شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان خېرزوگقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىساق خېرزوگقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. مەن جۇڭگو - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.