ئوقۇش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» بولۇپ، يۈرۈشلۈك مۇنبەر، كۆرگەزمە قىلىپ نامايان قىلىش، ئېلان قىلىش ۋە باش تېما پائالىيىتى قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، نەشر قىلىش، تارقىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە يازغۇچىلار، ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.