«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ئەن بېي، شيې شىياۋ) «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېلان قىلىندى.

پىكىردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، بايلىق، مۇھىت چەكلىمىسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدە.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 75 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە جۇڭگونىڭ كاربون Ⅳ ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى 2030 - يىلىدىن بۇرۇن تىرىشىپ چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنىڭ، ئومۇمىيلىق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ، قىسقا مەزگىل بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە كىرگۈزۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، بوشلۇق ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

پىكىردە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوش چاقلىق قوزغىتىش، ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تاشقاتمىسىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كاربون Ⅳ ئوكسىدى قويۇپ بېرىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى ئاساسلىق نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

پىكىردە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككىنچى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر تەڭشەش، ئۈچىنچى، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، تۆتىنچى، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، بەشىنچى، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئالتىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى كۈچەيتىش، يەتتىنچى، كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش، سەككىزىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، توققۇزىنچى، قانۇن - نىزام ئۆلچىمى ۋە ئىستاتىستىكىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئونىنچى، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك.