​«يەنە يېڭى يول ئېچىشتا غەربىي قىسىمغا نەزەر سېلىش ئۇدا كۈرەش قىلىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا»

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى​

«يەنە يېڭى يول ئېچىشتا غەربىي قىسىمغا نەزەر سېلىش ئۇدا كۈرەش قىلىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى «يەنە يېڭى يول ئېچىشتا غەربىي قىسىمغا نەزەر سېلىش ئۇدا كۈرەش قىلىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتكەنلىكى توغرىسىدا» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ يېرى كەڭ بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ پىلانلىغان چوڭ ئىش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ 20 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام چېگرا رايون بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.

50 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، مۇھىم، زور ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرى ئارقا - ئارقىدىن پۈتتى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى... تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ۋەزىيەتكە تايىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتماقتا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەپ، سىجىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىش؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى يول ئېچىپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش مۇساپىسىدە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىلىدىغان كەڭ كەلگۈسى كۈتۈۋېلىنماقتا.