«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا − پۈتۈن ئارمىيەنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا − پۈتۈن ئارمىيەنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا − پۈتۈن ئارمىيەنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق ئىدى: ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

100 يىللىق چوڭ پارتىيە دەل قىرانلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا، يېڭى مۇساپە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى؛ خەلق ئارمىيەسى مەردانە قەدەم تاشلىماقتا، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرغىسى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە.

2013 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، شى جۇشى دۆلەت مۇداپىئەسى پەن ـ تېخنىكا داشۆسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2014 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، گۇتيەندىن ئىبارەت يېڭىچە خەلق ئارمىيەسى تۇراقلاشقان بۇ جايدا شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ ئاچتى، ئارمىيە ياخشى كادىر ئۆلچىمى، «تۆتكە ئىگە» يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ياخشى قىياپىتى شۇنىڭدىن باشلاپ تىكلەندى.

2015 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، شى جۇشى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىدا ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر چىقىرىپ، ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شى جۇشى ھەربىي نەزەرىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئارمىيەنىڭ تەشكىلىي ھالىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، قورال ـ جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ھازىرقى زامان ئۇرۇشى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى.» «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلانغان پەيتتە، شى جۇشى پۈتۈن ئارمىيەگە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلار چاسا سېپى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

شى جۇشى چېگرا مۇداپىئە لىنىيەلىرىگە بېرىپ، قاراۋۇلخانىلارغا كىردى، ئۇرۇش ئايروپىلانىغا چىقىپ، جەڭ ئورۇنلىرىغا كىردى، قىسىملارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەكتەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى، ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىگە قەدەم تەشرىپ قىلدى... ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش باشتىن ـ ئاخىر غەم قىلىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئىزچىل دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جۇشى خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش سىياسىي قانۇن ـ ئىنتىزامىنى قايتىدىن نامايان قىلىپ، جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، خادىملار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت ـ تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ماقالە جەمئىي تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: بايراق يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى ساقلاش؛ پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىلتىقنى پارتىيەگە مۇتلەق سادىق كىشىلەر قولىدا مەھكەم تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەڭ ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى ئەۋجىگە چىقتى؛ گۈللىنىش مۇساپىسىدە، يۇقىرى ساپالىق يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلار جاسارەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلدى. پۈتۈن ئارمىيە شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك!