ۋەزىيەت، ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2021年04月12日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ۋەزىيەت، ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرى. ۋەزىيەت، ۋەزىپە ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقى، بايلىق جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئەمگەك - مۇلازىمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، رايونلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان ئورۇنلىرى ياردەم بېرىش - يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەملىكەتلىك شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نىڭشيا يىنچۇەندە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش ۋە نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىشىدىكى قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى ۋە كادىرلار قوشۇنىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئۇدۇللىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەمكارلىشىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەزدىكى ئورۇنلار كادىرلارنى تاللاپ ئەۋەتىش، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان ناھىيەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.

يىغىندا شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئۇقتۇرۇلدى. نىڭشيا، بېيجىڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇيجوۋ، گەنسۇدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىشىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم بېرىش - يۆلەش بويىچە باشلامچى تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.