شى جىنپىڭنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى

日期:2022年04月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئاسمان پەلەك دەرەخنىڭ يىلتىزى جەزمەن چوڭقۇر بولىدۇ؛ تۈمەن چاقىرىملىق ئەزم دەريانىڭ جەزمەن مەنبەسى چوڭقۇر، ئېقىنى ئۇزۇن بولىدۇ.

كىچىك كەنتتىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغىچە، يېزا چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇشتىن پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولۇشقىچە، شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر دۆلەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلىدى.

«دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق مېنى مۇشۇنداق خىزمەت ئورنىغا قويغان ئىكەن، مەن باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىمدە ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويىمەن».

خەلق ئارىسىدىن كەلدى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى، خەلققە تاياندى. خەلق خەلق داھىيسىغا كەڭ نەزەر دائىرە، يۈكسەك قەلب، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ بېغىشلىدى، خەلق داھىيسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتتى.

خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، باشتىن - ئاخىر خەلققە ئېتىقاد قىلدى −

«مەن سېرىق تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈردۈم، قىزىل تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەرەققىي قىلدىم، پارتىيە ۋە خەلق مېنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشتى».

2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شەندۇڭ دۇڭيىڭ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى.

بۇ يەردە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىغا كىرىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ بىر تال دوۋجيانى ئۈزۈپ، قولىدا ئۇۋىلاپ سۈپىتىنى ئىنچىكە كۆزەتتى، ئەپچىللىك بىلەن بىر دانە دادۇرنى ئاغزىغا سېلىپ، ئالدىرىماي چايناپ: «دادۇر ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپتۇ» دېدى.

بۇ كۆرۈنۈشتىن بىر چەتتە تۇرغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مەسئۇلى لو شوۋيۈ ھەم ھەيران قالدى، ھەم يېقىملىق ھېس قىلدى: «بۇ، پېشقەدەم دېھقانلاردىلا بولىدىغان ھەرىكەت» دېدى.

ئەمگەكنىڭ ئاساسىي رېڭى خەلقنى كۆزلەيدىغان خىسلەتنى تاۋلىدى: 2012 - يىلى، فۇپىڭدا قار كېچىپ، كاڭدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇردى؛ 2018 - يىلى، ۋېنچۇەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يارغۇنچاقنى ئايلاندۇرۇپ دادۇر ئەزدى؛ 2019 - يىلى، پايتەختتە كۆچەت تىككەندە، گۈرجەك بىلەن توپا ئۇستى...

ئىختىيارسىز ھالدا تەبىئىي ئىپادىلەنگىنى، نامايەندە بولغىنى دەل يىللار ئۆتسىمۇ ئۆزگەرمىگەن خەلقچىل ھېسسىيات.

بۇ ھېسسىياتقا قىزىل گېن مۇجەسسەملەنگەن.

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ بېيجىڭ داشۆنىڭ قىزىل بىناسىغا كەلدى.

كۆرگەزمە زالىدا، لى داجاۋنىڭ «ئاۋام خەلقنىڭ غەلىبىسى» ناملىق مەشھۇر ماقالىسى بېسىلغان «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ئالدىغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆردى.

«مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى بولغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان مۇستەقىل ھەرىكەت»تىن «ئاۋام خەلقنىڭ غەلىبىسى»گىچە، ئىنقىلاب باشلامچىلىرى ئىشلىرىمىز «مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان» تارىخىي مۇقەررەرلىكنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

ئەينى يىللارنى ئەسلىگەندە، لياڭجياخېدىكى گەمىدە كاڭ بېشىدىكى خىرە چىراغ نۇرىدا: «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» ناملىق قىسقىغىنا نەچچە يۈز خەتلىك ئەسەرنى شى جىنپىڭ قولىدىن چۈشۈرمىدى؛ «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» «بېتيوننى خاتىرىلەيمىز» ناملىق ئەسەرلەرنى دائىم ئۆگىنىپ، بىلىمىنى دائىم يېڭىلاپ تۇردى، ئېتىقادىنى چاقناتتى.

يېڭى دەۋردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەينى - كەينىدىن بوران - چاپقۇنغا تولغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، كوممۇنىستلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشەندى:

شەرقىي جۇڭگو ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان يىمېڭ روھىنى ئەسلىدى؛ سەنشى - سۇييۈەن پاسىل رايونى ئىنقىلابى خاتىرە سارىيىدا «خەلققە بولغان ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلاش»نى تەكىتلىدى؛ خۇەيخەي جېڭى خاتىرە سارىيىدا «قول ھارۋىسىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە»دىن ھاياجانلاندى...

قەلبىمىزگە خەلقنى پۈكۈپ، قولىمىزدا ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاھاندىكى توغرا يولدا ماڭساقلا، كەلگۈسىمىز چەكسىز پارلاق بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۈچ بولمايدۇ»نى ئىشلىتىپ قەلبىدىكىنى ئىپادىلىدى:

«بىز جەزمەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس بولۇش، تەقدىرداش بولۇش مەيدانىمىزنى ئۆزگەرتسەك بولمايدۇ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، ئاممىنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىشتىن ئىبارەت تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قارىشىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ».

بۇ خىل ھېسسىيات ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىدىن كەلگەن.

2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، «سېرىق توپىلىق ئوغلى» ئۆيىگە قايتتى.

ئەينى چاغدىكى قەدىناس دوستى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنىلا شۇنداق يېقىنلىق ھېس قىلدى. باش شۇجى يەنە بىر - بىرلەپ ئۇلارنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىنى چاقىردى، «شۇ چاغدىلا لياڭجياخې كەنتى بىلەن رىشتىم باغلانغان بولۇپ، بۈگۈن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇقەررەر ئىدى».

40 يىل ئىلگىرى لياڭجياخېدىن ئايرىلغان شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئۇزىتىشقا چىققان يۇرتداشلار ھويلىغا بالدۇرلا توپلاشتى، كۆپچىلىك ئۈندىمەي ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇردى. ئىشىكنى ئاچقان شۇ دەقىقىدە، شى جىنپىڭنىڭ كۆزىدىن ئىسسىق ياشلار تۆكۈلدى.

ئەينى يىللاردىكى لياڭجياخېدىكى ھەربىر ئىنچىكە تەپسىلاتلار شى جىنپىڭنىڭ قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى.

ئېتىزغا بېرىپ تاماق يېگەندە، زىيالىي ياشلارنىڭ قوناق قوتۇرمىچى ساپسېرىق ئىدى، يۇرتداش: «بۇ ھەقىقىي ئاشلىق» دېدى. يۇرتداشلارنىڭ قوتۇرمىچىنىڭ ئۆزىنىڭكىدىن خېلىلا ناچارلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالماشتۇرۇپ يېدى.

قوتۇرماچنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز بولغاچقا، شى جىنپىڭنىڭ قورسىقى ئېچىپ چىدىيالماي قالدى، ئۇ يۇرتداشلارنىڭ تاماق سومكىسىنى ئاچقاندا، قوناق قوتۇرماچلىرىنىڭ يەنىلا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «سىلەر قوناق قوتۇرمىچىنى نېمىشقا يېمىدىڭلار؟» دەپ سورىدى.

«گەمە ئۆيدىكى ئەرلەر بىلەن بالىلارنىڭ جاپاسى تېخىمۇ ئېغىر، ئۇلارنى يېسۇن دەپ ئېلىپ قويدۇق».

پۇقرالارنىڭ جاپاسىنى پىششىق بىلگەچكە، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى.

«شۇ چاغدا، مەن بۇنىڭدىن كېيىن شارائىت بولسا، پۇرسەت بولسا پۇقرالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىمەن دېگەنىدىم».

ئەينى يىللاردىكى لياڭجياخېدا، بىر چوڭ ئەترەت ئىشتىھاسى ياخشى 30 نەچچە زىيالىي ياشنى قوبۇل قىلاتتى، يۇرتداشلار ئىنتايىن نامرات بولسىمۇ، شەھەردىن كەلگەن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى خالايتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «قورسىقىم ئاچقاندا، يۇرتداشلار ماڭا تاماق ئېتىپ بەردى؛ كىيىمىم مەينەت بولۇپ كەتكەندە، يۇرتداشلار يۇيۇپ بەردى؛ ئىشتىنىم يىرتىلىپ كەتكەندە، يۇرتداشلار ياماپ بەردى.» «ئۇلار ئىلگىرى ماڭا خالىس ياردەم بەردى، ماڭا كۆيۈندى، بولۇپمۇ ئۇلار سەمىمىي، ئاددىي - ساددا پەزىلىتى ئارقىلىق ماڭا تەسىر كۆرسىتىپ، قەلبىمنى تاۋلىدى».

پۇقرالارنىڭ ياخشىلىقىنى پىششىق بىلگەچكە، چىن كۆڭلىدىن ئۇلارنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

لياڭجياخېدىن جېڭدىڭغىچە، فۇجيەندىن جېجياڭغىچە، شاڭخەيدىن بېيجىڭغىچە، كاڭ باشلىرىدا، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قاتتىق - قۇرۇق تاماق يەپ، يۇرتداشلار بىلەن ئازادە پاراڭلىشىپ، شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى بىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدى.

بۇ خىل ھېسسىيات ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن كەلگەن.

2021 - يىلى 9 - ئايدا، شەنشى يۈلىندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سۇيدې ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ كونا ئورنىغا كەلدى.

كۆرگەزمە زالىدا بىر قۇر خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى: «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇش».

«ھەقىقىي تۈردە دېگەن بۇ سۆز گۇەنجۇڭچە سۆز بولۇپ، پۇختا، دۇرۇس دېگەن مەنىدە.» دادىسى شى جۇڭشۈن ئېيتقان يۇرتىنىڭ شېۋىسىنى ئەسلىگىنىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا چۆمدى.

شى جۇڭشۈن، بۇ «گۇەنجۇڭدىكى دېھقان ئوغلى» «ئامما ئارىسىدىن چىققان ئاممىنىڭ داھىيسى» دەپ ئاتالغان.

ئىنقىلابىي ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقتىن، قويۇق خەلقچىل ھېسسىيات ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەنىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلىسىنىڭ تەربىيەسىدە خەلق دېگەن سۆز ئۇنىڭ روھىغا چوڭقۇر سىڭدى، ئەسلىي مەقسەتكە ئايلاندى.

بۇ ھېسسىيات ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتە يىلتىز تارتقان.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇيىشەن تېغى جيۇچۈشى بويىدىكى جۇ شى باغچىسىغا كىردى.

«دۆلەتتە خەلقنى ئاساس قىلىش، دۆلەتنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش» ... باش شۇجى شى جىنپىڭ باغچە تېمىغا يېزىلغان جۇ شىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنىڭ كىلاسسىك بايانلىرىنى قەدىمىنى توختىتىپ خېلى ئۇزاق كۆردى.

2018 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل مۇشۇ قەدىمىي سۆزنى نەقىل كەلتۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى خەلققە بەخت يارىتىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى −

شىمالىي شەنشىدە خەلقنىڭ دەرد - ئەلىمىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئۇ فەن جۇڭيەننىڭ «دۆلەت، مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن تەڭ غەم يېيىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن قان - تەر تۆكۈش» دېگەن مەشھۇر بايانىنى ئوقۇدى؛

جېڭدىڭدا ۋېلىسىپىت مىنىپ يېزىغا چۈشكەندە، ئۇ جېڭ بەنچياۋنىڭ: «گەرچە بىز كىچىككىنە ئايماق - ناھىيە ئەمەلدارلىرى بولساقمۇ، پۇقرالارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز» دېگەن يۈرەك ساداسىنى چوڭقۇر چۈشەندى؛

نىڭدېدا نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە، ئۇ شوۋنىڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى فېڭ مېڭلۇڭنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەدبىرىنى ئەسلىدى، «ئۈچ ھېكايە»دىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى پىششىق دېكلاماتسىيە قىلالايتتى؛

ئۇ بېيجىڭدا كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ، «دىۋانبېگى» ناملىق ئەسەردىكى «خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ» دېگەن نەقىل سۆزلەردىن كۆپ قېتىم پايدىلاندى؛

...

يېڭى بىلەن كونا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، داۋلى باغلىنىشلىق بولىدۇ. بۇ خەلقچىل ھېسسىيات تارىختىكى جۇڭگودا يىلتىز تارتقان، شۇڭا چوڭقۇر، ئۇلۇغۋار.

خەلقنى چەكسىز قىزغىن سۆيۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن خەلققە بەخت ياراتتى −

«بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش».

بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئوبرازى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

1966 - يىلى 2 - ئايدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى − جياۋ يۈلۇ» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى. سىياسەت دەرسىدە، مۇئەللىم بۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىمۇ ئاڭلاۋېتىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

«مەن كېيىن مەيلى تاغقا چىقاي ياكى يېزىغا چۈشەي، داشۆدە ئوقۇي، ھەربىي سەپكە كىرەي ياكى رەھبەر بولۇپ خىزمەت قىلاي، يولداش جياۋ يۈلۇنىڭ ئوبرازى ئىزچىل قەلبىمگە ئورنىدى» دېدى باش شۇجى.

پۈتكۈل خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان بۇ ياخشى كادىر «باشتىن - ئاخىر مېنىڭ ئۈلگەم».

«نيەننۇجياۋ · جياۋ يۈلۇنى ئەسلەيمەن»نى يېزىپ، «قەيەردە ئەمەلدار بولسا، شۇ جاي خەلقىگە بەخت يارىتىش» دېگەن ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى؛ لەنكاۋغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا، «بىز كېيىنكىلەرگە قانداق مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارنى جياۋ يۈلۇچە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بولۇشقا چاقىرىق قىلدى ...

جياۋ يۈلۇغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىغا ئايلاندى.

2013 - يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دېھقانلار كالېندارىدىكى كىچىك يىل بولۇپ، گەنسۇنىڭ دىڭشى يۈەنگۇدۈي كەنتى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى ما گاڭنىڭ كونا، پاكار كېسەك ئۆيىگە كىرىپ، تام تۈۋىدىكى ئىدىشتىن بىر نوگاي سۇ ئېلىپ تېتىپ باقتى، ئاچچىق، قىرتاق سۇنىڭ تەمىدىن ئۇ قوشۇمىسىنى چىڭ تۈردى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپچىلىككە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ، بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزەيلى» دېدى باش شۇجى يۇرتداشلارغا.

نوگايدا سۇ ئىچىپ، پۇقرالارنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى ھېس قىلدى؛ كاڭدىكى يوتقان - كۆرپىلەرنى تۇتۇپ كۆرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى چۈشەندى؛ تۇۋاقنى ئېچىپ، خەلقنىڭ ئاچ - توقلۇقىنى بىلدى ...

40 نەچچە يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگودىكى كەنت، ناھىيە، شەھەر، ئۆلكە، مەركەزدە خىزمەت قىلدى، نامراتلارنى يۆلەش باشتىن - ئاخىر ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ، سەرپ قىلغان زېھنىي كۈچى ئەڭ كۆپ بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننى كېزىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى 50 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوقۇم «ھەقىقىي نامراتلىقنى كۆرۈش»تىن جەزمەن «نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش»قىچە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئالدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم مۇنداق دەيتتى: «يۇرتداشلار بىر كۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلمىسا، مەن بىر كۈن خاتىرجەم بولالمايمەن» «مەن بۇ ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرەلمەسلىكتىن، ئاخىرىدا خەلققە جاۋاب بېرەلمەسلىكتىن، تارىخقا جاۋاب بېرەلمەسلىكتىن بەك ئەنسىرەيمەن».

تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، مۇز تۇتقان يول يۈزىنى بويلاپ لوتوۋەن كەنتىدىكى پاكار كېسەك ئۆيلەرگە كىرىپ ھال - ئەھۋال سورىدى، يۇرتداشلارنى «ئىشەنچ بولسىلا، سېرىق توپىنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ» دەپ ئىلھاملاندۇردى؛

ۋۇلىڭنىڭ ئىچكىرىسىدە، شى باسەن ئائىلىسىنىڭ قارا ياغاچ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ، موماينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن خەلقنىڭ خىزمەتكارى»؛

دابيېشەن تاغلىق رايونىدا، ئۈچ خىل قاتناش قورالىنى ئالماشتۇرۇپ جىنجەي داۋەن كەنتىگە كېلىپ، نامرات ئائىلە ۋاڭ نېڭباۋنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قوللانمىسىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، «ئىنقىلابىي كونا رايون خەلقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛

...

ئاممىغا بولغان ئەڭ قويۇق مۇھەببەت ئەڭ ئېغىر ۋەدە، ئەڭ قاتتىق تەدبىر، ئەڭ زور سېلىنمىغا ئايلاندى، جۇڭخۇا زېمىنىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى قانات يايدى.

«ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا، بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەتنى، بىرمۇ رايوننى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.» خەلققە بەرگەن بۇ ۋەدىنى باش شۇجى باشتىن - ئاخىر قەلبىدە چىڭ ساقلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىدە، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇ ھەم دۆلەت تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ ھەيۋەتلىك سىمفونىيەسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ تەبەسسۇملۇق چېھرىدە جىلۋىلەنگەن جانلىق ھېكايە.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چەكسىز ھاياجانلاندى:

«ئىلگىرى مەن يېزىغا بارغاندا، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئۇنداق ياكى بۇنداق ئىشلارنى كۆرسەم، ناھايىتى بىئارام بولاتتىم، كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى. ئەمدى ھازىرقى يېزىلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، قىياپىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، لازىمەتلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولدى، جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولدى».

خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى قەلبىگە پۈكتى، خەلقنىڭ ھاياتىنى باش ئورۇنغا قويدى.

2022 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىدى.

خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دەرھال جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە يۈرۈشىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ئۈچ كۈندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھادىسىنى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلاپ، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس چوڭ تەكشۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇش سەپىرىدە، جىلىن چاڭچۇندىكى چاڭشېڭ بىيو ۋاكسىنا دېلوسىغا قارىتا، «ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىش»نى تەلەپ قىلدى؛ ياۋروپاغا زىيارەتكە كېتىۋاتقاندا، جياڭسۇ شياڭشۇيدە پارتلاش ھادىسىسى يۈزبەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، «پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش»نى تەكىتلىدى؛ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، خېنەن پەۋقۇلئاددە زور قارا يامغۇر ئاپىتىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى...

خەلقنىڭ ھاياتى خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرىغاندا، دائىم ئۇلار بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، بىز جەزمەن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقنىمۇ ئىشقا ئاشۇرالايمىز.» باش شۇجىنىڭ قەلبىدە خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامان ئەلپازدا كەلدى. باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى.

تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ «كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى»، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن چەكسىز سۆيۈندى، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا «قانداق ئەھۋالغا يولۇقساڭلار، ھەرقانداق ئېھتىياجىڭلار بولسا، تېلېفون قىلىپ ماڭا بىۋاسىتە دېسەڭلار بولىدۇ» دەپ تاپىلىدى... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك كۈنلىرىدە، باش شۇجى باشتىن - ئاخىر ئاممىنىڭ ئامانلىقىدىن غەم يېدى.

تۇغۇلغىنىغا ئاران 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاقتىن 100 ياشتىن ئاشقان بوۋاي - مومايلارغىچە، ھەربىر ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدالدى، ئادەمنىڭ ھاياتى، ئادەمنىڭ قىممىتى، ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى كۆڭۈل قويۇپ قوغدالدى.

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايمىز!» باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ ۋەزنى ناھايىتى ئېغىر ئىدى.

بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامرىغانلىقىدەك كەسكىن خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى يەنە بىر قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق، ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش» «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك».

ھاياتىي بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت چوڭ ئىشتىن، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن ئىبارەت كىچىك ھالقىلارغىچە، باش شۇجىنىڭ قەلبىدە ھەممىسى چوڭ ئىش ئىدى.

«ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش، پاكىز ئىسسىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش... پۇقرالارنى قىيناۋاتقان «كىچىك ئاۋارىچىلىك» باش شۇجىنىڭ ئۈستىلىگە قويۇلدى، باش شۇجىنىڭ قەلبىگە پۈكۈلدى، ھەم مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ قارالمىسىغا تۈرمۇتۈر كىرگۈزۈلۈپ، قېتىم - قېتىملاپ ئىسلاھاتنىڭ دىققەت قىلىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاز - ئازدىن ئۆزگەرتمەكتە ئىدى.

«جۇڭنەنخەي باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىشى كېرەك، بىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنى قەلبىمىزگە پۈكۈشىمىز، كاللىمىزغا ئورنىتىشىمىز كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

2022 - يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق 100 نەچچە ئاددىي جۇڭگولۇقنىڭ قولىدا يەتكۈزۈلدى. «تېز يەتكۈزگۈچى» ليۇ كو دەل مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

ئۈچ يىل ئىلگىرىكى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، بېيجىڭ چيەنمېندىكى شىتوۋ خۇتۇڭ تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا، ليۇ كو بىلەن خىزمەتداشلىرى ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشتى.

كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئاندىن ئۆيىگە قايتالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «تېز يەتكۈزگۈچى»لەرنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، سەھەر كېلىپ كەچ قايتىدۇ، ئۇلارنى بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىشچان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش ئەڭ تىرىشچان ئەمگەكچىلەر بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

ھەربىر سۆز، ھەربىر ھەرىكىتىدە، باش شۇجى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەمگەكچىلەرنى قەلبىگە پۈكتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەربىر ئەجرىنى قەدىرلىدى.

قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، دېھقان ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، «دېھقان ئىشچىلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش، تېخىمۇ كۆپ كۆيۈنۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ تاكسى يولۇچى توشۇش شىركىتىدە، «ئەر تاكسى شوپۇرى» «ئايال تاكسى شوپۇرى»لىرىدىن باھار بايرىمىدا تاكسىغا ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سورىدى؛ تازىلىق پونكىتىدا، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى شەھەرنىڭ «ھۆسن تۈزىگۈچى»سى دەپ تەرىپلىدى...

خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئاتلىنىپ، كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ نەتىجە ياراتتى.

ھەربىر جاراڭلىق قەسەم، ھەربىر سەمىمىي كۆيۈنۈش، ھەربىر تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار چوڭقۇر، قويۇق، قىزغىن خەلقچىل ھېسسىيات بولۇپ مۇجەسسەملەندى، ئەڭ چوڭقۇر قەلب ئىزھارى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى −

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن».

خەلققە زىچ تايىنىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى −

«جۇڭگو ئېگىزدە پەرۋاز قىلىش، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر پارچە سۈرىتى دۆلىتىمىزدىكى سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

2018 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، باشلامچىلىق بىلەن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا تەرەپ رايونىدا ئولتۇرغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەقدىرلەنگەن خادىملار ۋەكىللىرىنى چاۋاك چېلىپ تەبرىكلەپ، ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرنىڭ فوتو ئاپپاراتى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان بۇ دەقىقىنى خاتىرىلىدى. بۇ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوقۇلغان مەدھىيە، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىغا بىلدۈرۈلگەن ئېھتىرام.

«خەلق ئاممىسى بىزنىڭ كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەيىمىز» دېگەننى پىششىق ئىگىلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، شى جىنپىڭ يەرلىك رەھبەرلىك خىزمەت ئورنىغا چىقىپ، جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتىدى. بۇ ياش كادىرنىڭ ئىستىلى كىشىلەرگە يېپيېڭى تۇيغۇ بەردى.

«شى شۇجى ئەزەلدىن ئىشخانىسىدا بىكار ئولتۇرمايتتى».

