«شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2021年07月31日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

1985 - يىلى 6 - ئايدىن 2002 - يىلى 10 - ئايغىچە، يولداش شى جىنپىڭ فۇجيەندە 17 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت خىزمەت قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شيامېن شەھىرى، نىڭدې ۋىلايىتى، فۇجوۋ شەھىرى ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. «شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە ئاساسلىقى يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان مەزگىلدىكى خىزمەت كەچۈرمىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ ئۆلكە قاتلىمىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ «ئېكولوگىيەلىك فۇجيەن» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئالغا سىلجىتىپ، چاڭتىڭدىكى سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولدى؛ «رەقەملىك فۇجيەن» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى تېز ئىگىلىدى؛ ئالتە يىلدا يەتتە قېتىم جىنجياڭغا بېرىپ، «جىنجياڭ تەجرىبىسى»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەكۈنلەپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم - ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ھۆكۈمەت سۆزىنىڭ ئالدىدىكى «خەلق» دېگەن سۆزنى ئەستە چىڭ ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويدى؛ خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى باش ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەپ، «تاماق ئۈستىلىدىكى بۇلغىنىش»نى تۈزەشنى تۇتقا قىلىپ، ئېتىز بېشىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇجيەن بىلەن تەيۋەن ئارىلىقىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتناشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، فۇجيەن بىلەن تەيۋەننىڭ تۈرلۈك ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە مۇھىم، زور ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ خىزمەتلەر ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىكىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، فۇجيەن تۇپرىقىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمنىڭ ئالدىدا مېڭىشى، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

«شى جىنپىڭ فۇجيەندە» ناملىق كىتابتا جەمئىي 35 پارچە ماقالە بار بولۇپ، كىتابتا يولداش شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى دادىل تەدبىر قوللىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان رەھبەرلىك سالاپىتى قايتا نامايان قىلىنغان، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن باشلامچى بولۇش، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتەك خىزمەت ئىستىلى نامايان قىلىنغان، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلاش، ئاممىغا رىشتە باغلاش، خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلاشتەك سەمىمىي ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. بۇ كىتاب شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ.