«غەيرەت قىلايلى، تىرىشايلى، ئۇزۇن سەپەرگە قايتا ئاتلىنايلى!»

日期:2021年04月29日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې

«بەش يىلدا تۇنجى يىلغا قارايمىز، قەدەم ئېلىش ناھايىتى مۇھىم».

«14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ، كەنتلەرگە كىرىپ، كارخانىلارغا كىرىپ، ئېكولوگىيەنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.

4 - ئايدىكى گۇاڭشى تۇپرىقى قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى.

شياڭجياڭ دەرياسى بويىدىن لىجياڭ دەرياسىغىچە، ليۇجياڭ دەرياسى ساھىلىدىن يۇڭجياڭ دەرياسى بويىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى بىرقاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، گۇاڭشىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىغا مەدەت بېرىپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى گۇاڭشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

شياڭجياڭ دەرياسى بويىدا قەھرىمانلار روھىغا تەزىيە بىلدۈرۈش: «قىيىنچىلىق ھەرقانچە زور بولسىمۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ئويلاش، شياڭجياڭ دەرياسىدىكى قانلىق جەڭنى ئويلاش كېرەك»

«گۇاڭشىغا بېرىپ، چۈەنجوۋغا كېلىپ شياڭجياڭ ئۇرۇشى ئىزنالىرىنى كۆرۈپ بېقىش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. بۇ جەڭ مېنىڭ كاللامدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، مەنمۇ ئەڭ كۆپ سۆزلىگەن».

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى بېكەت، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن گۇيلىننىڭ چۈەنجوۋ ناھىيەسى سەيۋەن بازىرىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلغاندىكى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇردى.

خاتىرە باغچىسى جايلاشقان ئورۇن دەل شياڭجياڭ ئۇرۇشى جياۋشەنپۇ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى جەڭ مەيدانىنىڭ يادىكارلىق ئورنى ئىدى.

1934 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك بىر مەيدان ئۇرۇش بۇ يەردە باشلاندى. قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق قۇربانلارنى بېرىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدە قورشاپ يوقىتىش غەرىزىنى تارمار قىلدى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولۇپ، شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى قىپقىزىل قانغا بويالغانىدى.

«شياڭجياڭ ئۇرۇشى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىدىكى بىر قەھرىمانانە ئۇرۇش، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ھايات - ماماتىنى بەلگىلىگەن مۇھىم تارىخىي ۋەقە».

باش شۇجى شى جىنپىڭ شياڭجياڭ ئۇرۇشىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، شياڭجياڭ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باشتىن - ئاخىر ياد ئېتىپ، مەخسۇس مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق ئۇستىخانلىرىنى گۇەنسەيگە ئېلىش قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى ياخشى پىلانلاپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خاتىرە باغچىسى دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەخسەن ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن قۇرۇلغان.

پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا چىقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ خاتىرە باغچىسىدىكى ياد ئېتىش مەيدانىغا كېلىپ، «قىزىل ئارمىيە روھى» ھەيكىلىگە يۈزلىنىپ سۈكۈتتە تۇردى.

«قىزىل ئارمىيە روھى» ھەيكىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر بولۇپ، قورام تاشلاردىن ئويۇپ ياسالغان، شەكلى خۇددى سەددىچىن سېپىلىگە ئوخشايدۇ. ئاساسىي ھەيكەلنىڭ كۆزىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئالدى تەرەپكە تىكىلگەن، ئۇنىڭ ئەسلىي ئوبرازى دەل «كەسكىن ئىرادىلىك»، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربان چېن شۇشياڭ ئىدى. ئىككى تەرەپتىكى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئوبرازى جانلىق يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار ياكى قەھرى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتاتتى، ياكى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى.

ئىككى ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋىتىنى «قىزىل ئارمىيە روھى» ھەيكىلىنىڭ ئالدىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاستا قەدەم بىلەن ئالدىغا بېرىپ، «شياڭجياڭ ئۇرۇشىدىكى قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ روھى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر يېزىلغان گۈل سېۋىتى لېنتىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى، ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملارنى باشلاپ قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا ئۈچ تەزىم قىلدى.

