جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ

日期:2021年04月13日
来源:天山网
【字体:

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن <مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش> ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» باش تېما قىلىنغان، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، ھەر مىللەت خەلق ياخشى دەيدىغان دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا تۆھپە قوشۇشقا قويۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ. 1 - باسقۇچ 2021 - يىلى 5 - ئايدىن بۇرۇن بولۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋە مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىدۇ، تەشۋىق قىلىنىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنىدۇ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنىڭ گۈزەل كەلگۈسى تەشۋىق قىلىنىدۇ. 2 - باسقۇچ 2021 - يىلى 5 - ئايدىن يىل ئاخىرىغىچە بولۇپ، 6 -، 7 - ئايلاردا يۇقىرى دولقۇن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلىشى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، باش تېمىسى گەۋدىلىك، خاسلىقى روشەن بولغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش پائالىيىتى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى چۆرىدەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىنىدۇ. ئىككىنچى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتى. ئىنقىلابىي ئەسلىي جاي، ئىنقىلابىي خاتىرە ساراي، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، پارتىيە دەرسى سۆزلەش ۋە نادىر پارتىيە دەرسىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى. «پارتىيە دەرسىنى سۆزلەش باشلاندى» پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلار پارتىيە دەرسى سۆزلەشكە تەشكىللىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش سۇپىلىرىدا مەخسۇس تېمىلىق سەھىپە تەسىس قىلىنىپ، بىر تۈركۈم نادىر پارتىيە دەرسلىرى مەركەزلىك كۆرسىتىلىدۇ. تۆتىنچى، ئۆگىنىش - ھېس قىلىش پائالىيىتى. دىققەت پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش - كېڭەيتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم ئۆگىنىش - ھېس قىلىش لىنىيەلىرى ۋە نادىر قىزىل ساياھەت لىنىيەلىرى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىنىپ، يولغا قويۇلۇپ، كادىرلار، ئامما نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يېقىن ئەتراپتا، قولاي قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىنىدۇ. بەشىنچى، باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى. پۇقرالار لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى كەڭ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، مۇھىم ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر ۋە گۇۋاھچىلار، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى، ئەمەلىيەت خىزمەتچىلىرى، بولۇپمۇ دەۋر نەمۇنىچىلىرى، ئەڭ گۈزەل شەخس قاتارلىقلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئالتىنچى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پارتىيەگە تەلپۈنۈش تەربىيە پائالىيىتى. «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» تېلېۋىزىيە مەخسۇس پىروگراممىسى ئىشلىنىپ، كۆرسىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىنىدۇ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلىنىدۇ. يەتتىنچى، تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى. باش تېمىلىق ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە نامايان قىلىش، كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مىكرو كىنو، مىكرو سىن قاتارلىقلارنى يۇغۇرما تاراتقۇدا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، قىزىل تېمىدىكى كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىنىدۇ. دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشتىكى يېڭى ئۆرپ - ئادەتلەر مۇستەھكەملىنىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، «بىزنىڭ بايرىمىمىز» پائالىيىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر، يېزا، مەھەللىلىرىدە قوشنىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيەنىڭ كاتتا مۇراسىمى، خەلقنىڭ بايرىمى» بولۇشتەك قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل - ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ئاڭلاپ قوبۇل قىلالايدىغان تىلنى كۆپرەك قوللىنىپ، ئامما قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، قاتنىشالايدىغان سۇپىلارنى كۆپرەك قۇرۇپ، تۈرلۈك خاسلىقى روشەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق - تەربىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە تەسىر قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بىخەتەرلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىقات لوزۇنكا شوئارلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.