شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى​

日期:2021年10月27日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولى، كۆپ تەرەپچىللىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيانقى 50 يىل جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلغان، ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقان 50 يىل بولدى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولىدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى بولىدۇ؛ كۆپ تەرەپچىللىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەرىپىدە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈك تىنچ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشنى خالايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولغان خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرىدىن تەركىب تاپقان بايراق سېپى ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى.

«تىنچلىق - تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 50 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، 26 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتىكى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن 2758 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بارلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارار قىلىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەكىلىنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى. بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ غەلىبىسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ غەلىبىسى!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دۇنيادىكى بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر چوڭ ئىش بولدى. بۇ دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان ۋە ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قايتىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەھنىسىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ جۇڭگو ئۈچۈنمۇ، دۇنيا ئۈچۈنمۇ مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيانقى 50 يىل جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلغان، ئىنسانىيەتكە بەخت ياراتقان 50 يىل بولدى.

− بۇ 50 يىلدا، جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر ئۆزىنى كۈچەيتىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو ھەمدە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئاساسىدا، جۇڭگو خەلقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىشتەك ھالەتتىن ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتۈشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى ئىككى قولىغا تايىنىپ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى.

− بۇ 50 يىلدا، جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئادىللىقنى ياقلاپ، ھەققانىيلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇردى. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ھەققانىي كۈرىشىنى قەتئىي قوللىدى. جۇڭگو خەلقى ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى»دىن «بىر بەلباغ، بىر يول»غىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان خەتەرلىك قىيىن پەيتتە، جۇڭگو پائال تۈردە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىسىدىن دۇنيانى ھەمبەھرىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە زور تۈركۈمدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرى، ۋاكسىنا - دورا يەتكۈزۈپ بەردى، ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىلمىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنسانىيەتنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن پائال تىرىشتى.

− بۇ 50 يىلدا، جۇڭگو خەلقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى باشتىن - ئاخىر قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغدىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق رولىنى قوغدىدى. جۇڭگو تالاش - تارتىشلارنى تىنچ شەكىلدە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى ۋە «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» روھىغا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىقلىقىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلىمەكتە، ماسلاشقانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ. ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. بىز تارىخ چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇشىمىز، قارشىلاشماسلىقىمىز، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز، بېكىنمىچىلىك قىلماسلىقىمىز، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش قىلماسلىقىمىز، بارلىق شەكىلدىكى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز، بارلىق شەكىلدىكى يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

− بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى توغرا ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بىزنىڭ ئورتاق ئىشىمىز، ئادىللىق، ھەققانىيلىق بىزنىڭ ئورتاق غايىمىز، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك بىزنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىمىز. كۆپ خىللىق ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ سېھرىي كۈچى، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. مەدەنىيلىكتە يۇقىرى - تۆۋەنلىك، ئەلا - ناچارلىق پەرقى يوق، پەقەت خاسلىق، رايون پەرقىلا بار. پەقەت ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئاندىن يۇغۇرغىلى، يۇغۇرۇش داۋامىدا ئاندىن تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ماڭغان يولىنىڭ بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىدا، ئاچقۇچلۇقى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كەلگەن - كەلمىگەنلىكىگە، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلگەن - كەلمىگەنلىكىگە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان - ئاشۇرالمىغانلىقىغا، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن - ئېرىشەلمىگەنلىكىگە، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان - قوشالمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

− بىز قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان، پاكىز - گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئىنسانلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق ھەمكارلىشىپ ئورتاق ياشىشى كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بىر خىل تۈزۈمنىڭ يەنە بىر خىل تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئەمەس، بىر خىل مەدەنىيلىكنىڭ يەنە بىر خىل مەدەنىيلىكنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئوخشاش بولمىغان ئىدېئولوگىيە، ئوخشاش بولمىغان تارىخ، مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مەنپەئەتتە ئورتاقلىشىپ، ھوقۇق - مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى شەكىللەندۈرۈشىدىن ئىبارەت.

− بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلىگەندە، تەرەققىياتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ تەرەققىياتتا خەلققە تايانغاندا، تەرەققىياتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىشىشچانلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەربىر دۆلەت، ھەربىر كىشى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلىنىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىش كېرەك. يېقىندا، مەن 76 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىياتقا كۆرسەتكەن زەربىسىنى يېڭىپ، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يەر شارىۋى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

− بىز ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ھەر خىل خىرىس ۋە يەر شارىۋى مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم، تېخىمۇ ئاكتىپ رايون ھەمكارلىقىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن يەر شارىۋى مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ تەبىئەت ئۈچۈن بىخەتەرلىك چېگراسىنى ساقلاپ، يېشىل قايتا جانلىنىش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئىستېمالغا ئىلھام بېرىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

− بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشى كېرەك. خەلقئارا قائىدىنى پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 193 دۆلەت ئورتاق تۈزۈپ چىقىشى كېرەك، قىسمەن دۆلەتلەر ۋە دۆلەتلەر گۇرۇھى قارار قىلسا بولمايدۇ؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 193 دۆلەت ئورتاق ئەمەل قىلىشى كېرەك، ھېچقانداق دۆلەت بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، شۇنداقلا بۇنىڭ سىرتىدا بولماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قارىتا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەدە بولۇپ، بۇ چوڭ ئائىلىنى ياخشى ئاسرىشى، ياخشى قوغدىشى، ھەرگىزمۇ ئۆز مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلسە پايدىلىنىپ، ئۇيغۇن كەلمىسە ۋاز كەچمەسلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ھەمكارلىق پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۆپ تەرەپچىللىك ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ بۈگۈنگە قاراپ، ئۆتمۈشنى ئەينەك قىلىپ كەلگۈسىنى بىلىش كېرەك. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولىدۇ؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى بولىدۇ؛ كۆپ تەرەپچىللىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ. «ماڭغانىدۇق ئىككىمىز تاغلار ئارا جۇدۇندا، تولۇن ئاي گۇۋاھ بولدى يۈرەكتىكى سېغىنىشقا.» بىز قول تۇتۇشۇپ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تەرىپىدە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ مەڭگۈ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېررېس سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەن 50 يىلدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈچۈن كۈنسېرى مۇھىم تۆھپە قوشماقتا، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاپ، كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا دەۋەت قىلىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم ھەمراھى بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى تەكىتلەيمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ۋاڭ يى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان دىپلوماتىيە، تاشقى ئىشلار خادىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى ۋاڭ گۇاڭيا، رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېنىسوۋ، ئالجىرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇخالىفا ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى.