لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

日期:2021年04月01日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش چۆرىدىلىپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە جەزمەن نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ساقلاش»تىكى تەدبىرلەرنى پۇختىلاپ، «مۇقىملىق» ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش چۆرىدىلىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش. ئىجازەت تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەت سانىنى ئازايتىپ، ئىجتىمائىيلاشقان كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىلىرىنى قىسقارتىش، ماتېرىياللارنى ئازايتىش، ۋاقىت چەكلىمىسىنى قىسقارتىش، ھەقنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاۋار ماركىسى پاتېنتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش پۈتۈن جەريانىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كارخانىلار ۋە خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن تاۋارلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، پورت ھەققىنى كېمەيتىپ قوشۇۋېتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى قوللاش. بەلگىلىمىگە خىلاپ تەسىس قىلىنغان نىمكەش ئاپتوموبىلنىڭ كۆچۈپ كىرىش چەكلىمىسىنى ئېنىقلاپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى قاتارلىقلارنىڭ بازار ئىجازىتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىش كېرەك. تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش. خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئىشلىرىنى «ئۆلكە ئاتلاپ بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كىرگۈزۈپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تىجارەت ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش. قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنىڭ زۆرۈر كاپالىتى قىلىپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقى ئۆلچىمى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغانلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ئادىل باشقۇرۇش، قايىل قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل بەزى باسقۇچلۇق سىياسەتلەرنى تەڭشەش بىلەن بىللە، «جىددىي بۇرۇلۇش» قىلماي، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يىغىندا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىققا يەنىمۇ مەدەت بېرىدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بېكىتىلدى. بىرىنچى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقى زورايتىلىدۇ ھەم يەككە سودا-سانائەتچىلەر ئېتىبار بېرىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنىڭ 1 مىليون يۈەنگە يەتمەيدىغان قىسمىدىن ھازىرقى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئاساسىدا، يەنە تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىپ، ئەمەلىي باج سېلىقى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئىككىنچى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش چېكى ھازىرقى ئايلىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىر ماشىنىلىرى، ئەسۋاب-پىرىبورلار، تېببىي دورا، خىمىيەۋى تالا قاتارلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى ئىلغار ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى توغرىلاپ باج قايتۇرۇش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاشقان باجنى ئاي بويىچە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىش يولغا قويۇلىدۇ. يۇقىرىقى سىياسەتلەرگە چىقىرىلىپ بولغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوشقاندا، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 550 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باجنىڭ كېمەيتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باج كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، باجدىن باشقا كىرىمنى تەرتىپلىك، مۇۋاپىق ئازايتىپ، تۈرلۈك ناملاردا قالايمىقان ھەق ئېلىپ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى ۋە ئىسلاھاتىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ زور نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، جانلىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، قارىغۇلارچە يېڭى يايما يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.