«ئىزدىنىپ، سىناق قىلىپ، يېڭى بىر يول ئېچىلدى»

日期:2022年04月16日
来源:天山网
【字体:

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەندە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، جاۋ پېڭ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

1988 - يىلى ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون 34 يىلنى بېسىپ ئۆتتى؛ خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىش، پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى باشلاشنى ئېلان قىلغان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تۆت يىل بولدى. خەينەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللەندى.

«خەينەنگە كېلىپ، <13 - ئاپرېل> دېگەن سۆزنى توختىماي ئاڭلاپ تۇردۇم. تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، تۆت يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ خەينەندە، خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ يۈكلەندى.» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى بۇرغىسى چېلىنغان بۇ كۈن، دەل خەينەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلغان كۈن ئىدى.

2022 - يىلى، يەنە بىر قېتىم خەينەنگە كەلگەندە، ئۇلۇغۋار پىلان بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىپ، يىللار داۋامىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر ئىدى: «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشى تېز ھەم پۇختا، كۈچلۈك ھەم تەرتىپلىك بوپتۇ».

خەينەن سەپىرىدە، سەنيادىكى شىمالىي كەڭلىك 18 گىرادۇستىكى قۇياش نۇرىدىن تارتىپ، ۋۇجىشەندىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1867 مېتىر كېلىدىغان يېشىللىق دېڭىزىغىچە، ئاندىن ياڭپۇ ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدىكى 114.78 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ھاياتىي كۈچكە تولغان كۆك ئىقتىسادقىچە. تۆت يىلدا، ئەڭ گۈزەل رەسىملەر ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

«20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا شيامېندا خىزمەت قىلغان چېغىمدا، شيامېن شەھىرىنىڭ 1985 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شيامېننى ئەركىن سودا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كۆپ ئىقتىدارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. مەن خېلى بۇرۇن ئەركىن سودا پورتى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە بەزى سىياسەتلەرنى شيامېندا يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولغانىدىم».

شۇ چاغدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى ئەمدىلا ئېچىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلماقتا. پۇرسەت بىلەن ۋەزىيەت ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى خەينەننىڭ قولىغا تاپشۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈمىد كۈتتى: «خەينەننىڭ بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپىنى تاماملىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىدىكىمۇ بىر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دادىل سىناق قىلىپ، ھازىر بىر يول ئېچىلدى».

شىمالىي كەڭلىك 18 گىرادۇس: يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنىڭ ھېكايىسى

«ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۆز يولىمىزدا مېڭىشىمىز كېرەك»

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەكشۈرۈشنىڭ 1 - بېكىتى، سەنيا.

نىڭيۈەن دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپى، شىمالىي كەڭلىك 18 گىرادۇسقا جايلاشقان تىنما تۈزلەڭلىككە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق مۇجەسسەملەنگەنىدى.

«ئىلگىرى بۇ جاي ساياھەتچىلىكنى ئېچىشقا ئىشلىتىلمەكچى بولغان، سىز 2018 - يىلى سۆزلىگەن سۆزىڭىزدە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاشنى تەلەپ قىلغانىدىڭىز، شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پىكىر يۈرگۈزۈپ تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇردۇق» دېدى خەينەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭغا دوكلات قىلىپ.

2019 - يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، نەنفەن پەن - تېخنىكىسى ۋە شېنخەي پەن - تېخنىكىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ يەردە باش شۇجى يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىنچىكە، تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ مۇنداق دېدى: «بىرىدە مەۋقە تېمپېراتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بىرىدە مەۋقە چوڭقۇرلۇققا قويۇلۇپتۇ. يۆنىلىش ياخشى تاللىنىپتۇ».

كۆزگە چېلىقمايدىغان قاتار - قاتار كىچىك بىنالاردا، قابىللار باشلامچى بولۇپ، بىر مەيدان مول مەزمۇنلۇق، كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىش ياساش ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بىناغا جايلاشقان ياجوۋۋەن ئۇرۇقلۇق تەجرىبىخانىسىغا كىردى. 60 - يىللاردا تۇغۇلغان ئاكادېمىكلار 90 - يىللاردا تۇغۇلغان، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر تەجرىبىخانىدا تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سورت يېتىشتۈرگۈچىلەر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەنىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا مەملىكەتلىك سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، خۇددى پەسىل قۇشلىرىدەك كۆچۈپ يۈرىدىغان كونا نەنفەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يىللاردىكى جاپانى تارتقانىدى، «بىر تەرەپتىن دېھقان بولۇپ، بىر تەرەپتىن پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى» «بەللىرىنى ئېگىپ تاغار كۆتۈردى، يۇرتىغا قايتىش يولى ئۇزۇن ئىدى».

