«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى» قاتارلىقلار نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2022年03月27日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى ئىقتىساد گېزىتى نەشرىياتى نەشر قىلغان «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش توپلىمى» − «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى (2021)» «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى (2021)» يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

دەۋر تېمىسى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش يەنە دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە ۋە ئۈنۈملۈك يول ئاچىدۇ. 2021 - يىلى، ئىقتىساد گېزىتى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى تەتقىقاتى بويىچە ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى باشلاپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە قىممىتى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلدى. نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر خەۋەرلەر ئىقتىساد گېزىتىدە كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى (2021)»دا ئىقتىساد گېزىتىدە 2021 - يىلى ئېلان قىلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، بايان قىلىشقا دائىر نەزەرىيە ماقالىلىرى رەتلەپ چىقىلغان؛ «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر ئەسەرلەر توپلىمى (2021)»دا ئىقتىساد گېزىتىدە 2021 - يىلى ئېلان قىلىنغان شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا دائىر خەۋەرلەر رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىيەت ئىزدىنىشى جانلىق نامايان قىلىنغان.