شى جىنپىڭ چاد ھەربىي ئىشلار ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年04月29日
来源:天山网
【字体:

چاد زۇڭتۇڭى دېبىينىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ چاد ھەربىي ئىشلار ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چاد زۇڭتۇڭى دېبىينىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاد ھەربىي ئىشلار ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، چاد ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەمدە زۇڭتۇڭ دېبىينىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ دېبىي چاد خەلقىنى يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، دۆلەت ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغدىدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - چاد دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو - چاد خەلقىنىڭ دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو تەرەپ چاد تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.