ئۇرۇقلۇق دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى ئاچقۇچ، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى». لياڭجياخېغا يېڭى بارغاندا، ياش شى جىنپىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش پونكىتىغا سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈشنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلدى، «دېھقانلار مۇنداق دەيتتى: <ياخشى بالىنىڭ ئانىسى ياخشى دېگەندەك، سورتلۇق ئۇرۇقتىن كۆپ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ>، <يەر تېرىشتا ئۇرۇقلۇقنى ياخشى تاللىمىغاندا، جاپا تارتسىمۇ بىكارغا ئىشلەيدىغان ئىش.>» ئۇنىڭدىن كېيىن جېڭدىڭغا بېرىپ ئىشلىدى، «ھەر يىلى جېڭدىڭدىكىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرىدۇ، ھازىر ئۇرۇقلۇق تىزىملىكى تېخىمۇ ئەتراپلىق بولدى».

نوقۇل سورت يېتىشتۈرۈشتىن ئۇرۇقچىلىقنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە قاراپ ئۆزگىرىشكىچە، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. نەق مەيداندا ئەھۋال تونۇشتۇرۇۋاتقان ئاكادېمىك ياڭ ۋېيسەي ئۇرۇقچىلىقنىڭ 1.0دىن 3.0 باسقۇچقا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى جانلىق سۈپەتلەپ بەردى.

«مەن نەنفەننىڭ پەن تەتقىقات بويىچە سورت يېتىشتۈرۈشىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن، ئىلمىي پىلانلاپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان نەنفەن كىرېمنىي جىلغىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش جۇڭخۇا مىللىتىنى بېقىشتا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە».

جۇڭگونى كىم باقىدۇ، بۇ، ئىلگىرىكى قىيىن مەسىلە ئىدى، شۇنداقلا ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغان مۇھىم، زور تېما. باش شۇجى بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئۇرۇقلۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتساقلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتالايمىز، ئاندىن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. ئۇرۇقلۇق مەنبەسىنى مۇستەقىل كونترول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك».

ئوخشاش بىر دالىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى چېچىلغانىدى. تۆت يىل ئىلگىرى نەنفەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىز بويىدا ياشانغان يۈەن لۇڭپىڭ ئەپەندىنىڭ شال توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئىلگىرىكى ئىشلار ھېلىمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىدى. «بىز پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك، يولداش يۈەن لۇڭپىڭ بىر ئۈلگە. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان، ئۈن - تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرىدىغان، بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان كىشىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ».

شالغۇت شال ئاتىسى يۈەن لۇڭپىڭ، ئۆسۈملۈك ئىرسىيىتى بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى شيې خۇائەن، كۆممىقوناق سورتى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى چېڭ شياڭۋېن، جۇڭگو زىچ تىپتىكى شالغۇت كۆممىقوناق ئاتىسى لى دېڭخەي، جۇڭگو زىيانداش ھاشاراتقا تاقابىلچان كېۋەز ئاتىسى گو سەندۈي، قوغۇن پادىشاھى ۋۇ مىڭجۇ... ھەرقايسىسى تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىيات بىلەن، بۇ يەردە ئىز قالدۇرغانىدى.

ئېكسكۇرسىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاپتوموبىلغا چىقىپ ئايرىلىش پەيتىدە، باش شۇجى ئاكادېمىك ياڭ ۋېيسەيگە مۇنداق دېدى: «مەسئۇلىيەت ناھايىتى ئېغىر، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىڭلار!»

يىراق بولمىغان جايدىكى بىر بىنا جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان داشۆسىنىڭ سەنيا دېڭىز - ئوكيان تەتقىقات يۇرتى ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردە بىر توپ شېنخەيلىكلەرنى ئۇچراتتى.

بوشلۇق، ئاسمان، يەر، دېڭىزدا ئىقتىدار نامايان قىلىندى. باش چۆكۈرۈپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇلار باش شۇجىغا مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان شېنخەي كۈچ - قۇدرىتىنى دوكلات قىلدى.