ھەيكەلنىڭ ئارقىسىدىكى تاغ باغرىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. ئۇ يەرگە قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قالدۇق ئۇستىخىنى دەپنە قىلىنغانىدى. ئىلگىرىكى ئىس - تۈتەكلەر ئاللىقاچان تارقىلىپ كەتكەن بولۇپ، قەھرىمانلىق جاسارىتى يەنىلا بۇ تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك جىلغا ئارىسىدا ئۇرغۇپ تۇراتتى.

خاتىرە باغچىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى جايلاشقانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، «شياڭجياڭ دەرياسىدا قانلىق جەڭ قىلىپ قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، شياڭجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن ئىنقىلاب تارىخىنى ئىگىلىدى.

قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر يول خەرىتىسى، جياۋشەنپۇدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى تەقلىدىي مەيدان كۆرۈنۈشى، ماي بوياق رەسىم «شياڭجياڭ دەرياسىدىكى قانلىق جەڭ»... ھەربىر پارچە تارىخىي سۈرەت، ھەربىر ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ماي بوياق رەسىم «چېن شۇشياڭ»نىڭ ئالدىدا، باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ، خېلى ئۇزاققىچە تىكىلىپ قارىدى.

رەسىمدە، چېن شۇشياڭ نوسۇلكىدا ياتاتتى، قورسىقىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، «ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتىغان ئارقا مۇداپىئەچى شى»نىڭ بۇ شىجاڭى ئېغىر يارىلىنىپ، بەختكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان، ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن قولى بىلەن قورسىقىدىكى يارا ئېغىزىدىن ئۈچىيىنى تولغاپ ئۈزۈۋېتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 29 ياشتا ئىدى.

«نېمىدېگەن مەردانىلىك - ھە! چېن شۇشياڭ قۇربان بولغان قەھرىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك قەھرىمانلارنىڭ بىرى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر خورسىندى.

«تۆت قات قامال لىنىيەسى قەيەردە»، «شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى قانچىلىك چوڭقۇر»، «بۇ ئۇرۇشتا قانچىلىك قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى قۇربان بولدى»... ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلاپ - ئارىلاپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سوراپ، ئاشۇ ئۇرۇش يىللىرىنى قايتا ئەسلىدى.

مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆت چوڭ كېچىكىدىن تېزلىك بىلەن ئۆتۈش كۆرسەتمە خەرىتىسى ئالدىدا، چۈشەندۈرگۈچى مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى:

«يولداش لو رۇڭخۇەننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن ئارقىغا قارىسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدا پەقەت شاپىگراف كۆتۈرۈۋالغان ئون نەچچە ياشلىق بىر كىچىك قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىلا بار ئىكەن. دەريادا قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ جەسىتى لەيلەپ تۇرۇپتۇ، قىپقىزىل قانلار شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى قىزىل رەڭگە بوياپتۇ. بۈگۈنگە قەدەر شىمالىي گۇاڭشىدا يەنىلا مۇنداق بىر خەلق قوشىقى تارقىلىپ كەلمەكتە: شياڭجياڭ دەرياسى قەھرىمانلار قېنى بىلەن بويالدى، قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ سۆڭىكى دەريا تەكتىگە كۆمۈلدى؛ ئۈچ يىلغىچە شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى ئىچىلمىدى، ئون يىلغىچە شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ بېلىقى يېيىلمىدى».

«ئەينى ۋاقىتتا ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىكەن - ھە!» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئويلاپ باقايلى، ئەگەر باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان مۇشۇنداق بىر تۈركۈم قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بولمىسا، قىزىل ئارمىيە قانداقمۇ دۈشمەننىڭ قامال لىنىيەسىدىن بۆسۈپ چىقالىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆسۈپ چىقىپ شۇنچە چوڭ قۇربانلارنى بېرىپ، يەنىلا توزۇپ كەتمىدى. بۇنىڭدا نېمىگە تاياندى؟ تايانغىنى دەل غايە - ئېتىقادنىڭ كۈچى!»

خاتىرە سارىيىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، شياڭجياڭ ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى:

«ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قىزىل ئارمىيە دەل غايە - ئېتىقادقا ئىگە ئىنقىلابىي قوشۇن بولغاچقا، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، ھەرقانداق دۈشمەنگە باش ئەگمەيدىغان، يەنە كېلىپ ھەرقانداق دۈشمەننى بېسىپ چۈشىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى. نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئىنقىلابى باشقىلارنىڭ نەزەرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدى؟ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىر دەل مۇشۇنىڭدا».

«مىڭلىغان لەشكەرنى گۇم قىلدۇق تامام قوغلاپ - سۈرۈپ». باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىي قىلىپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىزدە مۇشۇنداق جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادى بولۇشى كېرەك. قىيىنچىلىق ھەرقانچە زور بولسىمۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى، شياڭجياڭ قانلىق جېڭىنى ئويلىشىمىز كېرەك».

شىمالىي گۇاڭشىدىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەكشۈرۈش: «پەن - تېخنىكىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، بىلىم ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك»

سەيۋەن بازىرى ماۋجۇشەن كەنتىدىن قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا ئاپتوموبىل بىلەن تەخمىنەن ئون مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ. كەنتنىڭ ئىسمى ماۋجۇشەن، چۈنكى بۇ يەرنىڭ تاغ - دالىلىرى ماۋجۇ بامبۇكى بىلەن قاپلانغان. ئەمما يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۈزۈمچىلىك كەسپى بۇ كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ داڭقىنى يىراق - يېقىنغا تاراتتى.

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كەلدى. ئاپتوموبىل تۈپتۈز سېمونت يولنى بويلاپ تاغ ئارىسىدىكى بۈك - باراقسان بامبۇكزارلىقنى كېسىپ ئۆتكەندە، سەھرا مەنزىرىسى كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. بۇرۇنقى زەمبىرەك ئوقلىرى ۋىژىلداپ ئۇچۇپ تۇرىدىغان جەڭ مەيدانى بۈگۈنكى كۈندە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بەرمەكتە ئىدى.

«بۇ كەنت يامان ئەمەس ئىكەن! سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل ئىكەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىنىڭ چىغىر يولىنى بويلاپ، پىيادە ماڭغاچ كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

يامغۇردىن كېيىنكى تاغلىق كەنتنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىن تاشقىرى ساپ ئىدى. شىمالىي گۇاڭشىلىقلارنىڭ قاتار - قاتار ئولتۇراق ئۆيلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، نۇر ئۆتكۈزىدىغان، يامغۇردىن ساقلىنىش يوپۇقى يېپىلغان رەت - رەت ئۈزۈم پارنىكلىرى خېلى ئۇزۇنغىچە سوزۇلغانىدى.

كەنت كادىرى باش شۇجىغا بۇ كەنتنىڭ «پارتىيە گۇرۇپپىسى + كېڭەش + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 46 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

«ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يەر بىر قەدەر نامرات ئىدى، سىرتتىكىلەر قىزلىرىنى ماۋجۇشەن كەنتىگە ياتلىق قىلمايمىز دەيتتى. ھازىر بىز ئۈزۈم ئۆستۈرۈۋاتىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بېيىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بامبۇك تېغى ھازىر ئۈزۈم تېغىغا ئايلاندى، ھەممە ئائىلىلەر بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، تۇرمۇشى ئۆزگەردى، قىزىڭ بولسا ماۋجۇشەنلىككە بەر دېيىشىدۇ...»

كەنت كادىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، باش شۇجىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

ئۈزۈمزارلىقتا كەنت ئاھالىلىرى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىز قىرىنى بويلاپ ئۈزۈمزارلىققا كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى.

«سىلەرنىڭ بۇ يەردە ئاساسلىقى قايسى سورتلار بار؟»

«نەنيۈ، قىزىل يەر شارى، يەنە ۋېنكې بار».

«باھاسى قانداقراق؟»

«ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ يۈەندىن، ياخشى بولغاندا تۆت يۈەندىن ساتالايمىز».

«مو بېشى مەھسۇلاتىنى قانچىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟»

«3000 جىڭغا يېتىدۇ».

يۇرتداشلار باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتتى: ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن بۇيان، كەنتتىكىلەرنىڭ بىرقەدەر يىراقتىكى چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئائىلىسىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ بىر مو يەردىن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايدۇ، بۇ شەھەردىكىدىن قېلىشمايدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا يېقىن ئەتراپتا ئىشلىسە، يەنە بىر ئۈلۈش كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

«شۇڭا، كەلگۈسىدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئىستىقبالى بار. كۆپچىلىك ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئەكسىچە سىرتقا چىقىپ كەتكەنلەر يېزىغا قايتىپ كېلىدۇ. سىلەرنىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپىڭلارنىڭ بارغانسېرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن!»

باش شۇجى بۇرۇلۇپ تېخنىكتىن يەنە سورىدى: «سىز قەيەردىن كەلدىڭىز؟ بۇ يەردە ئاساسلىقى كۆپچىلىككە نېمىنى ئۆگىتىسىز؟»

«مەن گۇيلىن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىدىن، بىر - ئىككى ئايدا بىر قېتىم كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىمەن، ھازىر ئۈزۈم شۇڭلىرىنى باغلاپ، ئۇچلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئۆگىتىۋاتىمەن».

«نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟»

«شۇڭلارنىڭ ئارىلىقى مۇقىم بولۇشى، 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. ئۈزۈم چېچىكىنىڭ ئۈستىدە تۆتتىن ئالتە تالغىچە يوپۇرماق قويۇپ، شۇڭلارنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش كېرەك».

«ئۈزۈم چېچەكلىرىنىمۇ شالاڭلىتىش كېرەكمۇ؟» باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

«شۇنداق».

«تۆھپىڭىزنى زېمىنغا يېزىش كېرەك!» باش شۇجى تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «مەن فۇجيەندىكى ۋاقتىمدىلا پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى ئىشلىرىنى تۇتقانىدىم، ھازىر بۇ پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىغا چۆكۈپ، كونكرېت ئەمەلىي نەتىجە يارىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، مانا بۇ سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار».

كەنت ئاھالىسى ۋاڭ دېلى ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئىشىك ئالدىدا ئىككى تۈپ پانۇسگۈلى ھۈپپىدە ئېچىلغانىدى. باش شۇجىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

«بىز ئاۋۋال كۆرۈپ باقايلى.» باش شۇجى ئۆيگە كىرىپ، مېھمانخانىدىن تازىلىق ئۆيىگىچە، ئاشخانىدىن گۆش سۈرلەيدىغان قازناق ئۆيگىچە كىردى، يۇيۇنىدىغان ئىسسىق سۇنىڭ بار - يوقلۇقىنى، توك باھاسىنىڭ قىممەت ياكى قىممەت ئەمەسلىكىنى، تۇرۇبا سۈيىنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى سورىدى، سىنچىلاپ كۆرۈپ، ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

مېھمانخانىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندا، ۋاڭ دېلى باش شۇجىغا، ئائىلىسىنىڭ كەنتتە ئەڭ بۇرۇن ئۈزۈم ئۆستۈرگەنلىكىنى، جەمئىي 12 مو كېلىدىغانلىقىنى، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ۋۇجوۋ شەھىرىگە بېرىپ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، بۇلتۇر ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ 140 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

مېھمانخانىنىڭ تېمىغا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى قىزىنىڭ تەقدىرنامىلىرى لىق چاپلانغانىدى. بەخت كۈلكىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چىرايىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

«ناھايىتى ياخشى، ئائىلەڭلار خاتىرجەم ئىكەن». باش شۇجىمۇ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بەختلىك تۇرمۇش كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. سىلەر ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللاپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىر تەمىنى تېتىدىڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈمىد بارلىقىنى ھېس قىلدىڭلار، ئۇنداقتا داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇڭلار، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇڭلار».

«ھازىر پۈتكۈل دۆلەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئەمدى ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولىدا ماڭىمىز. بۇ يولدا، يېزىلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردە يەنە كۈنسېرى ئالغا بېسىشى كېرەك.» باش شۇجى ئەتراپىدىكى بالىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇلارنىڭ دەۋرىگە بارغاندا يەنە ئوخشىمايدۇ، ئۇ چاغدا زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشىدۇ» دېدى.

«باش شۇجى، سىز ئادەتتە شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپ، يەنە بىزنى يوقلاپ كەپسىز، چىن كۆڭلىمىزدىن سىزگە رەھمەت» دېدى ۋاڭ دېلى ھاياجانلانغان ھالدا.

«مەن مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراش، <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى> دەل خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى» دېدى باش شۇجى جاۋابەن.

خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋاڭ دېلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يىغىلىپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە شياڭجياڭ دەرياسىدا قانلىق جەڭ قىلىپ، قانلىق يول ئاچتى، يەنە قان كېچىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇردى. ھازىر يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالمايمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى يېڭى بىر مۇساپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يەنە بىر 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت».

كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بالىلارنى كۆرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «سىلەر ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە بىلىملىك بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن بولۇپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىزنىڭ زامانىۋىلاشقان جۇڭگوغا تىرەك بولۇڭلار. بىز پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر بىر نىيەتتە تىرىشىپ زامانىۋىلىشىشقا ئاتلىنىشىمىز كېرەك».

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك يۆتكەلدى، ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ. كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىدىغان گەپ. ئارام ئېلىۋالىدىغان، پۇت - قولنى سۇنۇۋالىدىغان ھەرقانداق خىيالدا بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

لىجياڭ دەرياسىدا ئېكولوگىيەنى تەكشۈرۈش: «تەبىئەت جۇڭخۇا مىللىتىگە ھەدىيە قىلغان گۆھەر زېمىننى چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك»

«گۇاڭشىنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئالتۇنغىمۇ تېگىشكىلى بولمايدۇ.» − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گۇاڭشىغا مۇشۇنداق ئورۇن بەلگىلەپ بەردى.

بۇ قاراش شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى بىر مەزگىللىك كەچۈرمىشلىرىدە بىخلانغان.

«ئەينى چاغدا مەن ئەمدىلا 13 ياشتا ئىدىم. لىجياڭ دەرياسىغا بارغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا بىرنەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە لىجياڭ دەرياسىغا چۈشۈپ سۇ ئۈزدۇق. ئەينى چاغدا ھېس قىلىشىمچە دەريا يۈزى قېنىق كۆك رەڭدە بولۇپ، نۇر چاقناپ تېگىنى كۆرگىلى بولاتتى. دەريا بويىدىكى بېلىقچىلارنىڭ بېلىق سېۋىتىدىكى بېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كارپ بېلىقى بولۇپ، خۇددى رىۋايەتلەردىكى ھېكايىلەرگە ئوخشايتتى».

ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم لىجياڭ دەرياسىغا كەلدى.

ئۇ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم كەلگىنىمدە ئەڭ دىققەت قىلغىنىم سىلەرنىڭ دۇنياغا تونۇلغان تاغ - دەريالىرىڭلار بولدى. بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشىلىقىغا نېمە تەڭ كېلەلىسۇن؟ گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرىنى ياخشى قوغداش سىلەرنىڭ باش مەسئۇلىيىتىڭلار».

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گۇيلىن شەھىرى ياڭشو ناھىيەسىدىكى لىجياڭ دەرياسى ياڭدى پىرىستانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا لىجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيلىن شەھىرى لىجياڭ دەرياسىدىكى «قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، دەريانى تۈزەش، تاغنى تۈزەش، ماھىيەتتىن تۈزەش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تاش قېزىش مەيدانى، قانۇنسىز قۇم قېزىش، تۇرالغۇ كېمە ۋە تور ساندۇقىدا بېلىق بېقىش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، تۈزەپ، لىجياڭ دەرياسىغا سۇ تولۇقلاش، پاسكىنا سۇنى تۈزەش، ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى، لىجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلاندى، ئېقىن رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %80تىن ئاشتى، غول ئېقىننىڭ سۇ سۈپىتى يىل بويىⅡ تۈر ئۆلچىمىنى ساقلاپ قالدى.

«يەنە قانۇنسىز تاش قازىدىغانلار بارمۇ؟» دەپ ئالاھىدە سورىدى باش شۇجى.

«ھازىر يوق».

«ئەڭ قاملاشمىغىنى تاش قېزىش. بىر تاغ ۋەيران قىلىنسا، مۇشۇنداق بىر تاغ مەڭگۈ يوقايدۇ. پۈتۈن جۇڭگودا، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق بىرلا گۆھەر بار، ئۇنى ھەرگىز بۇزۇشقا بولمايدۇ. يەنە قالايمىقان قازسا، قالايمىقان كولىسا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپلا قالماي، يەنە قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى باش شۇجى.

ياڭدى پىرىستانىدىن پاراخوتقا چىقىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەريانى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشۈپ، لىجياڭ دەرياسىنىڭ ياڭشو بۆلىكىنى تەكشۈردى.

«تاغدىكى دەرەخلەرنى كېسىش چەكلەنگەندۇ» «قىرغاقتىكى ئاشۇ كەنتلەردە دېھقانلار ئارامگاھى تەرەققىي قىلدۇرۇلسا بولامدۇ - قانداق» «بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يىلدا قانچىلىك»... پالۇبىدا، باش شۇجى پات - پات لىجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سوراپ تۇردى.

شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا «تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، ئېكولوگىيەسى گۈزەل» بولۇشنىڭ بۇ يەرنىڭ ئالتۇن خەتلىك ماركىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلار يېشىل تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، گۇيلىن خەلقئارا ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«گۇاڭشى ساياھەت كەسپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.» باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتتى.

زۇمرەتتەك دەريا سۈيى، ئىككى قىرغاقتىكى ياپيېشىل تاغلار، تەبىئەتتىكى قالتىس كارامەتلىرى بۇ يەردە تولۇق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، دۇنيا خەلقىگە جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل، ئاجايىپ مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

«دەريالىرى ئوخشاركەن سۈزۈك لېنتىغا، تاغلىرى ئوخشاركەن زۇمرەت چاچ قىسقۇغا.» باش شۇجى قەدىمكىلەرنىڭ شېئىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، گۇيلىننىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ دۇنياغا تونۇلغانلىقىنى تەرىپلىدى، «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇشۇنداق گۈزەل نامغا ئىگە بولغانلار كۆپ ئەمەس. دۇنياغا تونۇلۇش ئېكولوگىيەسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، تەبىئىي گۈزەللىكىنى، سۈيىنىڭ سۈزۈك، تاغلىرىنىڭ يېشىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ».

يول بويى، ئۇ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا قايتا - قايتا مۇنداق تاپىلىدى: «سىلەر بۇ يەردە خىزمەت قىلغاندا، ئەڭ مۇھىمى بۇ يەرنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ياخشى ئاسرىشىڭلار كېرەك، بۇ تەبىئەت جۇڭخۇا مىللىتىگە ھەدىيە قىلغان بىر پارچە گۆھەر زېمىن، چوقۇم ياخشى قوغدىشىڭلار كېرەك، بۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ».

4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى:

«گۇاڭشىنىڭ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئالتۇنغىمۇ تېگىشىشكە بولمايدۇ، گۇاڭشىنىڭ تاغ - دەريالىرىنى ياخشى قوغداش بىزنىڭ زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك تارىخىي مەسئۇلىيەت».

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى.

شياڭشەن شۈييۆ گۇيلىن تاغ - دەريالىرىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيلىن شەھىرىنىڭ شياڭبىشەن باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

باغچىدا سەيلە قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە كېلىپ چۆرىدەپ تۇرۇپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

«سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

«بىز جېجياڭ جياشىڭدىن كەلدۇق» «فۇجيەن فۇجوۋدىن» «بىز گۇيلىننىڭ ئۆزىدىن»... كۆپچىلىك بەس - بەستە جاۋاب بەردى.

«قاراڭلار، چۈنلەن، چيۇجۈ گۈلىگە، ھەر گۈلنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆزگىچە! جياشىڭدا گۈزەل مەنزىرە بار، فۇجوۋدىمۇ گۈزەل مەنزىرە بار، گۇيلىندىمۇ گۈزەل مەنزىرە بار، بىر - بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش كېرەك.» دېدى باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇرۇلۇپ تۇرۇپ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنۇلارنى دېدى: «پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسى قەيەردىن كەلگەن؟ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتىدىن كەلگەن. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇسلۇب، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت شەھىرى، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك».

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىش، ماھىيەتتە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر تەپسىلات چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك بولدى.

ماۋجۇشەن كەنتىدە، 800 نەچچە يىللىق بىر تۈپ ياۋا چىلان دەرىخى يەنىلا بۈك - باراقسان ياشىرىپ تۇراتتى. دەرەخ تۈۋىگە كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا قاراپ مۇنۇلارنى دېدى: «مەن ئۇزاق يىل ياشىغان دەرەخلەرگە نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولىمەن. ئادەم نەچچە ئون يىل ياشىيالايدۇ؟ ئۇنىڭغا نەچچە يۈز يىل بوپتۇ».

«مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئادەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى يوقىتىدۇ. ئېكولوگىيە ھەققىدە توختالغاندا، ئەڭ ئاساسلىقى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئىنتىلىش كېرەك. بۇنداق تەرەققىيات قارىشى، ئېكولوگىيە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك، بۇ ھازىرقى دۇنيا ئېقىمىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن كەلگەن».

