شى جىنپىڭنىڭ كىتاب ئوقۇش ھېكايىسى

日期:2022年04月24日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، شى جىڭنەن، ۋاڭ سىبېي، شۈ جۇاڭ

ئوقۇمۇشلۇق ئادەملا ئەڭ يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

لياڭجياخېدىن جۇڭنەنخەيگىچە، ئاساسىي قاتلامدا ئېتىزدا تېرىقچىلىق قىلىشتىن جۇڭگوغا يول باشلاشقىچە، كىتاب ئوقۇش باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەڭ چوڭ قىزىقىشى» بولۇپ كەلدى.

ئۇ قەدىمكى ۋە ھازىرقى، جۇڭگونىڭ ۋە چەت ئەللەرنىڭ كىتابلىرىنى كۆپلەپ ئوقۇپ، كىتابتىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلدى؛ ئۇ ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئۈلگە بولۇپ، كىتاب ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەنىۋى كۈچىنى يېتىلدۈردى.

«مېنىڭ قىزىقىشىم ناھايىتى كۆپ، ئەڭ چوڭ قىزىقىشىم كىتاب ئوقۇش»

«مېنىڭ قىزىقىشىم ناھايىتى كۆپ، ئەڭ چوڭ قىزىقىشىم كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش مېنىڭ بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلۇم بولۇپ قالدى.» 2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق دېدى.

كىتاب ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى.

بالىلىق چاغلىرىدا، ئانىسى شى جىنپىڭنى يېتىلەپ، شىنخۇا كىتابخانىسىغا بېرىپ «يۆ فېي قىسسىسى» ناملىق رەسىملىك كىتابچىنى سېتىۋالدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانىسى ئۇنىڭغا ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، يۆ فېينىڭ دۈمبىسىگە خەت چېكىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. «مەن خەت چەككەندە قانچىلىك ئاغرىپ كېتەر - ھە! دېسەم، ئانام ئاغرىيدۇ، لېكىن قەلبكە چىڭ ئورناپ كېتىدۇ، دېگەنىدى. <ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش> دېگەن تۆت خەتنى مەن شۇ چاغدىن ھازىرغىچە ئىزچىل ئېسىمدە ساقلاپ كەلدىم، ئۇ ھەم مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئىنتىلىپ كەلگەن نىشانىم».

1969 - يىلى يېڭى يىلنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، 16 ياشقىمۇ توشمىغان شى جىنپىڭ پويىز، يۈك ئاپتوموبىلىغا ئالمىشىپ، پىيادە مېڭىپ، بېيجىڭدىن شەنشى ئۆلكىسى يەنچۇەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى گۇڭشېسىنىڭ لياڭجياخې دادۈيىگە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە ئورۇنلاشتى.

كەنتتىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تۇنجى تەسىراتى «بۇ ئورۇق، ئېگىز يىگىتنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىككى ساندۇقى بار ئىكەن» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. شى جىنپىڭ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئاندىن ئىككى ساندۇقنىڭ ئىچىگە ئەسلىدە لىققىدە كىتاب قاچىلانغانلىقىنى بىلدى.

«ئۇ چاغلاردا ئەمگەك قىلغاندىن باشقا، قىلىدىغان ئىشىم بىرى ئامما ئارىسىغا سىڭىشىش، يەنە بىرى ھەممە يەردىن كىتاب ئىزدەش، كىتاب كۆرۈش ئىدى.» شى جىنپىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدىكى كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تاپالىغانلىرىمنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ چىقتىم، ھازىرغىچە تەبىئىيلا تىلغا ئالغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئاشۇ چاغدا ئوقۇغانلىرىمدۇر».

بېيجىڭدىن كەلگەن بىر زىيالىي ياشتا «فائۇستا» ناملىق كىتابنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇ پىيادە 30 چاقىرىم يول يۈرۈپ ئارىيەت ئالدى؛ شېئىرلارنى ئوقۇپ ھاياجانلىنىپ، ھويلىغا چىقىپ ئاۋازىنى بىراقلا قويۇۋېتىپ دېكلاماتسىيە قىلدى، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ياقتۇرغان شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى يادلىۋالدى؛ چېرنىشېۋىسكىنىڭ «قانداق قىلىش كېرەك؟» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغاندا، ئۇ باش قەھرىماننى تەقلىد قىلىپ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، كۆرپىنى ئېلىۋېتىپ، كاڭدىكى سىلىق تاختاي ئۈستىدە ئۇخلىدى، قار - يامغۇر ياغقان كۈنلىرى سىرتقا چىقىپ يامغۇردا تۇردى، قاردا دومىلىدى.

يۇرتداشلارنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، «شى جىنپىڭ ياتقان كاڭنىڭ ھەممىلا يېرى كىتاب بىلەن تولغان» «بەزىدە تاماق يېۋېتىپمۇ كىتاب ئوقۇيتتى»، بىر كۈنلۈك ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كەچتە ئۇ يەنە كىرسىن چىراغ يېقىپ «خىش قېلىنلىقىدىكى كىتاب»لارنى ئوقۇيتتى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: ئۇ چاغدا كىتاب كۆرۈشكە ئامراق ئىدىم، كەچتە كىرسىن چىراغ ياندۇرۇپ، تاكى يېرىم كېچىگىچە كىتاب ئوقۇيتتۇم.

2013 - يىلى 4 - ماي ياشلار بايرىمىدا، باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، باش شۇجى يەنە ئەينى يىللاردىكى ئەھۋال ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تاغقا چىقىپ قوي باققاندا، مەن كىتاب ئېلىۋېلىپ، قويلارنى تاغ باغرىغا ھەيدەپ قويۇپ، كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتەتتىم. ئېتىزلىققا بېرىپ يەر چاغلاپ، بىردەم ئارام ئالغاندا، مەن شىنخۇا لۇغىتىنى چىقىرىپ بىر خەتنىڭ كۆپ خىل مەنىسىنى خاتىرىلەپ، ئاز - ئازدىن بىلىم جۇغلىدىم. مېنىڭچە يېزىدا تۇرغان يەتتە يىل ۋاقتىم بىكار ئۆتمىدى، نۇرغۇن بىلىم ئاساسىم شۇ چاغدا سېلىنغان».

ئۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى پىششىق ئوقۇيتتى، قولىدىن كىتاب چۈشمەيتتى −

بىر قېتىم، شى جىنپىڭ دوستلىرى بىلەن «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. رۇسچە، ياپونچە، نېمىسچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە ئوخشاش بولمىغان تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان جۇڭگو تىل يېزىقىدىكى تېكىستلەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بارلىقى، تېكىستكە بولغان چۈشىنىشنىڭمۇ ئوخشاش ئەمەسلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «مۇشۇنداق كىچىك، نېپىز كىلاسسىك ئەسەرگە شۇنچە كۆپ مەزمۇن مۇجەسسەملىنىپتۇ، بۇنىڭدىن ھەقىقەتنى تونۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىلا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر خاتىرجەم بولالمىسام، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىمەن، <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى>نى بىرقانچە قېتىم كۆپرەك ئوقۇيمەن».

1985 - يىلى قىشتا، شيامېننىڭ ئەينى چاغدىكى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان شى جىنپىڭ شيامېن داشۆنىڭ ئىقتىساد فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقان جاڭ خۇڭلياڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. كۆرۈشۈپلا، ئۇنىڭ بىلەن «كاپىتال» دەرسلىكىنى ئۆگىنىشنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئوقۇش تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى: «ماركسىزم ئەسلىي ئەسىرىنى ئوقۇغاندا مۇقەددىمە، خاتىمە ھەمدە كىتاب بېتىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ۋە كىتابنىڭ كەينى بېتىدىكى قوشۇمچە ئىزاھاتلارغا، يەنە ماركس، ئېنگېلسنىڭ <كاپىتال> توغرىسىدا يېزىشقان خەت - چەكلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.» «قايتا - قايتا ئوقۇش، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش، ماركسىزملىق ئەسلىي ئەسەرنى <قېلىنلىرىنى يىغىنچاقلاپ ئوقۇش، نېپىزلىرىنى چوڭقۇرلاپ ئوقۇش> كېرەك».

جاڭ خۇڭلياڭ قاتتىق ھەيران بولغان ھالدا: «سىز <كاپىتال>غا نېمانچە پىششىق؟» دەپ سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: يېزىغا چۈشكەن ۋاقتىمدا، گەمىدىكى كىرسىن چىراغ تۈۋىدە «كاپىتال»نى ئۈچ قېتىم تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، نۇرغۇن خاتىرە قالدۇردۇم، يەنە ئوخشاش بولمىغان بىرنەچچە خىل تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ ئوقۇدۇم، شيامېن داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گو دالى، ۋاڭ يانەن تەرجىمە قىلغان نۇسخىنى ئەڭ ياقتۇرىمەن.