ئەينى چاغدىكى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى كادىرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شى جىنپىڭ دائىم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى باشلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن، «بولۇپمۇ ناھىيە بازىرىنىڭ بازار كۈنىنى تاللاپ، چوڭ كوچىغا ئۈستەل قويۇپ، بازارغا كەلگەن پۇقرالارنى چاقىرىپ ئەھۋال ئىگىلەيدىكەن.» ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ دەرۋازىسىمۇ ھەمىشە ئوچۇق تۇرىدىكەن، قىغ سېۋىتى يۈدۈۋالغان پېشقەدەم دېھقانلار ئۇدۇل كىرىپ شى جىنپىڭ بىلەن پاراڭلىشالايدىكەن.

تۆۋەنگە نەزەر سېلىش، ئامما ئارىسىغا بېرىش شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىسلىتىگە ئايلاندى.

نىڭدېدا، چەت، يىراق يېزا - كەنتلەردىكى پۇقرالارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، چەيدو بىلەن چېپىپ ئېچىلغان تىكەنلىك تاغ يولىنى بويلاپ «شياداڭغا ئۈچ قېتىم باردى»؛ فۇجوۋدا، ئورگان ئورۇنلىرىدىن تېلېفون نومۇرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان ئىش بېجىرىشتە ئادەم تېپىش قىيىن بولۇش، تېلېفون بېرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ جېجياڭدا، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى باشلاپ «پۇجياڭغا زىيارەتكە بېرىپ»، زىيارەتكە كەلگەن ئامما ئىنكاس قىلغان زىددىيەت، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى...

2016 - يىللىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىر كەنت پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىدىن شۇ جاينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

«كالا - قويلارنى بورداشقا قانچە ئاي كېتىدۇ» «كەنت پارتىيە كومىتېتىدا قانچە ئادەم بار» «قانداق زىرائەتلەرنى تېرىيسىلەر» «سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىسىلەر»... باش شۇجى ئىنچىكە سورىدى، چىڭخەي گۇيدې ناھىيەسى داشىجيا كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بى شېڭجۇڭ ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

نەق مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزەرىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا قاراتتى. شۇنچە ئىنچىكە سوراشتىكى سەۋەب دەل «خەلق ئالدىدا بىز مەڭگۈ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، جەزمەن ئاڭلىق ھالدا خەلقنى ئۇستاز تۇتۇشىمىز كېرەك» دېگەننى پىششىق ئىگىلىگەنلىكىدىن ئىدى.

2013 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە بولغان ئون يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 53 قېتىم ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ قاراپ چىقىشى، مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، تەخمىنەن 400 ۋەكىل، ئەزانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىدى.

«توغرا يول نەدىن كېلىدۇ؟ ئامما ئارىسىدىن كېلىدۇ.» خەلقنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە ئۈمىدى باش شۇجىنىڭ قەلبىگە ئورناپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىگە سىڭدۈرۈلدى.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، خۇنەن چاڭشا، جيۇسو مېھمانخانىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنى ئالايىتەن تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە ئائىت پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى، دېھقان ئىشچىلار بار، يەنە يۈك تىرانسپورت شوپۇرلىرى، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىمۇ بار. كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئېيتتى، قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىسىنى سۆزلىدى، ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مول ئەقىل - پاراسەت ۋە چەكسىز ئىجادىيەت كۈچى بار. كۆپچىلىك ناھايىتى ئوچۇق ۋە جانلىق سۆزلىدى، ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پەن جيۇرېن شۇ مەيدان «ئاساسىي قاتلامغا يېقىن، ئاممىباب، قىزغىن كەيپىيات كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ باش شۇجىغا «يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ تۇرۇشلۇق خۇنەن ئۆلكىسى تاشەن ياۋزۇ يېزىسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە يېڭى ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچەيدى.

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تەييارلاش ئۈچۈن، شۇ يىلى 7 - ئايدىن 9 - ئايغىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن يەتتە مەيدان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدى؛ تۇنجى قېتىم بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈش توغرىسىدا «توردا تەدبىر سورىدى»، توردا 1 مىليوندىن ئارتۇق سۆز قالدۇرۇلدى.

