شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

رۇسىيەدە كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈزبېرىپ ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى رۇسىيەدە كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈزبېرىپ ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كېمېروۋو ئوبلاستى بېلوۋو شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈزبېرىپ ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ھەم يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.