شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى، مالدىۋې زۇڭتۇڭى، موڭغۇلىيە دۆلىتى زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2021年07月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئافغانىستان زۇڭتۇڭى جيانى بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافغانىستان ئەنئەنىۋى دوست قوشنا بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئافغانىستان تەرەپنىڭ ئافغانىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. بۇ، ئافغانىستان خەلقى ۋە شۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر مۇنداق قارايدۇ: سىياسىي سۆزلىشىش ئافغانىستاندا مىللىي يارىشىش ۋە ئۇزاققىچە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ چارىسى، «ئافغانىستانلىقلار يېتەكچىلىك قىلىش، ئافغانىستانلىقلارغا تەۋە بولۇش» پىرىنسىپىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى قوللايدۇ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتىدىن گۈللىنىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تېھران سۆھبىتىدە پائال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغان ئىككى تەرەپنىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەكلا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

جيانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئافغانىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافغانىستان تەرەپنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھازىرقى كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىپ، ئافغانىستاندا ئۇزاققىچە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئىجابىي كۈچ بولۇپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە ئافغانىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مالدىۋې زۇڭتۇڭى سالىھ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالدىۋې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 2014 - يىلى، مەن مالدىۋېدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدۇق، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ مالدىۋې تەرەپ بىلەن بىللە كۆپ خىل شەكىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مالدىۋې مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو - مالدىۋې ئىككى دۆلەت جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولدى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە مالدىۋې تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاكسىنا قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەپ، مالدىۋې تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. مالدىۋې تەرەپنىڭ مالدىۋېدىكى جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ مالدىۋې تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

سالىھ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، گۈللىنىشى، ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، مالدىۋې تەرەپ بۇنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ مالدىۋېنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۇزاقتىن بۇيان قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ھەم مالدىۋې تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ۋاقتىدا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مالدىۋې تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، مالدىۋې - جۇڭگو ئىككى تەرەپ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى موڭغۇلىيە دۆلىتى زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، «قوي - چاي سوۋغىسى»دەك تەسىرلىنەرلىك ھېكايە بارلىققا كېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق قوللايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ قوشنىدارچىلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى «يايلاق يولى» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېزىلما بايلىق، ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيەنىڭ قېزىلما بايلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىللە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

كۈرىلسۇخې جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ نۇرغۇنلىغان قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگونىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جەزمەن يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبېرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، موڭغۇلىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى. ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ موڭغۇلىيە قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا تەمىنلىگەن قىممەتلىك ياردىمىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى موڭغۇلىيەگە مۇھىم پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە قويۇق بېرىش - كېلىش قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.