جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى

日期:2021年06月03日
来源:天山网
【字体:

(2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى)

ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1. «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ كومىتېتى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى قوماندانلىق ئىشتابى، «بىرىنچى قول» پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى باشلامچى بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن باشلامچى بولۇشى، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول»غا نىسبەتەن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان نازارەتچىلىكنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باشقۇرىدىغان رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك «بىرىنچى قول» جەزمەن تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول»نى ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ تەڭ دەرىجىلىككە بولغان نازارەتچىلىك قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتا، مىسلىسىز مۇرەككەپ مۇھىت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قىلغان ئۇلۇغ ئىنقىلابىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى باشقۇرۇپ ياخشى ئىشلىتىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر خىل قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، شۇجىلارنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەخسۇس مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىك يەنىلا ئاجىز ھالقا، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ھېلىھەم ئىنتايىن تەخىرسىز بولماقتا. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانچە مۇھىم، زور، ئىش ئورنى قانچە مۇھىم بولغانسېرى، نازارەت قىلىشنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك. «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىك ۋە تەڭ دەرىجىلىككە بولغان نازارەتچىلىك قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جەزمەن نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەڭ دەرىجىلىككە بولغان نازارەتچىلىكنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتە جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان نازارەت قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە نازارەت قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، بەلگىلىمە بويىچە، قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، پاك - تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار رەھبەرلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنىڭ نازارەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سىياسىي جەھەتتىن تونۇپ، نازارەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن خاتالىقىنى تۈزىتىپ، خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشىلىشى كېرەك؛ نازارەتچىلىك ۋە چەكلىمە بولغان مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك، نازارەتنى رەت قىلىشقا، نازارەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. «بىرىنچى قول» ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە ئاممىنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالار ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

2. «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش

(1) «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىكنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «بىرىنچى قول»غا مۇھىم ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، جەزمەن كۈچلۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئورنى يۇقىرى بولسىمۇ ھوقۇقنى ئىگىلىۋالماسلىق، ھوقۇقى مۇھىم بولسىمۇ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىرىنچى قول»نى كۈندىلىك نازارەت قىلىش، مەخسۇس نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «بىرىنچى قول»غا ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە نازارەت قىلىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

(2) «بىرىنچى قول» ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. «بىرىنچى قول» جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە ئائىت تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، قاتتىق تەلەپچان بولۇشتا بايراقدار بولۇشى، ئۈلگە بولۇشى، ھەم نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ھەم دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىدىن يوليورۇق سوراپ، خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىنى باشقۇرۇشتا پاك - دۇرۇس بولۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك - دۇرۇس بولغان سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى كېرەك.

(3) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك «بىرىنچى قول» جەزمەن تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول»نى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان تارماقلار، جايلار، ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلاردىكى «بىرىنچى قول»نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پاك - تەلەپچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا تەربىيە بېرىشى، ئەسكەرتىشى كېرەك. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، مەركەز ئورۇنلىرىدىكى «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول»نى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك «بىرىنچى قول» تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول»نىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى ھەر يىلى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك؛ تۆۋەن دەرىجىلىك يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن «بىرىنچى قول»غا قارىتا ۋەزىپىگە تەيىنلەش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول» بىلەن قەرەللىك ھالدا نازارەت قىلىش بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ساقلانغان بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا تەنقىد - تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئىنتىزامغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ساقلانغانلارغا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى كېرەك.

(4) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «بىرىنچى قول»نىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان، مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغانلىرىنى ۋاقتىدا چاقىرتىپ سۆزلىشىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، تۈزىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بىرىنچى جاۋابكارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھالاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باھالاش نەتىجىسىنى «بىرىنچى قول»نى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇش، ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى كېرەك. بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىل دېگەننى قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

(5) دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ مۇھىم، بىر زور» تەدبىر بەلگىلەش نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، تەشكىلات تارماقلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى «بىرىنچى قول»نىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىرلا كىشىنىڭ گېپى گەپ بولۇش، ھەتتا ئائىلە باشلىقى تۈزۈمى مەسىلىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، مەركەز ئورۇنلىرىدىكى «بىرىنچى قول»نىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىشى كېرەك. «ئۈچ مۇھىم، بىر زور» تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىش، مەخسۇس نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىسى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى «بىرىنچى قول»نىڭ تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى بايقىغاندا، جەزمەن ۋاقتىدا پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، تۈزىتىشى كۈچلۈك بولمىغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ۋاكالەت ئورگىنىغا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

(6) كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىدە «بىرىنچى قول»غا چىڭ قادىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «مەسىلىنى بايقاش، چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىي پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ تۈزىتىشى كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان، تەكشۈرۈلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتىدىكى «بىرىنچى قول»نى نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كىرىپ ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى، تەشكىلات تارماقلىرىدىن چوڭقۇر ئەھۋال ئىگىلىشى كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش بويىچە سۆزلىشىشتە، «بىرىنچى قول»نىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى جەزمەن سۆزلىشىدىغان مەزمۇن قىلىپ، ئىنكاس قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىشى كېرەك. كۆزىتىش - تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «بىرىنچى قول»نىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە پاك - تەلەپچان بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا ئايرىم - ئايرىم تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، ئېنىق پىكىر ۋە تۈزىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

(7) «بىرىنچى قول»غا بولغان ئىنكاسنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىدىن دوكلات بېرىش، پاكلىق ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، تەشكىلات تارماقلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى «بىرىنچى قول»غا بولغان كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەخسۇس نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىدىيە، خىزمەت، ئىستىل، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى، تەشكىلات تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول» بىلەن سۆزلىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى مەسىلىلەرنى بايقىغاندا شۇ كىشىگە ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىشى، ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى بايقىغاندا تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك «بىرىنچى قول» يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا مەسئۇلىيىتىدىن دوكلات بېرىش ۋە پاكلىق ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، باھالاشنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىدىن دوكلات بېرىش ۋە پاكلىق ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىشنى مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئاشكارىلاش كېرەك.

3. تەڭ دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش

(8) رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى جەزمەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشقا ئەزالارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى بايقىسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ياكى راست نام بىلەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ئىنكاس قىلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى «بىرىنچى قول» بەنزىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك؛ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى بەرگەن خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ئىزاھاتىغا ئىمزالىق پىكىر بەرگەندە، تەربىيە بېرىشى، ئەسكەرتىشى كېرەك، «ئىمزا قويۇپلا بولدى قىلىش»قا بولمايدۇ. رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ئۆزئارا دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، مەسىلە بايقىغاندا قارشى تەرەپكە سەمىمىي كۆرسىتىپ بېرىشى، «بىرىنچى قول»دا مۇھىم مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا بىۋاسىتە دوكلات قىلىشى كېرەك. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىرىنچى قول» باشلامچىلىق بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى بەلگىلىمە بويىچە شەخسكە ئالاقىدار ئىشلار ھەمدە ئامما ئىنكاس قىلغان، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان، تەشكىل چاقىرتىپ سۆزلەشكەن، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن مەسىلىلەرگە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

(9) رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن دائىملىق نازارەت قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ئۆزىگە، يولداشلارغا، بەنزىگە، پارتىيەگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئۆزئارا ئەسكەرتىپ، ئۆزئارا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىدا ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەر بايقالسا، ۋاقتىدا تەرتىپ بويىچە پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەينەن ئىنكاس قىلىشى ۋە دوكلات قىلىشى، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، «ياخشىچاق ئادەم» بولغانلارنىڭ چاتما جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

(10) كوللېكتىپ رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا قائىدە ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى مۇۋاپىق بۆلۈپ، ئىلمىي تەقسىملەش كېرەك. مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىشنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئورنىغا قويۇپ تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، پارتىيە كومىتېتىنىڭ كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش نامىدا كوللېكتىپ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇل خىزمەت، مەسئۇل ساھەنى كوللېكتىپ رەھبەرلىك ۋە نازارەتچىلىككە ئۇچرىمايدىغان «شەخسىي تەۋەلىك جايى»غا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىشلارنى چوقۇم رەھبەرلىك بەنزىسى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى پىكرىنى تولۇق بايان قىلىشى، پىكىر ئىختىلاپى چوڭراق بولسا ئاۋازغا قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشى، يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئەھۋالى ۋە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئەينەن خاتىرىلەپ، ئارخىپقا سېلىپ تەكشۈرۈشكە تەييارلاپ قويۇشى كېرەك.

