دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2022-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

日期:2022年01月01日
来源:天山网
【字体:

يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2022-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2022-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر، 2022-يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق بەخت تىلەيمەن!

بۇ بىر يىلنى ئەسلىسەك، ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولدى. بىز پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.

يىل بېشىدىن يىل ئاخىرىغىچە، ئېتىز، كارخانا، مەھەللە، مەكتەپ، دوختۇرخانا، ھەربىي گازارما، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورنىدا... كۆپچىلىك بىر يىل ئالدىراش ئۆتتى، ئەجىر قىلدى، ئۆزىنى بېغىشلىدى، شۇنداقلا ھوسۇلغا ئېرىشتى. ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتكەن بۇ بىر يىل ۋاقىتتا، بىز كۆرگەن، ھېس قىلغان جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمىگەن، گۈللەپ ياشنىغان جۇڭگو بولدى. بۇ يەردە سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر خەلق بار، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات بار، داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان ئىشلار بار.

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. تيەنئەنمېن راۋىقىدا تۇرۇپ چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۇق، تارىخىي مۇساپىدە نۇرغۇن بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈردۇق، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى 100 مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئېگىلمەس-سۇنماس روھ، تۈمەنلىگەن خەۋپ-خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئىرادىسىدىن قەتئىي قايتمايدىغان روھ بىلەن، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ سەلتەنەتلىك ئوبرازىنى ياراتتى. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىز پەقەت كۆتۈرەڭگۈ روھ-جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلساقلا، ئاندىن تارىخقا يۈز كېلەلەيمىز، دەۋرگە يۈز كېلەلەيمىز، خەلققە يۈز كېلەلەيمىز.

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 3-تارىخىي قارارى ماقۇللاندى، 100 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، 100 يىللىق تەجرىبىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەن ئەينى يىلى ماۋ جۇشى بىلەن خۇاڭ يەنپېي ئەپەندىنىڭ «گەمىدىكى سۆھبەت»ىنى تىلغا ئالغانىدىم، بىز پەقەت جاسارەت بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلساقلا، ئاندىن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا-دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان داغدام يول ئەمەس، بىز دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، «ئۇلۇغ غايىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلىشىمىز» كېرەك.

يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2022-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس سالاپىتى بولىدۇ، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ھەممەيلەننىڭ ئىشى. مەن بىر قىسىم جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدۇم، نۇرغۇن ئەھۋاللارنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم، نۇرغۇن ئىلھام ۋە ھوسۇلغا ئېرىشتىم. ھەر قېتىم ئاممىنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ھەمىشە يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سوراپ تۇردۇم، يۇرتداشلارنىڭ سۆزلىرىنى قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم.

خەلقنىڭ غېمى جەزمەن بىزنىڭ غېمىمىز، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ جەزمەن قىلىدىغان ئىشىمىز. مەنمۇ يېزىدىن كېلىپ چىققان، نامراتلىقنىڭ دەردىنى ئوبدان بىلىمەن، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىلگىرىكى نامرات كىشىلەرنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولدى، ئوقۇيدىغان مەكتىپى، تۇرىدىغان ئۆيى، داۋالىنىش كاپالىتى بار بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن جاۋابى، شۇنداقلا دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى. كۆپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتە، كۆز ئالدىمىزدىكى نەتىجىلەر بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ، ماڭىدىغان يولىمىز تېخى ئۇزۇن.

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچ ئېقىشى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى ئايلىنىپ چىقتىم، مەيلى «ئانا دەريا» خۇاڭخې-چاڭجياڭ دەريالىرى بولسۇن، ياكى سۈپسۈزۈك چىڭخەي كۆلى، ھەيۋەتلىك يالۇزاڭبۇ دەرياسى بولسۇن؛ مەيلى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشتىن ئىبارەت ئەسىر قۇرۇلۇشى بولسۇن، ياكى سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «يېشىل خەرىتە» بولسۇن؛ مەيلى يۈننەندە پىلنىڭ شىمالغا بېرىپ جەنۇبقا قايتىشى بولسۇن، ياكى شىزاڭ بۆكىنىنىڭ كۆپىيىش ئۈچۈن كۆچۈشى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى «كىشىلەر تەبىئەتكە يۈز كېلەلىسە، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنى نائۈمىد قويمايدۇ» دېگەننى ئۇقتۇرماقتا.

بۇ بىر يىلدا، يەنە نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو پەيتى، جۇڭگو ھېكايىلىرى بارلىققا كەلدى، «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن ياشلىق قەسىمى، «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن چوڭقۇر ھېسسىياتلىق كۆڭۈل ئىزھارلىرى؛ «جۇرۇڭ»نىڭ مارسنى تەكشۈرۈشى، «شىخې»نىڭ قۇياش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشى، «تيەنخې»نىڭ پىلانېتىلار ئارا كېزىشى؛ تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كارامىتىنى كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىشى؛ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك بولۇشى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ماكانىنى قايتا قۇرۇشى؛ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، يۇرتنى، ۋەتەننى قوغدىشى... سانسىزلىغان ئاددىي قەھرىمانلار جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك ئېقىنىنى مۇجەسسەملىدى.

ۋەتەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئىزچىل قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى. پەقەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە يولغا قويغىلى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلەشكەن، سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق كۆرۈشكەندە، ئۇلار جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى ۋە يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قوشقان تۆھپىسىنى كۆپ قېتىم تەرىپلىدى. ھازىرغىچە جۇڭگو جەمئىي 120 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنى 2 مىليارد دانە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلىدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشسىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇشمۇ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتى. بىز دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى سەمىمىي تەقدىم قىلىمىز. دۇنيا جۇڭگودىن ئۈمىد كۈتمەكتە، جۇڭگونىڭ تەييارلىقى پۈتتى.

يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىزنىڭ ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىمىز چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا «كاماندىروپكا»دا، مەملىكەت سىرتىدىكى قېرىنداشلار يەنىلا تىرىشىپ ئەجىر قىلماقتا، ئەلچىخانا، كونسۇلخانا، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەملىكەت سىرتىغا تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن خادىملار ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئورنىدا قەتئىي چىڭ تۇرماقتا، سانسىزلىغان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر يەنىلا كۈرەش قىلماقتا، ئۆزىنى بېغىشلىماقتا. كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار، مەن كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق سەمىمىي سالام يوللايمەن!

بىز بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى! دۆلەتنىڭ تىنچ-ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى!