​«جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولماقتا − شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان خەۋپسىزلىك قارىشى دۇنيا تىنچلىقىدىكى قىزىل رەقەمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى»

日期:2022年04月03日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بايان ماقالىسى تارقاتتى​

«جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولماقتا − شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان خەۋپسىزلىك قارىشى دۇنيا تىنچلىقىدىكى قىزىل رەقەمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولماقتا − شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان خەۋپسىزلىك قارىشى دۇنيا تىنچلىقىدىكى قىزىل رەقەمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى» ناملىق بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن يەر شارىغا نەزەر سالساق، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇرۇش ئوتى قايتا تۇتاشتى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى خىرىسقا دۇچ كەلدى، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنياغا تۇتىشىدىغان ئېنىق يول بەلگىسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر قانچە كۆپ بولغان، كەلگۈسىنىڭ قانداقلىقىنى بېكىتىش قانچە قىيىن بولغان دەۋردە، ئۇلۇغ ئىدىيەنىڭ بۇلۇتنى يېرىپ قۇياشنى كۆرۈشتىكى كۈچى شۇنچە نامايان بولىدۇ. يەر شارىۋى تىنچلىق قىزىل رەقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان «ئورتاق بولۇش، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشى» ھەقىقەت نۇرىنى تېخىمۇ چاقنىتىپ، دەۋر قىممىتىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تارىخ چاقىنىڭ توغرا يولغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى قىممەتلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: تىنچلىق قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىش؛ تىنچلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش؛ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن جاھاندىكى توغرا يولنى ئېچىش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «شەيئىلەرنىڭ بېشى ۋە ئايىغى بار، ئىشلارنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى بار، ئىلگىرى - كېيىنلىكتىن ئىبارەت بۇ داۋلىنى چۈشەنگەندە، ئاندىن شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئورتاق بولۇش، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشى دۇنيانىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاققىچە بىخەتەر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكىسىغا ئۇيغۇن، ئۇ، جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك جاھاندىكى توغرا يولنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئومۇميۈزلۈك بولغان خەلق ئىستىكىگە ئۇيغۇنلاشقاندا، مۇقەررەر ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ پارلاق نۇر چېچىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.