«ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2022年04月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىشى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ) ناملىق كىتابنى خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەۋرنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ماركسىزملىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەرىيەسىنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىك ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى ئىستراتېگىيەلىك مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادىي ھالدا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، قانداق قىلغاندا ھەم چوڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن ئورتاق خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا دۇچ كەلگەن ئالاھىدە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بەردى، ئۇ، پارتىيەمىز تارىخىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەن تۇنجى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش 100 يىللىق كۈرەش ئەمەلىيىتى تەجرىبىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ماركسىزملىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

«پىروگرامما» جەمئىي 11 باب، 44 تارماق، 112 ماددا بولۇپ، 70 مىڭ خەت. پۈتۈن كىتابتا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق ئىزاھلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. «پىروگرامما»نىڭ مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئەسلىي تېكىست، ئەسلىي ئەسەرگە سادىق، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق، پۇختا بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم نوپۇزلۇق قوشۇمچە ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىن «پىروگرامما»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئارقىلىق چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.