ليۇجياڭ دەرياسى بويىدا كەسىپلەرگە نەزەر سېلىش: «يېڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزالايمىز، ئاندىن ئالدىنقى قاتاردا ماڭالايمىز»

ليۇجوۋ، گۇاڭشىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت شەھىرى، ئاپتوموبىل، ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈرنى باشلامچى كەسىپ قىلغان بولۇپ، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ليۇجوۋغا كېلىپ، «بىر ئېغىر، بىر يېنىك» ئىككى كەسىپنى نۇقتىلىق تەكشۈردى: بىرى، چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى ياسايدىغان جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىرى «توردا ئالقىشلانغان مەززىلىك يېمەكلىك» لوسىفېن كەسپى.

گۇاڭشى ليۇگۇڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ليۇگۇڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى توغرىسىدىكى قىسقا سىن فىلىمىنى كۆردى:

1958 - يىلى، بىر توپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدىن ليۇجياڭ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا كېلىپ، قاقاسلىقتا جۇڭگو قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ بىر مۆجىزىسىنى ياراتتى. بۈگۈنكى كۈندىكى ليۇگۇڭ تەرەققىي قىلىپ ئومۇمىي مۈلكى 45 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان، قېزىش ماشىنىسى، يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى قاتارلىق 13 چوڭ تۈردىكى 32 خىل پۈتۈن ماشىنا مەھسۇلات لىنىيەسىگە ئىگە خەلقئارالاشقان كارخانىغا ئايلاندى.

«شىمالدا شۈگۇڭغا، جەنۇبتا ليۇگۇڭغا قارايمىز. بۇ يەر بەلگە خاراكتېرلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسى، شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا». باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ليۇگۇڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ياخشى ئىشلەپتۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز قولىدا ئىگىلەپتۇ، مانا بۇ بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى.

سىرتتا، چوڭ تىپتىكى قاچىلاش ماشىنىسى، كىچىك تىپتىكى قېزىش ماشىنىسى، شېكەر قومۇشى ئورۇش ماشىنىسى... ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى «ليۇگۇڭدا ياسالدى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ماشىنىلار قاتار - قاتار تىزىلغان بولۇپ، شىركەت مەسئۇلى ھەممىنى پىششىق بىلەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن «باھاسى قانچە» «سېتىش يولى قانداق» «باشقا قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى كارخانىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قانداق پەرقلىق رىقابەت ئەۋزەللىكى بار؟»... دەپ تەپسىلىي سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە كارخانا تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبە مەركىزىنىڭ ئاۋازنى قىسمەن پەسەيتىدىغان تەجرىبىخانىسى، قېزىش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كىرىپ، تېخنىك خادىملار، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار ۋە باشقۇرغۇچى خادىملاردىن ئالاقىدار تېخنىكا تەپسىلاتى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى.

كارخانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى كارخانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. بۇنداق چوڭ دۆلەتتە، ساختىلىق قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، بىر خىللاشتۇرۇشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، ئاساس چوقۇم پۇختا بولۇشى كېرەك. مەيلى بىز تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتەيلى، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئايرىلساق، ياسىمىچىلىققا سەل قارىساق بولمايدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا، يېڭىلىق يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم، يېڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزالايمىز، ئاندىن ئالدىنقى قاتاردا ماڭالايمىز، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىمىز كېرەك.

كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق دادىل ئىزدىنىش كېرەك.

جابدۇق ياسىمىچىلىقىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، «سانائەت تەپەككۇرى»غىمۇ ئىگە ليۇجوۋلۇقلار يەنە بىر قاچا لوسىفېننى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى.

ليۇجوۋدىكى لوسىفېن ئىشلەپچىقىرىش توپلاشقان رايوندىكى مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، لوسىفېننى مەدھىيەلەيدىغان بىر پارچە شېئىر باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى: «گۈرۈچتىن ئىشلەنگەن نازۇ - نېمەت، ئۆزى كىچىك روھى كارامەت. پىنتوزىمىز ياخشى بولغاچ كۈنلەر ئۆتەر خاتىرجەم، قۇلۇلىسىمان پىنتوزىمىز تونۇلدى جاھانغا ئالامەت».

ليۇجوۋ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداش باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ليۇجوۋ لوسىفېننى كەسىپلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، لوسىفېننى خالتىلىق تەييار يېمەكلىك قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ساقلاش، توشۇش قىيىن بولغان مەززىلىك يېمەكلىكنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈردى.