خەلق داھىيسىنىڭ ئىنتايىن كەمتەر، سەمىمىي ساداقەتمەنلىكى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتەك باش قەھرىمانلىق ئېڭىنى ئۇرغۇتۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىدى.

«كۆپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالايدىغانلارنىڭ جاھاندا تەڭدىشى يوق؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىدىن پايدىلىنالايدىغانلار دانىشمەنلەردىن ئەيمەنمىسىمۇ بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى بۇ قەدىمكى سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈچىنى ئىزاھلىغانىدى.

نىڭدېدا، «تامچە سۇ تاشنى تېشىدۇ» «ئاجىز قۇش بالدۇر ئۇچىدۇ»نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق شەرقىي فۇجيەن خەلقىنىڭ «باشقىلار بىر ئۈلۈش تىرىشسا، مەن ئون ئۈلۈش تىرىشىمەن» دەيدىغان تەرەققىيات غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى؛ جېجياڭدا، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشقا تايىنىپ، تىنچ - ئامان جەمئىيەت قۇرۇش»قا چاقىرىق قىلدى؛ تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇشتا، «ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش»نى تەكىتلەپ، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم توسمىنى پۇختىلىدى... پۈتۈن جەرياندا، شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە چىن قەلبىدىن ئىشەندى ۋە ئۇنىڭغا زىچ تاياندى.

«2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» قىزچاق شيې شياۋيۈنىڭ جىسمىدىن باش شۇجى جۇڭگودىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى.

ئىككى يىل ئىلگىرىكى باھار بايرىمىدا، دەم ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان شيې شياۋيۈ يۇقۇمغا دۇچ كەلدى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى ئەڭ ياش پىدائىيغا ئايلىنىپ، 200گە يېقىن ئاھالە ئۈچۈن كۆكتات، دورا سېتىۋېلىش ۋە تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى.

2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇخەندە شيې شياۋيۈ ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدىكى دوختۇرلار، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار قاتارلىقلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. شيې شياۋيۈنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بەزىلەر ئۇلارنى ئەركە بىر ئەۋلاد دېيىشەتتى، لېكىن ھازىر قارايدىغان بولساق، ئۇلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلىنىپتۇ».

باش شۇجى يەنە كۆپچىلىككە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ مۇنداق دېدى: «خەلق ئۇرۇشىنى خەلققە تايىنىپ ئورتاق قىلىش كېرەك. كۆپچىلىك كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، جاپادىن باش تارتماي، ئۈن - تىنسىز بەدەل تۆلەپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى توسۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى...»

«بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بىزگە كۈچ - قۇدرەت ۋە ئىشەنچ بېغىشلىغىنى جۇڭگو خەلقى».

ئۇچقۇن مەشئەلگە ئايلاندى. «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» ياش بىر ئەۋلادتىن 70 ياشلىق ياشانغانلارغىچە، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردىن خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرىگىچە، پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن مەھەللە خىزمەتچىلىرىگىچە، تامچە - تامچە كۈچ قوشۇلۇپ، ھاياتلىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلىندى.

خەلق ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، خەلققە تايىنىپ غەلىبە قىلىش.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەسىر يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقىچە، يەنە تەڭداشسىز قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىشقىچە، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قوللىشى، قاتنىشىشى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ ھەممىدە غەلىبە قىلىشىنىڭ كۈچ مەنبەسى بولدى.

گۈللىنىش ئىرادىسىدىن قايتماي پائال تىرىشقاندا قۇدرەت تاپقىلى، ھەممە زىچ ئىتتىپاقلاشقاندا جۇڭگونى يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ.

تارىخ يېڭى بىر بەت ئاچتى.

2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، رېنيىن يولۋاس يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان سۆزلىرى كىشى قەلبىنى روھلاندۇردى:

«1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانساقلا، 95 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستلىرى باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلانساقلا، بىز چوقۇم يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان مۆجىزىلەرنى داۋاملىق يارىتالايمىز!»

(مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، ۋاڭ سىبېي، خۇاڭ يۆ، جاڭ يەن، دۇڭ بوتىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)