2018 - يىلى 5 - ئايدا بېيجىڭ داشۆدىكى ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كىتاب ئوقۇش تەسىراتى توغرىسىدا جانلىق، تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا، مەن بىر قىسىم ماركسىزم - لېنىنىزم ئەسەرلىرىنى ئوقۇدۇم. 15 يېشىمدا مەن مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدۇم، كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز قايتىدىن تەپسىلىي قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئىنكارنى ئىنكار قىلىش، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ يېڭىنى بىلىش مەقسىتىگە يېتىپ، ماركسىزمنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ دەرۋەقە خەلقنىڭ تاللىشى، تارىخنىڭ تاللىشى ئىكەنلىكىنى، بىز ماڭغان سوتسىيالىزم يولىنىڭ دەرۋەقە بىر مۇقەررەر يول ئىكەنلىكىنى ئاستا - ئاستا ھېس قىلدىم. پىكىر يۈرگۈزۈش، تونۇش ئارقىلىق چىقىرىلغان بۇ خىل يەكۈن قەتئىي مۇستەھكەم بولىدۇ».

ئۇ نۇرغۇن كىتاب ئوقۇپ، كەڭ دائىرىلىك تونۇشقا ئىگە بولدى −

خېبېي جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغاندا، لۇ شۇتاڭ قاتارلىق دوستلىرى بىلەن رۇسىيە ئەدەبىياتى ئۈستىدە توختالدى، كۆپچىلىك تولىستوي توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

شى جىنپىڭ: «قايسى تولىستوينى دەيسىلەر؟» دەپ سورىدى.

لۇ شۇتاڭ تېڭىرقاپ قېلىپ، كۆڭلىدە: شى شۇجى شۇنچە بىلىملىك تۇرۇپ، ئەجەبا تولىستوينىڭ نامىنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ دەپ ئويلىدى.

شى جىنپىڭ ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «رۇسىيەدە ئىككى تولىستوي بار. بىرى لېۋ · تولىستوي، ئۇ <ئۇرۇش ۋە تىنچلىق> <ئاننا كارىننا> <تىرىلىش>نى يازغان، مەن بۇلارنى ئوقۇغان. يەنە بىرى ئا · تولىستوي، ئۇ دىراماتورگ ۋە شائىر».

شى جىنپىڭ جېڭدىڭ توغرىسىدا بىر كىتاب تۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. كومپيۇتېر ۋە تور كەمچىل يىللاردا، ماتېرىيال تولىمۇ قىس بولغاچقا، تۈزۈشكە مەسئۇل يولداشلارنىڭ بېشى قېتىپ، شى جىنپىڭنى ئىزدەپ ئامال تېپىشقا مەجبۇر بولدى. ئويلىمىغان يەردىن شى جىنپىڭ ناھايىتى ئېدىتلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «قولۇمدا بىر يۈرۈش <جېندىڭ مەھكىمىسى تەزكىرىسى>، يەنە بىر يۈرۈش <جېڭدىڭ ناھىيەسى تەزكىرىسى> بار، ئۇنىڭدا جېڭدىڭنىڭ تارىخى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن».

بۇ قەدىمكى ئەسەرلەر جەمئىي سەككىز پارچە بولۇپ، ھەممىسىنى مۇزېيدىن كۆپەيتىۋالغان.

كېيىن جېجياڭغا بېرىپ خىزمەت قىلغاندا، شى جىنپىڭ يەنىلا ناھىيە تەزكىرىلىرىنى ئوقۇش، قەدىمىي ئەسەرلەرنى كۆرۈش، كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلدى. «جېجياڭ گېزىتى»نىڭ «جېجياڭ پاراڭلىرى» ناملىق مەخسۇس سەھىپىسىگە ماقالە يېزىپ، كۆپ تەرەپتىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «يوسۇننامە» «زوچۈەن» «جەنگو دەۋرىدىكى تەدبىرلەر» «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى سۆز - ئىبارىلەرنى راۋان، دەل جايىدا قوللاندى. داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا دوكلات بەرگەندە، «ئالىي بىلىم يۇرتى ھەققىدە» «مېڭزى» «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» «تەپەككۇر خاتىرىلىرى» «پولات قانداق تاۋلاندى» قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى بىر - بىرلەپ تىلغا ئالدى.

ئۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە نەزەر سالدى، ئۆگەنگەنسېرى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى −

جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتكەن نۇرغۇن ئەسەرنى تىلغا ئالدى:

«فىرانسىيەنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى، بولۇپمۇ فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى تارىخىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ھەققىدىكى تەپەككۇرۇم بېيىدى. مونتېسكيۇ، ۋولتېر، رۇسسو، دىدېرو، سېن سىمون، فۇرىيې، سارترې قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئىدىيەدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى رولىغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلاشتى. مونتاينې، لافونتېين، مولىئېر، ستېندال، بالزاك، ھىيوگو، چوڭ دۇماس، جورجى سان، فلوبېر، كىچىك دۇماس، مۇپاسسان، رومىن روللان قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قايغۇ ۋە خۇشاللىق، جۇدالىق ۋە ۋىسالغا بولغان تەسىراتىم ئاشتى».

ئېسىل پەزىلەت بىلىم ئېلىشتىن كېلىدۇ.

«مەن 16 ياشقا كىرمەيلا بېيجىڭدىن جۇڭگو شىمالىي شەنشىدىكى بىر كىچىك كەنتكە كېلىپ دېھقان بولدۇم، ئۇ يەردە يەتتە يىللىق ياشلىق ھاياتىمنى ئۆتكۈزدۈم. ئۇ يىللاردا مەن ئامال قىلىپ شېكېسپېرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ تاپتىم...» 2015 - يىلى 10 - ئايدا، لوندون پۇل مۇئامىلە شەھىرى باشلىقلىرى كەچلىك زىياپىتىدە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇش يولىنى چوڭقۇر ئەسلەپ مۇنداق دېدى:

«ياش ۋاقتىمدا، ئەينى يىللاردا شىمالىي شەنشىدىكى ئۈنۈمسىز سېرىق توپىلىق تۇپراقتا <ياشاش كېرەكمۇ ياكى ھالاك بولۇش كېرەكمۇ> دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئويلانغانىدىم، ئاخىرىدا مەن ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاش ئېتىقادىنى تۇرغۇزدۇم».

«كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ ئىدىيەۋى ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدۇ، ئادەمگە ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ، ئادەمدە ئۇلۇغۋار جاسارەت يېتىلدۈرىدۇ»

2015 - يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى. ئەستايىدىل كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىكى كىتاب جازىسىغا «كىتابلار قامۇسى» دېگەن كىتابنىڭ قويۇلغانلىقىنى بايقىيالايدۇ.

بۇ كىتاب تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋېي جېڭ قاتارلىقلار تۈزۈپ تەييارلىغان ئەلنى ئىدارە قىلىشقا ئائىت كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ، قەدىمكى دانىشمەنلەرنىڭ سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولىدىكى زور بىلىملىرى مۇجەسسەملەنگەن، دەپ قارىلىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيەت تۇپرىقىدىن مول ئىدىيە، ئەقىل - پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا جانلىق بولغان ھازىرقى زامان قىممەت مەزمۇنىنى قوشتى.

ياش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدىب فېڭ مېڭلۇڭنىڭ «ئەلگە تەمسىل ھېكمەتلەر» «ئەلگە دەۋەت ھېكمەتلەر» «ئەلگە تەۋسىيە ھېكمەتلەر»نى قولىدىن چۈشۈرمەيتتى. «شۇ مەزگىللەردە مەن ھەر كۈنى ئۇ يەردە بۇ <ئۈچ ھېكمەت>نى ۋاراقلاپ كۆرەتتىم، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن دەۋەت - ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يادلىۋالغانىدىم».

فېڭ مېڭلۇڭ فۇجيەن شوۋنىڭ ناھىيەسىنىڭ ئامبىلى بولغان. ئۇ يەر فۇجيەننىڭ ئەڭ چەت، بۇلۇڭ - پۇچقىقى بولۇپ، ھەممىسى تاغ يوللىرى ئىدى. فېڭ مېڭلۇڭ بارغاندا، يول بويى تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، نەچچە ئاي ماڭغان.

