​بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2022年04月16日
来源:天山网
【字体:

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، قويۇپ بېرىش مۇنارى قاتارلىق ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ تېخنىكىلىق سىناق قىلىش زاۋۇت ئۆيىگە كېلىپ، ئالاقىدار ۋەزىپىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى.

4 - ئايدىكى خەينەننىڭ ھەممە يېرى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا كەلدى. كوكۇس دەرەخلىرى ئارىسىدا، بىر زامانىۋى قويۇپ بېرىش مۇنار جازىسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسىنى كۆرگەچ، ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ بېرىلگەن قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى تەرەققىيات يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، قويۇپ بېرىش مۇنار جازىسى قاتارلىق ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان، چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق، چاڭجېڭ 7 - نومۇرلۇق راكېتانى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى قالتىس تاماملىغانلىقى، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى، چاڭئې 5 - نومۇرلۇق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، تيەنۋېن 1 - نومۇرلۇق مارس تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزگەنلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ بىر راكېتا 22 سۈنئىي ھەمراھ يېڭى رېكورتىنى ياراتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ رەت بويىچە ئالەم ئۇچقۇسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىش زاۋۇت ئۆيى ۋە راكېتانى گورىزونتال سىناق قىلىش، تىك ھالەتتە ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىش زاۋۇت ئۆيىگە كېلىپ، ئالاقىدار ۋەزىپىلەرگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئىتتىرىش كۈچى زور توشۇغۇچى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانى، دۆلىتىمىزنىڭ كائىنات بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە. «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا ئالەم قاتنىشى تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، دۆلەت ئالەم قاتنىشىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، بۇ يىل دۆلىتىمىز ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ، تيەنجوۋ 4 - نومۇرلۇق، 5 - نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ۋە ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى، مېڭتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.