​« − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2022年04月02日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

​«<تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىش> − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى «<تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىش> − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: باھار كېلىپ، بارلىق شەيئىلەر جانلاندى. بېيجىڭنىڭ جەنۇبىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر يېڭى شەھەر بارلىققا كەلدى.

2017 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى تەسىس قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئۇ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش ئۈچۈن يول باشلاپ، يول كۆرسىتىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، يېڭى رايون قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: «بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تارىخىي خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش» «كۆڭۈل قويۇپ ئالغا سىلجىتىپ تارىختا ئەپسۇسلىنىش قالدۇرماسلىق» «تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، زور تارىخىي قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ قىلىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ «شيۇڭئەن سۈپىتى» يارىتىلدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مەملىكەتلىك ئۈلگىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا.

بىر چاسا شەھەر، ئىككى ئوق لىنىيە، بەش رايون، ئون مەنزىرە باغچىسى، يۈز رەڭگارەڭ گۈللۈك، مىڭ يىللىق ئورمان، چەكسىز يېشىللىق... ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر كەلگۈسى شەھەر كىشىلەرنى تەقەززا قىلماقتا.