شى جىنپىڭ نىڭدېدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، شوۋنىڭ ناھىيەسىنىڭ قاتناش شارائىتى يەنىلا ياخشى ئەمەس ئىدى. تاشيول تۇتاشمىغان چەت، يىراق تاغلىق رايوندا، پاتقاق، تېيىلغاق خەتەرلىك تاغ يولىنى بويلاپ پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. شوۋنىڭ ناھىيەسىنىڭ شياداڭ يېزىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن، ئۇ ئەتىگەن سائەت 7 يېرىمدا يولغا چىقىپ، چۈش سائەت 12 دىن ئاشقاندا ئاندىن يېزىغا يېتىپ بارغان، پۇقرالار ئۇنى «بۇ يەرگە كېلىپ باققان ئەڭ چوڭ ئەمەلدار» دېيىشكەن.

«ئەلگە دەۋەت ھېكمەتلەر»دىن پايدىلىنىپ، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى «ئادەمنىڭ قەلبى تۆمۈرگە ئوخشايدۇ، قانۇن پېچقا ئوخشايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى، «تۆت كىتابقا ئىزاھات»تىكى «دۆلەت خەلقنى ئاساس قىلىش، دۆلەتنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش» دېگەننى ئوقۇپ، خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭىتتى، «خەن فېيزى»دىكى «شەخسىي ئىرادىسى بويىچە باشقۇرغاندا، مالىمانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ، قائىدە - تۈزۈم بويىچە باشقۇرغاندا، ئىشلار تەرتىپلىك بولىدۇ» دېگەن مەزمۇننى نەقىل كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش سىگنالىنى ياڭراتتى...

رۇسىيەدە نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا» دېگەن كىتابقا مۇنداق باھا بېرىلگەن: «جۇڭگونىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبىرىنىڭ ئەسىرى <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نى تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز، بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ھېكمەتلىك سۆز - ئىبارىلىرى، پەندى - نەسىھەتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بايقايسىز» «<جۇڭگو ئارزۇسى>غا جۇڭخۇا 5000 يىللىق مەدەنىيلىكىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن».

«تارىخ ئۆگەنگەندە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنى كۆرگىلى، ئېرىشىش بىلەن يوقىتىشنى ئۆرنەك قىلغىلى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ شېئىر ئۆگەنگەندە ھېسسىياتنى ئۇرغۇتقىلى، ئىرادىنى يۈكسەلدۈرگىلى، ئىلھامنى قوزغىغىلى بولىدۇ؛ ئېتىكا ئۆگەنگەندە ئار - نومۇسنى بىلگىلى، شەرەپ - نومۇسنى چۈشەنگىلى، ھەق - ناھەقنى ئايرىغىلى بولىدۇ»... باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كىتاب ئوقۇپ ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىگە، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى −

فۇجيەن نىڭدېدا، شۇ جايدىكى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنى ئېلىپ كېلىپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆگەندى، بىللە ئوقۇدى؛

جېجياڭدا، شاۋشىڭدىكى رەھبىرىي كادىرلاردىن «لەنتىڭ توپلىمىغا كىرىش سۆز» «چەيتوۋفېڭ»نى يادلاپ، شۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، «كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشنى ھەقىقىي تۈردە بىر خىل تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، بىر خىل خىزمەت مەسئۇلىيىتى، بىر خىل مەنىۋى ئىستەك قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبىرىي كادىرلارغا «كىتاب ئوقۇشنى سۆيۈش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش» تەلىپىنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى...

«كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ ئىدىيەۋى ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدۇ، ئادەمگە ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ، ئادەمدە ئۇلۇغۋار جاسارەت يېتىلدۈرىدۇ».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆپچىلىككە كىتاب ئوقۇشنىڭ بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى كۆرسىتىپ بەردى −

«يەڭگىلتەكلىك قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆڭۈلنى توختىتىپ كىتاب ئوقۇپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ تەپەككۇر قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلىتىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا قابىلىيىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك»؛

«<ۋاقىت چىقىرىش> ۋە <ئىزدىنىش> روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ، كىتابتىن ئەقىل - پاراسەت ۋە ئوزۇق ئېلىش كېرەك»؛

«كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇشقا، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇشقا تەشكىللەپ، ئىدىيەۋى سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدار ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش ھەم ھەرقايسى ساھەدىكى ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش كېرەك»...

