پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2021年08月02日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ​

پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 15 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى ۋە شەرەپلىك ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن - غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغانلىقىدا. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان ئارمىيە روھى، مەڭگۈ يوقاتسا بولمايدىغان جان تومۇرى. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شانلىق تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كونا ئارمىيەدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تۈپ ئەۋزەللىكى. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئارمىيەمىز جەزمەن پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتا تەۋرەنمەي، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سوتسىيالىزمغا سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىدە بىر يۈرۈش ئېسىل ئەنئەنە شەكىللەندى، بۇ ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، ئاممىۋى لۇشيەن تۈپ ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كادىرلارنى ئادىل، دۇرۇس تاللاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك بولۇش، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئاڭلىق، قاتتىق ئىنتىزامنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئىنقىلابىي روھتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچى بولۇش، ئۆزى ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلار. بۇ ئېسىل ئەنئەنىلەر ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە مەزمۇنى. بىز چوقۇم ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە مۇھىم، زور رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئەجدادلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە تاۋلىنىپ چىققان ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.