«سىبا قانچە سوققانسېرى شۇنچە يېپىشقاق بولغاندەك، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە»

日期:2022年04月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياۋ زىيۈن، گو جيېۋېن

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرى شېنشەن كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، زو شيۇفانىڭ ئۆيىگە كەلدى. يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى زو شيۇفانى قايتا زىيارەت قىلدى.

[كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلەش]

شۇ كۈنى دەل جەنۇب تەرەپنىڭ كىچىك يىلى بولۇپ، نەچچە كۈن يامغۇر ئارىلاش قار ياغقاچقا، جىڭگاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شېنشەن كەنتى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق، كەنتكە كىرىدىغان يول سەل تېيىلغاق ئىدى. ئەتىگەندىلا، كەنت ئاھالىسى زو شيۇفا مېھمانخانىدىكى چوغداننىڭ ئوتىنى كۈچەيتىپ، ياغاچ قاسقاندا نومى گۈرۈچىنى دۈملەپ، سىبا سوقۇشقا تەييارلىق قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن، كەنت ئېغىزى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، زو شيۇفانىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەي قالدى، «تاغ ئېتىكىدىن شېنشەن كەنتىگىچە 100 چاقىرىمغا يېقىن تاغ يولىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنچە چوڭ رەھبەر بۇ <نامرات تاغ جىلغىسى>غا قانداقمۇ كېلەر.» كادىرلارنىڭ ئېغىزىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جاۋابقا ئېرىشىپ زو شيۇفا: «شېنشەن كەنتىنىڭ ھەقىقەتەن تەلىيى بار ئىكەن، مەن ئۆمرۈمدە تاغدىن چىقىپ باقمىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن باش شۇجى بىزنى ئۆزى يوقلاپ كەپتۇ» دېدى.

زو شيۇفانىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى تۈز يەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىبا سوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىقىش بىلەن ئۇلارغا قوشۇلدى.

سىبا سوقۇپ بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ زو شيۇفانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بامبۇك ئويمىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەۋقەنى ئۆز يېرىنىڭ بايلىقىغا قويۇپ، بامبۇك ياغىچىنى پىششىقلاشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان بامبۇك بۇيۇملارنىڭ بازار تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەنتكە كەلگەنلىك خەۋىرى تېزلا تارقالدى، كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئېغىزىغا يىغىلىپ، بىرلىكتە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، يۇرتداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى. ئۇ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يۇرتداشلارنى تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

[زو شيۇفانىڭ يۈرەك سۆزى]

مەن بۇ يىل 71 ياشقا كىردىم، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكى بىزگە ئىنتايىن زور ئىشەنچ بېغىشلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بولغاچقا، بىزنىڭ شېنشەن كەنتىدىكىلەرمۇ تىز پۈكمەس ئىرادە بىلەن، سېرىق شاپتۇل بازىسى، چاي بازىسى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ساياھەت ئاممىۋى ھاجەتخانىسى قۇرۇپ چىقتى... ئەسلىدىكى تار تاغ يولىنى بەش مېتىرغا كېڭەيتتى. نەچچە يىل بۇرۇن، بۇ يەرگە ماۋجۇ بامبۇكى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا ھېچكىم كېلىشنى خالىمايتتى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ھازىر ھەر كۈنى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كەنتتىكىلەردىنمۇ كۆپ بولدى.

باش شۇجى كەلگەندىن كېيىنكى 2 - يىلى، كەنتلا ئەمەس، پۈتكۈل جىڭگاڭشەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، تېلېۋىزوردا بىزنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن ناھىيە بولغانلىقىمىز تىلغا ئېلىندى. بارغانسېرى كۆپ ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پىكاپ بار بولدى. ئائىلىمىزدىكى ئۆزگىرىشمۇ ئىنتايىن چوڭ. ئۆيىمىزنى ئۆزگەرتىپ سالدۇق، ئىلگىرىكى قاراڭغۇ ئۆيلەر، ھازىر يوپيورۇق بولۇپ كەتتى، ئۆيدە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا بار. جۈمەكنى ئاچساقلا، تۇرۇبا سۈيى شارقىراپ چۈشىدۇ.

كەنتتىكىلەرنىڭ غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى، مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان ئوغلۇمغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا كەنتكە قايتىپ كېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئېيتتىم. بۈگۈنكى كۈندە، ئوغلۇم ئائىلىمىزنىڭ سىبا سودىسىغا تايىنىپ، ئاز - تولا بامبۇك ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساپ، يىلىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ، بۇ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندىن كۆپ ياخشى.

مېنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى باش شۇجىغا ئېيتقۇم بار، ھازىر، سىبا قانچە سوققانسېرى شۇنچە يېپىشقاق بولغاندەك، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە. ئىلگىرى ھېچكىممۇ ئۆزگەرتەلمىگەن نامرات تاغ جىلغىسىدا، ھازىر باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)