«شېنخەي 1 - نومۇر» مەشغۇلات سۇپىسى بىپايان دېڭىزدىكى «قولۋاق» ئىدى. سىنلىق ئۇلىنىشتا، ئېگىز ئېسىلغان «چەكسىز دېڭىزغا بولغان سادىق قەلب، ئېنېرگىيە ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش» دېگەن شوئار شېنخەيلىكلەرنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«دېڭىز - ئوكيانغا مەن ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلىمەن». فۇجوۋدا، يولداش شى جىنپىڭ «دېڭىز ئۈستىدىكى فۇجوۋ» قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، فۇجيەن ئۆلكىسىگە كەلگەندىن كېيىن «دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك ئۆلكىسى» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئاندىن يەنە مەركىزىي كومىتېتقا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلانغانىدى: «زامانىۋىلاشقان دۆلەت قانداق بولىدۇ، قۇرۇقلۇق كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپلا قالماي، يەنە دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز - ئوكيانغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت بولۇشى كېرەك».

«ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان جابدۇقلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ نېفىت - تەبىئىي گازىنى ئېچىپ، ئېنېرگىيەدە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەمىنلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش».

«ياسىمىچىلىق سەۋىيەسى دېڭىز - ئوكيان جابدۇقلىرى ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. جۇڭگو چوقۇم ياسىمىچىلىق كەسپىنى ئۆز قولىدا تۇتۇشى كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت باشقىلارغا تايانسا بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش روھىمىزغا تايىنىش كېرەك».

100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇھىم. «ئۆزىگە تايىنىش» ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ سىناق ئېتىزى»دا تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى كۈندە تارقىتىلغان بىر روشەن ئۇچۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىمىز مەڭگۈ ئوچۇق تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كۆڭلىمىزنى توختىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۆز يولىمىزدا مېڭىشىمىز كېرەك، شۇنداقلا مۇنداق بىر خىل ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز كېرەككى، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرىمىز».

دېڭىز يۈزىدىن 1867 مېتىر ئېگىزلىكتە: ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ھېكايىسى

«ئىلگىرى گۆھەر تاغدا تۇرۇپ قۇرۇق قول قايتاتتۇق، ھازىر گۆھەر تاغدا تۇرۇپ مول ھوسۇل ئالدۇق»

«قارا بۇلۇتلار تارىلىپ، تولۇن ئاي ئاسماندا جىلۋە قىلدى، بۇ مەنزىرىنى كىم زىننەتلەپ چىققان؟»

خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسىدا، ئورمان بۈك - باراقسان بولۇپ، يېشىللىق كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ، ۋۇجىشەن تەۋەلىك رايونىغا چوڭقۇر چۆكتى.

كۆككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخلەرگە باش كۆتۈرۈپ قارىغاندا، قۇياش نۇرى قويۇق دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئالا - چىپار دەرەخ غوللىرى ۋاقىتنىڭ ئېقىن سۇدەك توختىماي ئۆتۈۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولغانىدى.

«باش شۇجى بىلەن بىللە بىر كىلومېتىر ماڭدىم، باش شۇجى ئاستا قەدەم بىلەن ماڭدى.» تونۇشتۇرۇشقا مەسئۇل باغچە چۈشەندۈرگۈچىسىنىڭ ھەربىر كۆرۈنۈشكە بولغان ئەسلىمىسى چوڭقۇر ئىدى: «ئۇ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ ئەتراپتىكى دەل - دەرەخلەرنى كۆزىتىپ، تەبىئەتنىڭ ئاۋازىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى».

«بوشلۇقتىكى گۈللۈك» كۆزنى قاماشتۇراتتى، قۇش چاڭگىسى، كېپىنەك دەرىخى، يىلتىز بىلەن قاپلانغان تاش، يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى چىرمىشىپ ئۆسكەن دەرەخلەر... تەبىئىي نەرسىلەر بولۇپلا قالماستىن، يەنە گۈزەل مەنزىرىمۇ بار ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئۆسۈملۈك بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى ئىكەن - ھە!»

«خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى خەينەنگىلا مەنسۇپ بولماستىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مەنسۇپ، يەر شارىغا مەنسۇپ، ئۇ دۆلەت گۆھىرى».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، زور تارىخىي قاراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتى چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلاندى. دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 2015 - يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى، 2021 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش دۆلەت باغچىسى رەسمىي تەسىس قىلىندى.

«ئەينى يىلى كەڭ كۆلەمدە پولات تاۋلاشتا، دەرەخلەر كېسىپ تۈگىتىلگەنىدى. كېيىن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بەزى جايلار بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمىدى. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەقدىرى ئىنسانلار بىلەن زىچ باغلانغان. بىز تارىخ ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىۋاتىمىز. خەينەندىن چىقىپ بۇ خىزمەتنى كۆرۈشىمىز كېرەك.»

شۇيمەن يېزىسىنىڭ ماۋنا كەنتى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى لىزۇلار كەنتى. كەنتتە دۆلەت باغچىسىنىڭ بىر پاسىل سىزىقى بار. باغچە ئىچى كەنتنىڭ ئورمان، ئېتىزلىقى؛ باغچە سىرتىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرى بار.

كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنى «باغچە كىشىلىرى» دەپ ئاتايدۇ.

ئىلگىرى تۇرمۇش نامرات ئىدى. ئۆلكە قۇرۇلغاندا، خەينەندىكى %17 نوپۇسنىڭ كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل بولمىغانىدى، ئوتتۇرا قىسىمدىكى تاغلىق رايونلار ھەتتا «يەرنى چوقۇلاپ تېرىيدىغان» ھالەتتە ئىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىرتقا چىققىلى بولمايدىغان تاغ بېيىش يولىنى ئۈزۈپ قويغانىدى. قورساق ئاچ قېلىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ئەسلىمە بولغانلىقتىن، بۈگۈنكى كۈندە ياخشى كۈنگە ئېرىشكەن كەنت ئاھالىلىرى يەنىلا كەنت يولى بويىدىكى «خېمۇ ئامبىرى»نى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئاشلىقنى بېسىپ قوياتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىن كېلىپ سىنچىلاپ قاراپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيتتىڭلارغۇ دەيمەن؟»

«تاغلىق يەر كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز. ھازىر ئورمان ئىقتىسادى، يەنى باغ - ئورمان، ئورمان - چاي، ئورمان - ئۆي قۇشلىرى، ئورمان - چارۋا قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دەپ جاۋاب بەردى شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش.

باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ − سۇ ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، كاربون ئامبىرى.»

كەنتتىكى شىپاڭدا يۇرتداشلار دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كېڭىشىۋاتاتتى.

«باش شۇجى ياخشىمۇسىز! بىزنىڭ كەنتكە مېھمان بولۇپ كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز».

«كېلىڭلار، بىز بىللە ئولتۇرايلى، ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈڭلار.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

«مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ چىۋاڭ، يۇرتقا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى.» ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن بىر يىگىت ئەڭ ئاۋۋال سۆز باشلىدى. ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ دېھقان بولغان كەچۈرمىشى مۇشۇ يىللاردا ئەتراپتىكى قوشنا يېزىلاردىكى نۇرغۇن ياشقا تەسىر كۆرسەتتى.

«مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ جىنيوۋ، كەنتنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىسى. تاغقا چىقىپ قۇشلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ مېنىڭمۇ تاماق قاچام».

«ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇننى بايقىدىڭلارمۇ - يوق؟» دەپ سورىدى باش شۇجى ئىلگىرى خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسىدا ئاڭلىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋان ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئىشىنى ئەسلەپ تۇرۇپ، «كۆپەيدى، 36گە يەتتى».

«ئورمان مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ كىرىمى قانداقراق؟» «بۇ پۇلنى كىم چىقىرىدۇ؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت مالىيە چىقىمىدىن قەدەممۇ قەدەم يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغىچە سورىدى.

«ۋاڭ چيۇڭشياڭ، بېيىش باشلامچىسى ئىككى ئېغىز سۆز قىلىڭ.» باش شۇجى كەنت ئاھالىلىرى سۆز قىلغاندا تىلغا ئالغان بۇ تارتىنچاق نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنى ئېسىدە ساقلىۋالغان بولۇپ، ئۇنى سۆز قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىدىن ھەر كۈنى غەم قىلاتتۇق. 2013 - يىلى ئائىلىمىز نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. مېنىڭ بۇرۇنقى نامرات كۈنلەرگە قايتقۇم يوق ئىدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم قىلىشى - يۆلىشىدە، مەن شۇيمەن چوڭ يوپۇرماقلىق چېيى تېرىدىم...» باش شۇجىنىڭ نەزەرى ئاستىدا، تېما باشلىنىشى بىلەنلا، ۋاڭ چيۇڭشياڭ سۆزلىگەنسېرى غەيرەتكە كەلدى، «بۇلتۇر بىر كىچىك ماشىنا سېتىۋالدىم».

بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كەنت ئاھالىلىرى كۈلۈشۈپ كەتتى. باش شۇجى ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقى بىلەن ئورتاقلاشتى، ئۇنىڭدىن سېتىۋالغىنىنىڭ پىكاپ ياكى كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى ئىكەنلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى ھەم بۇ تېمىدىن كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرگىچە پاراڭلاشتى.

«مەنمۇ 21 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇم. دۆلەت بېيىپ، خەلق قۇدرەت تاپتى، بىزنىڭ كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى!» ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە، كەنت ئاھالىلىرى چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.

كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جېڭجۇ مۇنداق دېدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەچلىك مەكتەپتە ئوقۇدۇم، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم، چاي تېرىدىم، يەنە كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسىنىڭ ئەزاسى بولدۇم. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ھازىر نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇرغۇن ھېكايىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر بار».

گاۋ لى شۇيمەن يېزىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ماۋناۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى. ئۇ دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يېقىندىلا بىر كەنت كارخانىسى قۇردۇق، ئۇنىڭ ئىسمى 1867 قۇرۇلۇش ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى».

1867 مېتىر دەل ۋۇجىشەن تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى. كەنت ئاھالىلىرى تاغقا بولغان مۇھەببىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، بۇ خىل ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

«بۇ كەنت ھەقىقەتەن گۈللەپ ياشناپتۇ. نامراتلارنى يۆلەش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ تەرەپتىكىسى نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، بۇ تەرەپتىكىسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىش. ئىلگىرى گۆھەر تاغدا تۇرۇپ قۇرۇق قول قايتاتتۇق، ھازىر گۆھەر تاغدا تۇرۇپ مول ھوسۇل ئالدۇق. چوڭ يوپۇرماقلىق چاي تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، كېيىنكى قەدەمدىكىسى ئېكولوگىيە ساياھىتى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بۇ يەرنىڭ چوقۇم پارلاق ئىستىقبالى بولىدۇ».

كىچىك ئېقىن ئېتىزلىقنى قوغداپ، يېشىل مايسىلار ئەتراپنى ئورىدى، يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىككى تاغ كىشىلەرگە يېشىل رەڭ بېغىشلىدى. شىپاڭنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى كارىدوردا لىزۇ مىللىتىنىڭ تاۋار - دۇردۇنى، لىزۇ مىللىتىنىڭ ساپاللىرى، قوۋزاق رەختلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. يەتتە ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ناھايىتى كىچىك چېغىدىلا مومىسىدىن كىمخاب توقۇشنى ئۆگەنگەنىدى. مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشىگىلا، ئۇ يەنە يۈگۈرۈپ كەلدى.

ئۇنىڭ بۇدرۇققىنە قوللىرى كىمخاب ئۈستىدە موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئۇ بىردىنلا كىشىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. باش شۇجى ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يادلىۋالغان بىر كۇپلېت شېئىرىنى ئاڭلىدى: «توققۇز پەرىشتە توقۇمىچى قىز كىشىلەر ئارىسىدا، لىزۇ مىللىتى تاۋار - دۇردۇنىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە 3000 يىل بولدى... »

ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئارزۇسىنى سورىغاندا، شاكىچىك ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مومامغا ئوخشاش بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن».

«ناھايىتى ياخشى! غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قول ھۈنەر ئىشى، ھەم ئەنئەنە ھەم مودا».

كەنت مەيدانىدا بامبۇك خادىسى ئۇسسۇلىنىڭ رىتىمى شوخ، بىشياۋ ئاۋازى مۇڭلۇق، يېقىملىق ئىدى، بىر تال دەرەخ يوپۇرمىقىمۇ چالغۇ ئەسۋابقا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، خۇددى تەبىئەت ساداسىدەك ئاڭلىناتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تەبىئەت دۇنياسىدا ياشاپ، بىر گەۋدىگە ئايلىنىپسىلەر».

بۇ قېتىم كېلىشىدە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلاش ئىدى.

«كومپارتىيە بارلىق زېھنىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلدى. ياخشىلانغاندىن كېيىن، يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك، توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ».

«پۈتۈن جۇڭگودا پەقەت بىرلا ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى بار. كېيىنكى قەدەمدە قىلىدىغىنىمىز دەل دۆلەتنىڭ چوڭ نىشانى بىلەن بىزنىڭ كىچىك نىشانىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت».

«ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىدۇق، دائىم ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشۈپ تۇرايلى، ئادەتتە كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ يەنە دائىم كۆرۈشكىمىز كېلىدۇ.» يۇرتداشلارنىڭ ناخشا ساداسى ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

كۆلىمى 114.78 كىۋادرات كىلومېتىر: دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇققا يۈزلەنگەن ھېكايە

«پۈتۈن مەملىكەت چوڭ ۋەزىيىتىدە ئورنىنى توغرا تېپىپ، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، <دەل بولۇش>نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»

ياڭپۇ خەينەنگە نىسبەتەن بىر كۆزنەك.

1992 - يىلى ئۆلكە قۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش تەرەققىيات قىزغىن دولقۇنىغا ئەگىشىپ، ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىنىپ، دۆلىتىمىزدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىپ دائىرە بويىچە ئېچىپ، باجدىن خالىي رايون سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىغا ئايلاندى.

