«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2021年07月29日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى، ئىزچىللاشتۇرايلى» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو ئىشچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

بۇ كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىچكى خاس مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپى سىستېمىلىق رەتلىنىپ شەرھلەپ چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى، كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ.