ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2021年04月28日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ نەننىڭ شەھىرىدىكى گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيىنىڭ سىرتىدا، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى «گېشۈ بايرىمى» مىللەتلەر مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ گۇاڭشى ليۇگۇڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چېگرادىكى مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىپ كىرىشتە يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، چېگرا رايوننىڭ ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ شىنشې ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى لەن تيەنلىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گۇيلىن، ليۇجوۋ، نەننىڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى، يېزا، كارخانا، مىللەتلەر مۇزېيى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇيلىن شەھىرى چۈەنجوۋ ناھىيەسىنىڭ سەيۋەن بازىرىغا جايلاشقان قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسىغا كېلىپ، شياڭجياڭ ئۇرۇشىدىكى قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ تەزىم قىلدى، «قىزىل ئارمىيە روھى» ھەيكىلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى، خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 1934 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ شياڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ قىزىل ئارمىيەنى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدە قورشاپ يوقىتىش غەرىزىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، نەچچە ئونمىڭ قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكىرى شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى قان بىلەن بويىدى، بۇ ئۇرۇش جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تارىخىي ۋەقەگە ئايلاندى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ گۇاڭشىغا تەكشۈرۈشكە بارغاندىكى تۇنجى بېكەتتىلا بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىم پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىنقىلابىي ئىرادىنى چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، غايە - ئېتىقاد ئوتى تۇتاشتۇرۇلغان ھامان غايەت زور مەنىۋى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى بېسىپ چۈشۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان ھەم ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان ئالىيجاناب روھى بىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىدە، بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىمىزنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ سەيۋەن بازىرىنىڭ ماۋجۇشەن كەنتىگە كەلدى. بۇ كەنت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شى جىنپىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش باغچىسىغا كىرىپ، ئۈزۈملەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۈزۈم شۇڭلىرىنى باغلىشىغا، ئۇچلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يۇرتداشلار بەس - بەستە كېلىپ چۆرىدەپ تۇردى. شى جىنپىڭ ئۈزۈمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى، سېتىلىش يولى، باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، مەۋقەنى خاس بايلىققا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ پىيادە ماڭغاچ كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم كەنت ئاھالىسى ۋاڭ دېلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى. ۋاڭ دېلى باش شۇجىغا ئائىلىسىنىڭ 12 مو يەردە ئۈزۈم ئۆستۈرگەنلىكىنى، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى، بۇلتۇر ئائىلە كىرىمىنىڭ 140 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ياخشى تۇرمۇش كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. سىلەرنىڭ ئىشچانلىقىڭلار، ئەقىل - پاراسىتىڭلارغا تايىنىپ تۇرمۇشۇڭلارنى تېخىمۇ شېرىن ئۆتكۈزۈشىڭلارنى، تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. پەن - تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىلىم ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يۇرتداشلار يۇقىرى ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، ئارام ئېلىۋالىدىغان، پۇت - قولنى سۇنۇۋالىدىغان ھەرقانداق خىيالدا بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيلىن شەھىرى لىجياڭ دەرياسىدىكى «قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، دەريانى تۈزەش، تاغنى تۈزەش، ماھىيەتتىن تۈزەش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، لىجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىدى. 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ گۇيلىن شەھىرى ياڭشو ناھىيەسىدىكى لىجياڭ دەرياسى ياڭدى پىرىستانىغا كېلىپ، لىجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم كېمىگە ئولتۇرۇپ لىجياڭ دەرياسىنىڭ ياڭشو بۆلىكىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان ئېكولوگىيە قارىشى، تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئەتتىن ئەيمىنىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرنىيەتتە بولۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، تاغ، دەريا ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاشنى بىرتۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قالايمىقان قېزىش، قالايمىقان كولاشنى توسۇپ، ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، ئومۇمىي ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، شى جىنپىڭ گۇيلىن شەھىرى شياڭبىشەن باغچىسىغا كېلىپ، تاغ - دەريالارنىڭ قىياپىتىگە يىراقتىن نەزەر سالدى، پىيادىلەر يولىنى بويلاپ سودا، پوچتا قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ساياھەتچىلەر يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» دەپ تەنتەنە قىلىشتى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۇيلىن تاغ - دەريالىرى دۇنياغا تونۇلغان ساياھەت داڭلىق شەھىرى. بۇ، تەبىئەت جۇڭخۇا مىللىتىگە ھەدىيە قىلغان بىر پارچە گۆھەر زېمىن، چوقۇم ياخشى ئاسراش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى يارىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ، ئۇسلۇب، دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كۆڭۈل ئېچىشقا باب كېلىدىغان، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ياخشى مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىش كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ليۇجوۋ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. گۇاڭشى ليۇگۇڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىركەت كۆرگەزمە زالى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبە مەركىزى، قېزىش ماشىنىسى قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاساسلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ياسىمىچىلىقتىن ئايرىلالمايدۇ، كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يېڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزالايمىز، ئاندىن ئالدىنقى قاتاردا ماڭالايمىز، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كارخانا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ليۇجوۋدىكى لوسىفېن ئىشلەپچىقىرىش توپلاشقان رايونغا كېلىپ، لوسىفېن خاس كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇشتىكى بىر چوڭ ئەمەلىي تەدبىرى، ئۆز شارائىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆتكىلىنى ئىگىلەپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

گۇاڭشى دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاپتونوم رايون. 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ نەننىڭ شەھىرىنىڭ يۇڭجياڭ دەرياسى ساھىلىغا جايلاشقان گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيىغا كېلىپ، جۇاڭزۇ مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. مۇزېي سىرتىدا، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى «گېشۈ بايرىمى» جۇاڭزۇلار ئېيتىشىشى قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بۇ يەردە مەركەزلىك نامايان قىلىنىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۇاڭشى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى، كۈچى، ئۈمىدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان - شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، گۇاڭشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ گۇاڭشى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ شۇ جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى پىرىنسىپ، تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش، ھەم ئۆز رايونىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ئېچىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، يېشىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشەببۇسكار ھالدا چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرىگە ئۇدۇللىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا سىڭىشىپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئورتاق قۇرۇپ، دېڭىزغا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى ئوچۇق تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسقا دائىملىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملاشما يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەۋقەنى گۇاڭشىنىڭ ئورمان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، چارۋا، شېكەر قاتارلىق خاس بايلىقىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشچىلار ۋە شەھەر - بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى، تېز يەتكۈزگۈچى، ۋەيمەي تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچى قاتارلىقلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا بولغان قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈزبېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۇاڭشىنىڭ قىزىل بايلىقى مول، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بۇ قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتا، ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچنى كۈچەيتىش كېرەك، بۇ، بىزنىڭ بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز، بارلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ. ماركسىزم، كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، باشتىن - ئاخىر قەيسەر ئىرادىنى ساقلاپ، تۈرلۈك ئېغىر، زور قىيىنچىلىق ۋە كەسكىن خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەنلىكى، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ئىلمىي ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، باشتىن - ئاخىر يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەمىزنىڭ چوقۇم خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان، يېڭى دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان تارىخىي تۆھپىلەرنى تىرىشىپ يارىتالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچ چىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. باشتىن - ئاخىر پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلىجىتىشنى تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجە ۋە تېخىمۇ زور ئىدارە قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.