30 يىل جاپاغا چىداپ ئىشلىدى. بىر ئۈنۈمسىز جاي يۈكسەك مەنزىلگە ئايلاندى. 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياڭپۇ كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ياڭپۇنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ئىزدىدى.

«ياڭپۇنىڭ كەلگۈسى قەيەردە؟ ئىككى ۋاقىت نۇقتىسى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.» شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش جانلىق سۆزلىدى.

بىرى 2018 - يىلى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت، ياڭپۇنىڭ تەرەققىياتىنى «تېزلەتكۈچ»كە ئىگە قىلدى؛ بىرى 2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنغان كۈن. نەچچە ئون مىڭ خەتلىك سەھىپىدە، ياڭپۇ دېگەن سۆز يەتتە قېتىم تىلغا ئېلىندى. ياڭپۇغا خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدا ئالدىن يولغا قويۇش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر كېمە مودېلى ئالدىدا قەدىمىنى توختاتتى. ئۇ «جۇڭگو ياڭپۇ پورتى» پاراخوت تىزىملاش پورتى سىياسىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تىزىملىككە ئېلىنغان پاراخوت − جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى «شىڭۋاڭ» ناملىق پاراخوت ئىدى. باش شۇجى ئۇلارنى سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناشقا ئىلھاملاندۇردى.

كۆلىمى ئاران 2.26 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ياڭپۇ باجدىن خالىي پورت رايونى «بىرىنچى سەپنى قويۇۋېتىش، ئىككىنچى سەپنى باشقۇرۇش» سىياسىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ياڭپۇنىڭ بۇلتۇرقى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %34.2 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. خەينەن ئۆلكىسى ئۇنى «ئەركىن سودا پورتىنىڭ <تۇنجى چۆگۈن سۈيى>نى قايناتتى» دەپ سۈپەتلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ باجدىن خالىي پورت رايونىدىكى بىر ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە پىرىستانغا، يەنى ياڭپۇ خەلقئارا يۈك ساندۇقى پىرىستانىدىكى شياۋچەنتەن پورت رايونىغا كەلدى.

باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى، سۇ دولقۇنى پارقىراپ جىمىرلاپ تۇراتتى. باش شۇجى قىرغاقتا ئۇزاققىچە تۇرۇپ، يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى.

1 - قارارلىق قۇرۇلۇش ئاساسىدا 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، «2 - قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق» دېدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلھام بېرىش بىلەن بىللە مۇنداق تاپىلىدى: «بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئورۇننى توغرا تېپىپ، ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىش كېرەك، بولۇپمۇ ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش چوڭ ئالدىنقى شەرتىنى ئويلىشىش كېرەك. چەكسىز تەرەققىيات ئاقمايدۇ، بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. چوقۇم دۆلەت خەينەنگە بېكىتىپ بەرگەن ئورۇن ئىچىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، <دەل بولۇش>نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

3406 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇ، خەينەن تەييارلىغان ياڭپۇنىڭ تەرەققىيات يېڭى شاھمات تاختىسى: قۇرۇقلۇققا قاراپ ئىچكىرىلەپ كىرىش. بۇلتۇر قىشتا، دەنياڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ۋەزىيەتكە قاراپ يولغا قويۇپ، «بىر يۈرۈش بەنزە، بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلان» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دەنجوۋدا شەھەر بار، كەسىپ يوق، ياڭپۇدا كەسىپ بار، شەھەر يوق» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

دەنياڭدا پورت بار، كەسىپ بار، شەھەر بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئويلىنىپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق قىلىپ دەنجوۋنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىۋېتىلگەن چەمبىرەككە ئەكىردۇق. بىزنىڭ قەدىمىي ۋىلايەت، ناھىيەلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى دېڭىزدىن يىراق. ھازىر شەھەرلەر دېڭىز بويىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزغا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى تەڭ تۇتۇش كېرەك».

بىر مەيدان بېسىم سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خەينەننىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2025 - يىلى پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. ياڭپۇنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

باش شۇجى بېسىم سىنىقىدىكى ئۇسۇلنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى: «ھەرقانداق جەھەتتە تۇيۇقسىز ئىش قىلسا ئىشەنچلىك بولمايدۇ. خۇددى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى بولغانغا ئوخشاش، دەسلەپتە 50 كىلوگىرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈپ، كېيىن بىراقلا 100 كىلوگىرامنى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بېسىم سىنىقىمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر جەريان. تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، بالدۇرراق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەييارلىق كۆرۈش كېرەك».

