دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: دۆلىتىمىز كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم «يۈز، مىڭ، ئون مىڭ قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويىدۇ

日期:2022年02月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت خەۋىرىمۇخبىرنىڭ2-ئاينىڭ 16-كۈنىدۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىز كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم «يۈز، مىڭ، ئون مىڭ قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، مەركەز مالىيەسى ئارقىلىق يەرلىك سېلىنمىغاتۈرتكە بولۇپ، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر(ناھىيە)دىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغانقاتلامدا دەرىجە-تۈرگە ئايرىپ كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملەرنى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

دۆلەت قاتلىمىدا، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ھەر يىلى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمىدىن ئاز دېگەندە 150نى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئالاقىدار مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ ئىقتىدارىنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرقولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامدا، 31 ئۆلكە ھەر يىلىئۆلكە دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ئاز دېگەندە 1000نى قوللاپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاش ساھەسى ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ساھەسىدە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ.

شەھەر(ناھىيە) دەرىجىلىك قاتلامدا، 31 ئۆلكە جەمئىيۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ئاز دېگەندە10 مىڭنى قوللايدۇ.

دۆلەت ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، تۇغۇت بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى، ناركوز بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى، روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە پاتولوگىيە بۆلۈمى، تەكشۈرۈش بۆلۈمى، تېببىي سۈرەت بۆلۈمى قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈمقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ. خەلقئارا تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش مېدېتسىناسى، دەل جايىدا داۋالاش، مېڭە ئىلمى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو تېبابەتقاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ساھەلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلارنى تىرىشىپ ھەل قىلىدۇ.