قىسقىغىنا ئالتە يىلدا، ليۇجوۋ لوسىفېن كەسپىدە «ئۈچ 10 مىليارد يۈەن»نى ئىشقا ئاشۇردى: خالتىلىق لوسىفېن سېتىش كىرىمى 11 مىليارد يۈەن، يۈرۈشلەشتۈرۈش شۇنداقلا ھاسىلىي كەسىپلەرنىڭ سېتىش كىرىمى 13 مىليارد يۈەن، ئەمەلىي گەۋدە دۇكانلىرىنىڭ سېتىش كىرىمى 11 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتتى.

«ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ! كىچىك مىفېندىن بۇنداق زور كۆلەملىك كەسىپنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس، ياخشى تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلەشكە ئەرزىيدۇ» دېدى، باش شۇجى ماختاپ تۇرۇپ.

كۆرگەزمە زالىغا ھەر خىل خالتىلىق لوسىفېن مەھسۇلاتلىرى تىزىلغان بولۇپ، سۇدا پىشۇرۇلىدىغىنى، ئۆزى ئىسسىيدىغىنى، چىلايدىغىنى بار ئىدى. يېنىدا يەنە لوسىفېن شورپىسى قاينىتىدىغان باجياۋ، گۈيپى، شاجياڭ قاتارلىق خام ماتېرىياللار شۇنداقلا چۈچۈمەل بامبۇك نوتىسى، چۈچۈمەل دوۋجياۋ، فۇجۇ قاتارلىق يانداش كۆكتاتلار بار ئىدى.

«چۈچۈمەل، تاتلىق، قىرتاق، ئاچچىق، تۇزلۇق، ھەر خىل تەملىكى بار ئىكەن. جەنۇبنىڭ شىمالنىڭ دەپ ئايرىماي كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ يەيدىكەن». دېدى، باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ.

تەييار مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە گۇاڭشى شەنيۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، مەركىزىي ئاشخانىدىن ئوراپ قاچىلاش سېخىغىچە كىرىپ، لوسىفېن ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: «كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم خاسلىق بولۇشى كېرەك. لوسىفېننىڭ ئۆزى بىر خاسلىق بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى تۇتۇپ، يېمەك - ئىچمەك كەسپىنى بارلىققا كەلتۈردى. سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش يولىدا داۋاملىق مېڭىش بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى ئۆلچەمنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە لوسىفېن كەسپى تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدۇ».

كەسىپ تەرەققىياتىدىن پۇقراۋى ئىگىلىك ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: لوسىفېننى كەسىپلەشتۈرۈش جەريانىدا، پۇقراۋى كارخانىلار مۇھىم رول ئوينىدى. پۇقراۋى كارخانىلار جانلىق بولۇپ، بۆسۈشكە جۈرئەت قىلالايدۇ. بىز پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا قوللىغانلىقى، گاڭگىراپ قالغاندا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خاتىرجەم، دادىل تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىدۇر.

مىللەتلەر مۇزېيىدا ئۇزۇن سەپەرگە قايتا ئاتلىنىش توغرىسىدا توختىلىش: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا، يېڭى مۇساپىدە بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»

4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيىنىڭ سىرتىدا لەرزان ناخشا ئاۋازى ياڭراپ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى «گېشۈ بايرىمى» جۇاڭزۇلار ئېيتىشىشى قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بۇ يەردە مەركەزلىك نامايان قىلىنىۋاتاتتى.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، چىرايلىق كىيىنگەن ھەر مىللەت ئامما ھاياجانلانغان ھالدا كېلىپ باش شۇجىنى چۆرىدەپ تۇردى.

«مەن يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ۋاقىت چىقىرىپ مۇزېيغا بېرىپ باقىمەن، كۆرۈپ باقىمەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت شۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دېدى: «گۇاڭشىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا، تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن 12 مىللەت ۋەكىللىكىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ، تىرىشچانلىقى، باتۇرلۇقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ گۇاڭشى تۇپرىقىنى گۈزەل، باياشات قىلىپ ياشارتىپ كەلدى».

باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى دېدى: «گۇاڭشىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى زور بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم. جۇڭگولۇقلارنىڭ گېپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گېپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ گېپى گەپ بولىدۇ!»

كىشىلەر توپىدا گۈلدۈراس قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى، كۈچى، ئۈمىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: گۇاڭشى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ھازىر پۈتۈن جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىمىز نەقلەشتى. لېكىن بىز توختاپ قالساق بولمايدۇ، ئەمدى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، غەيرەت قىلايلى، تىرىشايلى، ئۇزۇن سەپەرگە قايتا ئاتلىنايلى!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)