يىراق ئوكيان غايەت زور پاراخوتىنىڭ گۈدۈك ئاۋازى يەر شارىۋى سۇ يولىدا ياڭرىدى، شۇنداقلا ھەر تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەرنى جەم قىلدى. «بىز تەكلىپ قىلغان باش پىلانلىغۇچى سىنگاپورلۇق، باش سۇ تىرانسپورتى ئەمەلدارى شاڭخەيدىن كەلگەن، يەنە شېنجېن چيەنخەيدىن كەلگەن باش ئېچىش ئەمەلدارىمۇ بار...»

بۇ يەردە، باش شۇجى خەينەن خەلقئارا ئىقتىساد تەرەققىيات ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك يىگىت روسلان بىلەن كۆرۈشتى. 2013 - يىلى كۈزدە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇتقىدا ئۇنىڭ قان تەقدىم قىلىش ھېكايىسىنى تىلغا ئالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتتە ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. ھازىر ئۇنىڭ خىزمىتى پۈتۈن يەر شارىغا خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى تونۇشتۇرۇش.

روسلان باش شۇجىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خەينەنگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە يېتەكچىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « <جۇڭگوشۇناس> بولۇپ كېتىپسىز! تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق ئىختىساسلىقلارنىڭ خەينەنگە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز».

بۇ يەر ئىختىساسلىقلار كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان مۇنبەت تۇپراق.

34 يىل ئىلگىرىنى ئەسلىسەك، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن، يۈز مىڭلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى دېڭىزدىن ھالقىپ ئارزۇغا ئىنتىلدى. «خەينەنگە بېرىپ بىرەر ئىش قىلايلى» دېگەن سادا سانسىزلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

تۆت يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى «ئىختىساسلىقلار دولقۇنى»نىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۆتۈرۈلۈشىنى تېزلەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆپ تۈركۈمدە كادىرلارنى خەينەنگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا تاللاپ ئەۋەتتى. نەق مەيداندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن كادىرلار ۋەكىلى باش شۇجىغا ئىختىساسلىقلارنىڭ خەينەننىڭ ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى قوللاشتىكى خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشلەرنى دوكلات قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ: «كەلگۈسىدە يەنە قانداق داۋاملاشما پىلانىڭلار بار؟» دەپ سورىدى.

«يەنە داۋاملاشتۇرىمىز، داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز».

باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى خەينەننىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشىنىڭ دائىرىسى، ئېلاستىكلىقى، بوشلۇقى ئۈچۈن سالماقنى ياخشى ئىگىلەيدۇ. ئالدى بىلەن قائىدىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى خەينەنگە ئۆرنەك قىلىپ، خەينەندە قوللىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ بىر قىممەتلىك چېنىقىش پۇرسىتى، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي نەزەرى بىلەن ئۇلارغا قاراپ: «سىلەر ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاددىي بولمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، بىر تۈرلۈك تارىخنى پۈتۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىسىلەر» دېدى.

«1348» ئىستراتېگىيەلىك رامكا: خەينەننىڭ تۈنۈگۈنكى ۋە ئەتىكى ھېكايىسى

«نېمىنىڭ جاھاندىكى توغرا يول ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مۇشۇنداق قەتئىيلىك بىلەن مېڭىش كېرەك»

1979 - يىلى، چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان شى جىنپىڭ قىشلىق تەتىلدە خەينەنگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدى.

«ئۇچامغا تېخى مامۇق چاپان كىيىۋالغانىدىم. بېيجىڭدا ئەينى چاغدا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇس ئىدى، بۇ يەرگە كەلسەم تېمپېراتۇرا نۆلدىن يۇقىرى 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇس ئىكەن.» ئەينى چاغنى ئەسلىگەندە، خەينەنلىكلەرنىڭ تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان غەيرەت - شىجائىتى خۇددى بۇ يەرنىڭ كىلىماتىغا ئوخشاش، ياش شى جىنپىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ فۇجيەندە كەڭ كۆلەمدە سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش، خەينەن پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋە ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىپ، جېجياڭدا «چوڭ ئالاھىدە رايون بىلەن چوڭ مەركىزىي شەھەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىقى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاش... يەرلىكتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرىدە باشتىن - ئاخىر بۇ مۇنبەت تۇپراق بار ئىدى.

بەزى جايلار تەرەققىيات نەزەرىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە تىكىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خەينەن «بىر ئۆلكە ئىككى جاي» كەسىپ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت ئۆلكىسى، جۇڭگونىڭ ئىسسىق بەلباغ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك بازىسى، جۇڭگونىڭ دەم ئېلىش، ئىستىراھەت، ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇشقا ئىرادە باغلىدى. سانائەت يېتەكچىلىكىدىكى رامكا ئاستىدا، خەينەن تەرەققىيات يولىدا بىر مەھەل گاڭگىراپ قالدى.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەنيا خەلقئارا باج كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىگە، بىر خەلقئارا ئىستېمال مەركىزىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارىتىگە كەلدى. ئۇ يەردە خەينەننىڭ بەلگىلەنگەن ئورنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تالاش - تارتىش ناھايىتى كۆپ ئىدى، چوڭ نېفىت خىمىيە بازىسى قۇرۇش، پولات - تۆمۈر تۈرى ئېلىپ بېرىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىش دېگەندەك. 30 يىل سىجىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، مۇشۇ بىرنەچچە خىلنى تۇتۇش قارار قىلىندى: ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپى، ئىسسىق بەلباغ خاس يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى».

2018 - يىلىدىكى «13 - ئاپرېل» مۇھىم سۆزى خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك جۇڭگو زېمىنىغا تارقالدى، «ئاڭلاپ ئىسسىق قانلىرىمىز ئۇرغۇدى.» دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىپ، يېڭى كۈرەش داستانىنى باشلىدى.

«1348» ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

خەينەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداش «1348»نى تەپسىلىي تونۇشتۇردى: «<بىر ئاساس> باش شۇجىنىڭ خەينەن خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنى كۆرسىتىدۇ. <ئۈچ ئۇل> مەركەزنىڭ ئىككى ھۆججىتى ۋە دۆلەتنىڭ بىر قانۇنىنى كۆرسىتىدۇ. <تۆت لىم> ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت كاپالەت رايونىنى كۆرسىتىدۇ. <سەككىز تۈۋرۈك> سىياسەت مۇھىتىدىن تەشكىلىي رەھبەرلىك سىستېمىسىغىچە بولغان ھەر تەرەپلىمە كاپالەتنى كۆرسىتىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «<1348> جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئاچقۇچلۇقى ئورتاق تونۇش ھاسىل بوپتۇ، تونۇش سەۋىيەسى يۈكسىلىپتۇ. ئىلگىرى تالاش - تارتىش قىلىنغان ئىشلار ھازىر بىرلىككە كەپتۇ. قايسىنىڭ جاھاندىكى توغرا يول ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مۇشۇنداق قەتئىيلىك بىلەن مېڭىش كېرەك».

2021 - يىلى، تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى.

دۇنياغا قۇچاق ئاچقان خەينەن يەنە دۇنيانىڭ خەينەننىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزىقىشىنى قوزغىدى. خەينەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىدە، نۇرغۇن چەت ئەللىك مېھمان كېلىپ <جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك>نى قانداق چۈشىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى».

ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ «تەۋرەنمەسلىك»نى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك.

«<ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولسا، مەغلۇپ بولىدىغان ئىش بولمايدۇ.> 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئىشلار ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈپ تۇردى، بىردەم كۈل رەڭ كەركىدان پەيدا بولسا، بىردەم قارا قۇ پەيدا بولدى. ئۆزگىرىشچان، پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتكە نىسبەتەن تۆۋەن چەك ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى بولۇشى كېرەك، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇگې ئۆمۈر بويى ئېھتىياتچان بولدى، لۈ دۇەن چوڭ ئىشلاردا ھاماقەتلىك قىلمىدى. بىر ئىنقىلابىي ئەجداد ئىلگىرى <ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايمەن> دېگەن مۇشۇنداق بىر سۆزنى قىلغان. مەن ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم».

«مەن بۇ قېتىم كېلىپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئامما بىلەن ئۇچراشتىم، ھەممىسىنىڭ روھىي قىياپىتى ياخشى ئىكەن، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، قىزغىن دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئىكەن».

«خەينەن ئارىلىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ناھايىتى قالتىس ئىش.» 2018 - يىلى خەينەنگە كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرپا قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىنى ئەسلەپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1987 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان بۇ سۆزىنى ئەسلىدى.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، خەينەننىڭ جەنۇبى، ئوتتۇرىسى، غەربىي شىمالى، شەرقىي شىمالىدا، باش شۇجى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يول بويى ئۇچقاندەك يۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىزىنى ئارالنىڭ ھەممە جايىدا قالدۇردى. «دېڭىز»نىڭ يوشۇرۇن كۈچى، «قۇرۇقلۇق»نىڭ ھاياتىي كۈچى ھەممە يەردە ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادىنى ئۇرغۇتماقتا ئىدى. «ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەينەننى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى خەينەنگە زور ئۈمىد باغلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)