​شى جىنپىڭ سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年07月31日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو بىلەن سېررالېئون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

​شى جىنپىڭ سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېررالېئون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەسكىن خىرىسى ئالدىدا، جۇڭگو - سېررالېئون خەلقلىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - سېررالېئون مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بىئاۋ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، دوستانە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - سېررالېئون ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

بىئاۋ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېررالېئون بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ۋە ئورتاق گۈللىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سەمىمىي دوستانە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارا قاتلامدا ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سېررالېئون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.