«ئارمىيەنىڭ جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى

日期:2022年03月20日
来源:天山网
【字体:

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ

«ئارمىيەنىڭ جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيەنىڭ جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، 2022 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«بەلگىلىمە»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتى ۋە ئارمىيەنىڭ جابدۇق قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تۈزۈلمىدىكى جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، جابدۇق سېتىۋېلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.

«بەلگىلىمە» جەمئىي ئالتە باب، 35 ماددا بولۇپ، «ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش» ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋەزىپىسى، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كېلىشىمى، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش لايىھەسى قاتارلىق تۈزۈم ـ مېخانىزملار ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ئۆستۈرۈلدى؛ سۈپەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى، تەرتىپى ۋە تەلىپى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق لايىھەلىنىپ، لاياقەتلىك جابدۇقلارنى قىسىمغا تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش، ئىش داۋامىدا باشقۇرۇش بىلەن ئىشتىن كېيىن باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، جابدۇق سېتىۋېلىش توختامىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى.