جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

日期:2021年04月17日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8 - سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، بۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بىز پارتىيە قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز، خەلققە بولغان ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە چىڭ تايىنىپ، قاتمۇقات توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كەينى - كەينىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز خارابلىشىشتىن تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، گۈللىنىش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ سىجىل مېڭىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى تاللىشى توغرا، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرا، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت تەرەققىياتىنى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى توغرا، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار، تېخىمۇ ئىقتىدارىمىز بار. بىز تامامەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.