ئەدەبىيات - سەنئەت روھنى تاۋلايدىغان قۇرۇلۇش، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى روھىي ئىنژېنېر. ئەدەبىيات - سەنئەتكە مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور ئېنېرگىيەنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەن باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو - چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك سەمىمىي مۇھەببەتنى يېتىلدۈردى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، خېبېي جېڭدىڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىش ئالدىدا، ئۇ يازغۇچى ۋاڭ يۈەنجيەننىڭ ليۇ چىڭ توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىغانىدى. ليۇ چىڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈش ئۈچۈن، شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەن ناھىيەسىنىڭ خۇاڭفۇ كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ، 14 يىل نۇقتىدا تۇرغان، «ئىگىلىك تىكلەش تارىخى»دىكى نۇرغۇن خام ماتېرىيال دەل 14 يىللىق يېزا تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان.

«يېزىغا بارسىڭىز، دېھقانلار ئاممىسى ئارىسىغا ليۇ چىڭغا ئوخشاش چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلار ئاممىسى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كېتىسىز.» ۋاڭ يۈەنجيەن شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ بىر ھۆججىتى تارقىتىلسا، ليۇ چىڭ ئۆي ئىگىسى موماينىڭ يىغلايدىغانلىقى ياكى كۈلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى شۇ دەرىجىدە چۈشەنسەك، ئۇنىڭ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشقا ئىنتايىن ياردىمى بولىدىغۇ دەيمەن؟

32 يىلدىن كېيىن، 2014 - يىلى 10 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ «باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالى، خەلقنىڭ بەختىنى قەلبىگە پۈكۈش»ىگە تۈرتكە بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئۇ يەنە «خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان يەنە بىر يازغۇچى» − ئالەمدىن ئۆتكەن قەدىناس دوستى جيا داشەننى تىلغا ئالدى. 1982 - يىلى، ياش شى جىنپىڭ خېبېي جېڭدىڭغا بېرىپ خىزمەت قىلغاندا، تۇنجى قېتىم ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلغان ئوبيېكت جيا داشەن ئىدى.

شۇ ۋاقىتتىكى شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ناھىيە رەھبىرى، جيا داشەن بولسا ئامما ئارىسىدىن كەلگەن، خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان يەرلىك يازغۇچى ئىدى. خەلققە بولغان ئوخشاش چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن، ئىككىيلەن بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: «ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش گەرچە <تامامەن ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئىش> بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى ئورتاق قانۇنىيەتلىرىمۇ بار.» كۆپ يىللاردىن كېيىن، ئۇ «داشەننى ئەسلەش» دېگەن ئەسىرىدە ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «داشەن بىلەن سىرداش بولۇپ ئۆتۈش بىلەن بىللە، مەن كۆپ ھاللاردا يەنە ئۇنى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ۋاقتىدا چۈشىنىشتىكى كۆزنەك ۋە يول دەپ بىلدىم، ئۇنى ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى مەسلىھەتچى ۋە ئۈلگە قىلدىم».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىدى.

2015 - يىلى 9 - ئايدا، ئامېرىكىدىكى سېئاتلدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر بۆلەك «ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببەت رىشتى»نى بايان قىلدى:

«ھېمىڭۋاينىڭ <بوۋاي بىلەن دېڭىز> دېگەن ئەسىرىدىكى قارا بوران ۋە قارا يامغۇر، غايەت زور دولقۇن ۋە كىچىك كېمە، بوۋاي ۋە ئاكۇلانىڭ تەسۋىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن تۇنجى قېتىم كۇباغا بارغاندا، ھېمىڭۋاي ئەينى يىلى <بوۋاي بىلەن دېڭىز>نى يازغان ئاسما كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا مەخسۇس باردىم. 2 - قېتىم كۇباغا بارغاندا، ھېمىڭۋاي دائىم بارىدىغان قاۋاقخانىغا بېرىپ، ھېمىڭۋاي ياخشى كۆرۈپ ئىچىدىغان رۇم ھارىقىنى بۇيرۇتۇپ، يالپۇز يوپۇرمىقى بىلەن مۇز قوشقۇزدۇم. مېنىڭ ئەينى يىللاردىكى ھېمىڭۋاينىڭ ئاشۇ ھېكايىنى يازغان چاغدىكى روھىي دۇنياسى ۋە نەق مەيدان كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ باققۇم بار ئىدى. مېنىڭچە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيلىكنى بىز چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەك».

تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇپ، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈش.

