شى جىنپىڭ 44 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2021年07月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 44 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مىراسلار ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ۋە تەبىئىي تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. بۇ قىممەتلىك بايلىقلارنى ياخشى قوغداش، ئۇلارغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە دۇنيانى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە، «دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ئەھدىنامىسى»گە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆزلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا مىراسلىرىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھەرلىرىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

44 - نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنى شۇ كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇردى، جۇڭگو ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.