شى جىنپىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ گېرمان يېزىقى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان شى جىنپىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ گېرمان يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىر - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

شى جىنپىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن بولۇپ،يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش بايان قىلىنغان مۇھىم قول يازمىسىدىن 85 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ گېرمان يېزىقى نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىز، فىرانسۇز، ياپون، رۇس، ئەرەب يېزىقى نۇسخىلىرى چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە فاڭجېن - سىياسەتلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.