(11) رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بۆلۈشى كېرەك. «بىرىنچى قول» رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاپ، مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنى ۋاقتىدا چاقىرتىپ سۆزلىشىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا مەسئۇل تارماق ۋە ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، پاك - تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ مەسئۇل تارماق ۋە ئورۇننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

(12) رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇھىم، زور ئىشلارغا قول تىقىپ ئارىلىشىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇھىم، زور ئىشلارغا قول تىقىپ ئارىلىشىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىدا كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇش، قۇرۇلۇش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە قائىدىگە خىلاپ ئارىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق تارماق ۋە ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشقا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلىشىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. تەلەپ بويىچە دوكلات قىلمىغان بولسا، جاۋابكارلىقى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

(13) سىياسىي ئېكولوگىيەنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساھە بويىچە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىدىن دوكلات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيە ئەھۋالىنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، پارتىيە خىزمىتى ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىنى دائىم ئاڭلاپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش، بايلىق ئېچىش، پۇل مۇئامىلە كىرېدىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس تېمىلىق دوكلات شەكىللەندۈرۈپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

(14) ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۆزلىشىش، ئەسكەرتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە پاك - تەلەپچان بولۇش ئەھۋالىنى ئەينەن دوكلات قىلىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەسىلىنى دوكلات قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىشى، دوكلات قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ دوكلات قىلماسلىقنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق دەيدىغان ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلىرىنى بايقىغاندا ۋاقتىدا ئەسكەرتىشى كېرەك. ساقلانغان مۇھىم مەسىلىلەرنى بايقىغانلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى، ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك. دوكلات قىلمىغان ياكى ئەينەن دوكلات قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

4. تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش

(15) يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا بولغان نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى رەھبەرلىك قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئۆزىنىڭ «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»نى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئەرزىيەت، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول»غا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، سۇبيېكتى ئايدىڭ، تەدبىرى ئەسقاتىدىغان، يولغا قويۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

(16) تۈزۈم قەپىزىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تېخىمۇ پۇختىلاپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تۈزۈم ئارقىلىق ھوقۇقنى باشقۇرۇش، ئىشنى باشقۇرۇش، ئادەمنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، قەرەللىك ھالدا ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بىرىنچى قول»غا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول»نىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى رەھبەرلىك بەنزىسىدە ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كادىرلارنى قوش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇل تەرەپ، ھەمكارلىشىپ باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ قوش باشقۇرۇلىدىغان كادىرلارنى نازارەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

(17) رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېقىن، پاك بولغان ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جورىلىرى، پەرزەنتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار كارخانىچىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا جەزمەن تۆۋەن چەكنى ساقلىشى، ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك، «بىرىنچى قول» باشلامچىلىق بىلەن «يېقىن بولۇش» «پاك بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشقا، يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىشقا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئۆزىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرىنى باشقۇرۇشى، ياخشى باشقۇرۇشى، ئۆز خىزمەت ھوقۇقىدىن ئۇلارنىڭ پايدىلىنىپ بايلىق توپلىشى، مەنپەئەت كۆزلىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى «قورشاپ ئوۋلىشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى يېقىن، پاك بولغان ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەرز - شىكايەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

(18) يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا بولغان يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ياخشى ئېچىش رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى باش تېمىسىنى بىرتۇتاش بېكىتىشى ياكى تەستىقلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا پىلانلىق قاتنىشىشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى، «بىرىنچى قول»نىڭ تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسىنىڭ روشەن ياكى ئەمەسلىكىنى، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ھەقىقىي تۈردە يۈزىنى قىزارتقان - قىزارتمىغانلىقىنى، تەرلەتكەن - تەرلەتمىگەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە ئاچمىغانلارغا كەسكىن كۆرسەتمە بېرىش ھەم تۈزىتىش، رەسمىيەتچىلىك قىلغانلارنى قايتىدىن ئېچىشقا بۇيرۇش كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قاراشلىق رايون، تارماق، ئورۇنلاردىن مۇھىم، زور مەسىلە كۆرۈلگەنلىرىگە قارىتا، تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

