​«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2022年04月02日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغان، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم، زور مەسىلە. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئاساسىنى ياخشى ساقلاش − ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسى ياخشىلانسا، پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرگە قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىنىدۇ. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. ئاشلىقنىڭ كۆپرەك ياكى ئازراق بولۇشى تاكتىكا مەسىلىسى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە مەسىلىسى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر يىلى چىڭ تۇتۇپ، كۆلەمنى، ھوسۇلنى تۆۋەنلەتمەسلىك كېرەك، تەمىنلەش، بازاردىن مەسىلە چىقسا بولمايدۇ. تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جېنى، 1 مىليارد 800 مىليون مولۇق تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، «ئەڭ ئۆتكۈر» بولغان قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى پەن - تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتا ئاچقۇچ دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىپ پۇل تاپالايدىغان قىلىش. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، جەزمەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرىنچى، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزا - كەنت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يېزا - كەنت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئالتىنچى، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەڭ ئاخىرىدا يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ ئىشلەشتە. جەزمەن سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە دېھقانلارغا تايىنىپ، دېھقانلارنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، دېھقانلارنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىش كېرەك.