شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

日期:2021年07月18日
来源:天山网
【字体:

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇرۇپ كۈچىيىپ، تۇرۇپ پەسىيىپ قايتا - قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋر باش تېمىسى بولۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ساداسى تېخىمۇ كۈچلۈك. بىز بۇلتۇر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2040 - يىل ئارزۇسىنى ماقۇللاپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور. يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

بىرىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى 500 مىليوندىن ئارتۇق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىدى، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يەنە 3 مىليارد دوللارلىق خەلقئارا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋاكسىنا تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاچقۇچلۇق ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خادىملارنىڭ ساغلام، بىخەتەر، تەرتىپلىك بېرىش - كېلىش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا پۇل ئىئانە قىلىپ، «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تارماق فوندى قۇرىدۇ.

ئىككىنچى، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش كېرەك. توسۇقنى تۈگىتىش كېرەككى ھەرگىز توسۇق سېلىشقا بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش كېرەككى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ، سىڭىشىش كېرەككى ئالاقىنى ئۈزۈشكە بولمايدۇ. ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەلبىي تەسىر ئېشىپ كېتىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى تىزگىنلەپ، رەقەملىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى ئاۋۋال تاماملىدى، كېلىشىمنىڭ بۇ يىل ئىچىدە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قوللاپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سىغدۇرۇشچان سودا سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئاياللار قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر توپىنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

تۆتىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يەر شارىۋى رەقەملىك ئىقتىساد ئوچۇق ۋە زىچ باغلانغان بىر پۈتۈن گەۋدە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بىردىنبىر توغرا يول، بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاققاندا، قارشىلىشىپ بۆلگۈنچىلىك قىلغاندا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ خالاس. رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان رەقەملىك تىجارەت - سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رەقەملىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇش قاتارلىق ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: يېڭى زېلاندىيەدىكى ماۋرىلاردا: «قۇياشقا يۈزلەنگىنىڭىزدە، قاراڭغۇ كۆلەڭگە ھامان يوقىلىدۇ» دېگەن ماقال بار. بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مەنزىلىگە ئىشەنچىمىز كامىل، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز كامىل. بىز جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللەنگەن، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى!

بۇ قېتىمقى يىغىننى بۇ يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانى بولغان يېڭى زېللاندىيە سىنلىق شەكىلدە ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، باش تېمىسى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى قانداق قىلغاندا پۇرسەتنى تۇتۇپ، سەھىيە كىرىزىسىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئاساس سالالايدۇ»دىن ئىبارەت.