مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى يارىتىش كېرەك

日期:2021年12月16日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى

مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى يارىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتىيى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئەدەبىيات - سەنئەت سېپىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقچىللىقنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىز ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات - سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ھەم تەلىپىگە يۈز كېلەلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. دەۋر دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى مىسلىسىز كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى قىلچە باش تارتماي، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، زور نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلنى چىڭىتىپ، روھنى تاۋلاش جەھەتتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتنى قوينىغا ئېلىشتىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپىنى يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچى كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، بارلىق ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ مىللەتكە تەۋە بولغان، ئىلمىي بولغان، ئاممىباب بولغان جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا پائال تۈرتكە بولدى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئىرادىسىدىن قايتماي ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، مول ئەدەبىيات - سەنئەت شەكلى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش، مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يالقۇنلۇق ئەمەلىيىتىنى جانلىق مەدھىيەلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال تۆھپىلەرنى قوشتى، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەدەبىيات، تىياتىر، كىنو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، چۈيى سەنئىتى، سېرك، خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورى، ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت، سەنئەت مائارىپى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

شى جىنپىڭ كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە بەش نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى قىزغىن تەسۋىرلەش؛ ئىككىنچى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان خەلق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقىش؛ ئۈچىنچى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋرگە يېتىشىپ ماڭىدىغان نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش؛ تۆتىنچى، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۇنياغا ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش؛ بەشىنچى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىش داۋامىدا كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى يارىتىش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋرنىڭ بۇرغىسى. يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپە زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشى. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ دەۋر باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كىشىلىك ھايات ئىنتىلىشى، سەنئەت ھاياتىنى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىرادە تىكلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىغا پۈتۈشى، خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىگە پۈتۈشى كېرەك. چوڭ تارىخ قارىشى، چوڭ دەۋر قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تارىخىي مۇساپە ۋە دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ 100 يىللىق جاھان توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇشقۇن دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كېرەك. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلقنىڭ ساداسىدىن باش تېمىنى تاۋلاپ، تېمىسىنى تاللاپ چىقىپ، جۇڭخۇا تارىخىنىڭ گۈزەللىكى، تاغ - دەريالارنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ئىجاد قىلىش كۈچى، تەرەققىيات نەتىجىسىنى تەسۋىرلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ روھىي قىياپىتىنى ھەر تەرەپلىمە، ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەنبە قىلىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە مەنسۇپ بولۇش سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تۈپ مەيدانى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئەدەبىيات - سەنئەت خەلقنىڭ تارىخنى يارىتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە ئەڭ قىزغىن مەدھىيەلەرنى ئوقۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بارلىق جان تىكىپ كۈرەش قىلغۇچىلارنى، خەلق ئۈچۈن قۇربان بولغان، ئۆزىنى بېغىشلىغان بارلىق قەھرىمانلارنى ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۈيلىشى كېرەك. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ۋە خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك. خەلقنى ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى مايىللىقى ۋە ھېسسىياتىنى خەلق بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇپ، دەۋر ۋە خەلقنى كۈيلىشى كېرەك. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سەمىمىي، جۇشقۇن، كۈچلۈك بولغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېستېتىك قارىشى، قىممەت قارىشىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆلچەشتە ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئەسەرگە قاراش، ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئۆلچەشتىمۇ ئەسەرگە قاراش كېرەك. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ مىللىتىمىزنىڭ، ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئەسەرلەرنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتى، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى، سەنئەت قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى، ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى قېزىپ چىقىپ، سەنئەت ئىجادىيەت كۈچى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتىنى يۇغۇرۇپ، جۇڭخۇا گۈزەللىك روھى بىلەن ھازىرقى زامان ئېستېتىك ئىنتىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ، قەدىمكىلەردىن ئۆگىنىپ ئەمما قەدىمكىگە ئېسىلىۋالماي، قائىدىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئەمما قائىدىگە خىلاپلىق قىلماي، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەدەبىيات - سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن توغرا پايدىلىنىپ، ئىجادىيەت ئىلھامىنى قوزغاپ، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە، تېخىمۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە يېڭى مەنزىلنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن چوڭقۇر دۇنياۋى مۇھەببەتكە ئىگە، ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتى نەزەرىنى دۇنياغا قارىتىشى، ئىنسانىيەتكە قارىتىشى كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىگەندە قەلبنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ؛ سەنئەت ئارقىلىق قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغاندا، دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ئاسان ئالاقە باغلىغىلى بولىدۇ. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئىشەنچ ۋە غايىگە ئىگە بولۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىپ، جۇڭگونىڭ ئېستېتىك مەقسىتىنى نامايان قىلىدىغان، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. مەۋقەنى جۇڭگو زېمىنىغا قويۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان تېخىمۇ كۆپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئوبرازىنى يارىتىپ، جانلىق، ئىستېرېئولۇق بولغان جۇڭگونى تىرىشىپ نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى سەھىپە پۈتۈشى كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار بىلەن ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مىللەت خاسلىقىغا ئىگە سەنئەت مەزمۇنى ۋە شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتنىڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇسلۇب، ئېقىم، شەكىل، نۇسخىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو خىسلىتىنى روشەن تۇرغۇزۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەدەبىيات - سەنئەت كەيپىيات ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان كىشى جەزمەن ئاۋۋال ئۆزىنى تەربىيەلىشى كېرەك؛ روھنى تاۋلاپ ئۇلنى چىڭىتىدىغان كىشى جەزمەن ئاۋۋال ئۆزىنى تاۋلىشى كېرەك. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئەخلاق ساپاسى، جەمئىيەت ئوبرازىنى ئەسەرنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سەنئەت غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىپ، تىرىشىپ ئالىيجاناب ئەخلاق پەزىلىتى ۋە ئىپادىلەش شەكلى بىلەن مەزمۇنى گۈزەل ئەسەرلىرى ئارقىلىق تارىخ ئۈچۈن توغرا كەيپىيات قالدۇرۇشى، دۇنيا خەلقى ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئۆزى ئۈچۈن پاك نام قالدۇرۇشى كېرەك. ئەدەبىيات - سەنئەت ئاممىباب بولۇشى كېرەك، لېكىن چاكىنا، پەسكەش، تەخسىكەش بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەت تۇرمۇشقا يېقىن بولۇشى كېرەك، لېكىن ناچار كەيپىياتنى پەيدا قىلغۇچى، شامالغا ئەگەشكۈچى، تەرغىب قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، لېكىن ئاجايىپ - غارايىپ، قۇرۇق گەپ ساتىدىغان، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك، لېكىن پۇلنىڭ كويىدا بولۇشقا، بازارنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىجادىيەتتە قان - تەرگە تايىنىش، ئورۇنداشتا ئەمەلىي كۈچكە تايىنىش، ئوبرازدا يارىتىشقا تايىنىش، ئۈنۈمدە سۈپەتكە تايىنىش، نام - ئاتاقتا ئەخلاق ۋە قابىلىيەتكە تايىنىش كېرەك. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى قەدىرلەپ، ئەسەرنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئەستايىدىل، كەسكىن ئويلىشىشى كېرەك. بىر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسىنىڭ ناۋادا ئەخلاق - پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا، خەلق قوبۇل قىلمايدۇ، دەۋرمۇ قوبۇل قىلمايدۇ! ئىززىتىنى ساقلىمىسا ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ! كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۇرۇس ئادەم بولۇشى، پاك ئىش قىلىشى كېرەك، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى مەدھىيەلەپ، ساختىلىق، يامانلىق، رەزىللىكنى قامچىلىشى كېرەك. كەسىپ ئىستىلى، سەنئەت ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، مۇھىتى ساپ بولغان كەسىپ كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق زور بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى، سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە يېڭى ئەدەبىيات - سەنئەت توپىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە مايىللىشىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈزۈلمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز تۈردە نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدىغان، ئىختىساسلىقلار مەيدانغا كېلىدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ماركسىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە ئوبزور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەربىيەلەش، يېتەكلەش بىلەن ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىتى ساپ بولغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تونۇپ، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىپ، ياش ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇشقا، داغدام يولدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىشقا، نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشىغا، باش رولچى بولۇشىغا مەدەت بېرىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەدىبلىرى، سەنئەتكارلىرىنى بۇلاق سۈيىگە ئوخشاش ئېتىلىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تيې نىڭ ئېچىلىش سۆزى قىلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى خې جۈنكې خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.