(19) ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى تەشكىلىي ئۆتكەلنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈش، باھالاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنى، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول»غا تەيىنلىنىدىغان نامزات ئۆتكىلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە تەكلىپ بېرىش، دېموكراتىك كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش، مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ياخشى كادىر ئۆلچىمىگە ئاساسەن، «ئۆستۈرۈلسىلا تۆت جەزمەن بولۇش» تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاكلىق ئارخىپىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاپ تۇرۇشى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق جەھەتتىكى پىكىرگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۆتكىلىنى چىڭىتىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىغا قارىتا دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ باھالاشنى يولغا قويۇشى، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، خىزمەتنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، ئالاقىدار كەسپىي تارماقلارنىڭ باھالىشىدا بايقالغان مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ باھالىشى كېرەك. ھەر يىلى بىر قىسىم «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى تاللاپ نۇقتىلىق باھالاپ، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر كۆپرەك بولغانلىرىغا قارىتا مەخسۇس تۈر بويىچە باھالاش كېرەك.

(20) قەرەللىك ھالدا ئەرزىيەت، پاش قىلىش ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۆپ بولغان رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىش كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئەرزىيەت، پاش قىلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئاممىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارغا بولۇپمۇ «بىرىنچى قول»غا بولغان ئىنكاسىنى چۈشىنىشى، ئىگىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى، ئاممىنىڭ پىكرى، تەنقىدىگە كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى، تەشكىلات تارماقلىرى ئەرزىيەت، پاش قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا قەرەللىك ھالدا تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە قارىتا قاراتمىلىق ھالدا بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئەرزىيەت، پاش قىلىش بىرقەدەر مەركەزلەشكەن جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ تېپىشى، تەھلىل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىكتىكى «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىشقا چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تېمىدا تەھلىل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك، ئاممىنىڭ باھاسى ناچارراق بولغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، ئادەتتىكى مەسىلىلەر بولسا سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

(21) مەسىلىنى تۈزىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكلىپ بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، تەشكىلات تارماقلىرى مەسىلىنى تۈزىتىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، تۈزىتىش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تۈزىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، قايتما ئىنكاس ۋە قايتا قاراپ چىقىش نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى ۋاقتىدا بولمىغان، جايىدا بولمىغان، ھەتتا تۈزىتىشنى رەت قىلغانلار بەلگىلىمە - ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، تىپىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلىنىدۇ.

5. پارتىيەنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

(22) پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك خىزمىتىگە ياخشى رەھبەرلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق، «مۇتلەق كۆپ سانلىقلار»غا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش ۋە نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە فۇنكسىيەلىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

(23) پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، مەمۇرىي نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تۇتاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىك ئۇچۇر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مۇھىم، زور نازارەتچىلىك ئىشلىرىدا مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىش، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ ماس، ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك.

(24) ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مەخسۇس مەسئۇل ئورگانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى پۇختا ئىشلىشى، ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول» ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، قاتتىق بولغان ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسى ئارقىلىق، تۈزۈمنىڭ قاتتىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كۆمىچىگە چوغ تارتقانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تۇتماسلىق، باشقۇرماسلىق، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىنتىزام ئارقىلىق نازارەت قىلىش، رېۋىزىيە ئارقىلىق نازارەت قىلىش، تۇرۇشقا ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، كۆزىتىش ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تولۇق قاپلانغان نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى جەھەتتە تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا نازارەتنى قوبۇل قىلىپ، ھوقۇقنىڭ قاتتىق چەكلىنىپ تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(25) يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بۇ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى، تۈرلۈك نازارەتچىلىك تۈزۈملىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئىجرا قىلىشى كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئاساسىي قاتلامدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك، تارماق ۋە ئورۇنلارنى نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)