شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان مۇھىم سۇپا. بۇ يىل 2 - ئايدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئالىي يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، مەن يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا ئەمەلىي بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قىممىتى جەمئىي 170 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى پىلانلاپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت سوممىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، نىڭبو قاتارلىق جايلارنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئالىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرى ئەمەلىيلەشمەكتە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو بازىرىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا تاۋارلىرىغا بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن خىرىسنى يېڭىشىگە، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىش، يېڭى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش». كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە كارخانىلار كۆرگەزمىگە قاتناشتى.