جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

日期:2022年03月31日
来源:天山网
【字体:

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىناۋەت ئىدىيەسى، ئىناۋەت تۈزۈمى، ئىناۋەت ۋاسىتىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كىرېدىتنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشتىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرەك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەۋقەنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىناۋەت قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىناۋەت ئىدىيەسى ۋە شەكلىنى قوللىنىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانۇنچىللىق يولىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئىناۋەت تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى بازىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللەش ـ ماسلاشتۇرۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش ـ يېتەكلەش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تاكامۇللاشقان ئىناۋەت مېخانىزمى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ياخشى ئىناۋەت مۇھىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تىرەك بولۇش، پۇختا ئىناۋەت ئاساسى ئارقىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈملۈك بولغان ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە ئىناۋەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سەمىمىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.