پارىژدا، ئۇ فىرانسىيەلىك داڭلىق پەيلاسوپ، ئەدىب ۋە ئەسەرلەرنى تەپسىلىي ساناپ، مۇنداق بىلدۈردى: «فىرانسىيە مەدەنىيىتىنى چۈشەنسەم، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يېتەلەيمەن، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ كەڭ، چوڭقۇر، مول، رەڭدارلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى ھۇزۇرلىنالايمەن»؛

موسكۋادا، ئۇ چېرنىشېۋىسكىنىڭ «تارىخنىڭ يولى نېۋا كوچىسىدىكى پىيادىلەر يولى ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي دالىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بەزىدە چاڭ - توزاندىن، بەزىدە پاتقاقتىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بەزىدە سازلىقتىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بەزىدە ئورمانلىقتىن ئۆتىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى؛

لوندوندا، ئۇ باكوننىڭ «ئالتۇن دەۋر بىزنىڭ ئالدىمىزدا، كەينىمىزدە ئەمەس» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى مىسال قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېپيېڭى دەۋر ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى...

«خەلق ئاممىسى كۆپ كىتاب ئوقۇسا، بىزنىڭ مىللەت روھىمىز كۈچىيىدۇ، چوڭقۇرلىشىدۇ»

تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقتى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىل بالايىئاپەتنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىن مۇھەببەت ئاللىقاچان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنىغا، قان تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى.

مەدەنىيلىك مەنىسىدىن ئېيتقاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئېگىز بىنالار دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەد كۆتۈرگەن پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى كېرەك».

كىتاب ئوقۇش دەل خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتىش، مىللەتنىڭ مەنىۋى بىناسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم يولى.

خۇددى سۈيى سۈپسۈزۈك بۇلاقنى قېزىپ چىققاندەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تومۇرىنى داۋاملاشتۇردى −

2014 - يىلى 9 - ئايدا، كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2565 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەم خەلقئارا كۇڭزىچىلىق تەلىماتى بىرلەشمىسىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك ئەزالار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە كۇڭزىچىلىق ئېقىمىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن بولغان «يوسۇننامە»دە تىلغا ئېلىنغان «باياشاتچىلىق»نى مىسال قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسلىق قىلغۇچىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

كۆل سۈيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك؟ چۈنكى مەڭگۈ قۇرۇماس بۇلاقتىن ئۈزۈلمەي سۇ ئېقىپ كىرگەچكە.

2013 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇڭزىنىڭ يۇرتى شەندۇڭ چۈفۇدىكى كۇڭزى قەسىرى ۋە كۇڭزى تەتقىقات يۇرتىغا مەخسۇس بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۈستەلگە قويۇلغان «كۇڭزىچىلار بايانى توغرىسىدا چۈشەنچە» «مۇھاكىمە ۋە بايان ئىزاھاتى» ناملىق ئىككى كىتابنى قولىغا ئېلىپ، ئىنتايىن قىزىقىش بىلەن ۋاراقلاپ كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى كىتابنى مەن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسام بولغۇدەك».

بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىپ، ئوردىلاردا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان زېمىنغا تارقالغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلارغا پۈتۈلگەن يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇش كېرەك».

بېيجىڭ داشۆگە بېرىپ جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى مۇتەپەككۇرى تاڭ يىجيېنى يوقلىغاندا، چوڭ تىپتىكى جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى توپلىمى «كۇڭزىچىلىق ئېقىمى خەزىنىسى»نى تۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ بېيجىڭ سىفەن داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلىغاندا «قەدىمكى كىلاسسىك شېئىرلار ۋە نەسىرلەرنى دەرسلىك كىتابتىن چىقىرىۋېتىشنى قەتئىي قوللىمايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ زىيارەتكە بېرىش سەپىرىدە 10 مىڭ مېتىر ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدىكى مەخسۇس ئايروپىلاندا، مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشقاندا «قەدىمكى كىلاسسىك شېئىر - نەزمىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ كىرىپ، بىزنىڭ گېنىمىزغا ئايلاندى» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى مەنبە ئېقىن سۈيى قىلىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكى» «ئەڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى»گە ئايلاندۇردى.

