​«زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتايلى − ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلدى»

日期:2022年02月25日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسى تارقاتتى

​«زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتايلى − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش> ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلدى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتايلى − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش> ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلدى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، قانداق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى قانداق قۇرۇش كېرەك، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور دەۋر تېمىلىرىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجادىي تۆھپىنى دەل جايىدا ئىگىلەش يېڭى مۇساپىدە بىزنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىمىز، يېڭى غەلىبىنى يارىتىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: «بۇ يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، بۇ يولنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ماڭغانسېرى كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش»؛ «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ»؛ «بىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتۇق»؛ «بۇ تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشتە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن تارىخىي تەجرىبىلەر ۋە تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىپ، ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئىجادىي تۆھپىسىنى قوشۇشقا تېخىمۇ سالاھىيىتى بار، تېخىمۇ ئىقتىدارى بار».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ ئىدىيە بىلەن قالتىس ئىشلار بىر - بىرىنى چاقناتتى، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن ئۇلۇغ ئەمەلىيەت ئۆزئارا تۈرتكە بولدى. يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كۆرسەتكۈچ قىلىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى مۇقەررەركى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى تارىخىي شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.