شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، ئىراق زۇڭتۇڭى بەرھەمگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2021年04月28日
来源:天山网
【字体:

ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسى چۆكمە پاراخوتىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەنلىكى، ئىراقتا دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن​

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، ئىراق زۇڭتۇڭى بەرھەمگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چۆكمە پاراخوتىنىڭ يېقىندا چۆكۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر چۆكمە پاراخوتىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ چۆكۈپ كېتىپ، نۇرغۇن ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىراقتا دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراق زۇڭتۇڭى بەرھەمگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.