«بىلىم ئېلىشقا ئىشتىياق باغلىغان بالىلار خۇددى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تاڭ قۇياشىغا ئوخشايدۇ.» بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلارنىڭ كۈچىگە باغلانغان بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشى، ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈگمىسىنى باشتىلا ياخشى ئېتىش كېرەك.» ئۇ «تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، سەمىمىي بولۇش»تىن ئىبارەت سەككىز سۆزلۈك نەقىل ئارقىلىق، ياش بىر ئەۋلادلارنى «ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، قېتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇش»قا، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

2014 - يىلى بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق مىللەتلەر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پىيونېرلارنىڭ باش تېمىلىق ئەترەت كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

كۇتۇپخانىدىن چىققان جاراڭلىق دېكلاماتسىيە ئاۋازى باش شۇجىنى جەلپ قىلدى. ئۇ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇجېڭ كۈيلىرىگە جور بولۇپ «شاگىرتلار قائىدىسى» ۋە «ئۆسمۈر جۇڭگو ھەققىدە»نى دېكلاماتسىيە قىلىشىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، بالىلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئوزۇق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

«مەن ھازىر قىينالمايلا قەدىمكى شېئىرلار، كىلاسسىك ئەسەرلەردىن نەقىل كەلتۈرەلەيمەن، نۇرغۇنلىرىنى كىچىك ۋاقتىمدا يادلىۋالغان، بۇنىڭدىن ئۆمۈر بويى نەپ ئالدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتى، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە موھتاج. جۇڭخۇا مىللىتى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، دەۋر شارائىتىغا ئاساسەن، بىزنىڭ مىللەت روھىمىز ۋە مىللەت مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

سەمىمىي تاپشۇرۇق، سەمىمىي ئۈمىد.

2014 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاۋمېن داشۆنىڭ خېڭچىن يېڭى مەكتەپ رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە زامانىمىزدىكى ياشلار» باش تېمىلىق سالونغا قاتناشقاندا، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىمۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئائىت كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇغانلىقىنى، ئاز - ئازدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. «تاكى ھازىرغىچە، ۋاقىت چىقسىلا كىتابنى ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرىمەن، ھەر قېتىم كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، خۇددى بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ سىرىنى يەشكەن ھامان ئۆمۈر بويى نەپ ئالغىلى بولىدۇ».

«ياخشى ماقالىنى ئوقۇغىنىمىزدا، دائىم دىلىمىز يورۇغاندەك، كاللىمىز سەگەكلەشكەندەك تۇيغۇغا چۆمىمىز، دائىم بىر پارچە ماقالە، بىر ئابزاس مەزموندىن قەلبىمىز چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.» 2019 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، لەنجوۋ شەھەر رايونىغا جايلاشقان تەرمىلەر نەشرىياتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىگە كەلدى.

«بىر دەريا، بىر چىنە چۆپ، بىر پارچە كىتاب» لەنجوۋنىڭ خاس نام كارتىسى. بىر دەريا خۇاڭخې دەرياسىنى، بىر چىنە چۆپ لەنجوۋ نيۇروۋميەنىنى، بىر پارچە كىتاب «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنى كۆرسىتىدۇ.

«خەلقنى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن ياخشى ئىش!» ئۇ نەق مەيداندىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق تاپىلىدى: كىتابنى كۆپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيە مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتكەندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتقىلى، چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئون نەچچە كۈندىن كېيىن، دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرغاندا، ئۇ يەنە بىر قېتىم «كىتاب ئوقۇش»نى تىلغا ئېلىپ، دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ «مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش»ىنى ئۈمىد قىلدى.

«كۇتۇپخانا دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، مىللەتنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم سورۇن»، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

2003 - يىلى 7 - ئايدىلا، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ جېجياڭ كۇتۇپخانىسىغا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېلىپ، كۇتۇپخانىدىكى ساقلانغان كىتابلارنىڭ سانى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ساقلانما مىقدارى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇش سانى، رەقەملىك ھۆججەت - ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى ھەم ۋېنلەنگېدىكى «تۆت خەزىنە كىتابلىرى» قاتارلىق كۇتۇپخانىدا ساقلانغان ئەتىۋارلىق ئەسەرلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى.

2014 - يىلىدىن بۇيان، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئۇدا توققۇز يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى؛ 2016 - يىلى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىرىك پىلانى − «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش <13 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى» بېسىپ تارقىتىلدى؛ 2021 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، <كىتابخۇمار جۇڭگو> قۇرۇش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى... ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىللىق باھارغا جور بولۇپ، شېئىر - نەزمىلەرنىڭ ھىدى تارالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر تاشلىساق، كىتابخۇمارلىق كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، مەنىۋى چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)